باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • ئامرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن يېڭى خەۋەرلەر - [خەلقئارا خەۋەرلەر]

    2008-03-09



    سۆرەتتە:4-مارت ئامرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ سان ئانتونىئودا ئىللىنويىز شىتاتىلىق پارلامىت ئەزاسى ئوباما بىر يىغىلىشتا قوللىغۇچىلېرىغا قول پۇلاڭلاتماقتا.


    سۆرەتتە:نىيۇيورك شىتاتىلىق پارلامىت ئەزاسى ھىلارى.كىلىنتون.



    سۆرەتتە:مەكئوۋىن
    4-مارت تېكساس شىتاتى،ئوخىئو شىتاتى، ۋېرمونت شىتاتى ۋە رودې ئارىلى شىتاتى قاتارلىق تۆت شىتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق سايلام ئارقىلىق،ئارىزونا شىتاتىلىق پارلامىت ئەزاسى مەك ئوۋېن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئىچىدىكى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىدىغان نامزاتنى كۆرسىتىشتە غەلبە قىلدى،ئەمما دېمكۇراتلار پارتىيىسى تەرەپتە سابىق بىرىنچى خانىم ھىلارى.كىلىنتون يۇقارقى 4شىتاتنىڭ ئۈچىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۇدا 11شىتاتتا ئىزچىل غەلبە قىلىپ كېلىۋاتقان ئوبامانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.شۇنداق قىلىپ دىمكۇراتلار پارتىيىسى ئىچىدىكى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىدىغان نامزاتنى كۆرسىتىش تېخىمۇ تەسلەشتى.ئەمما پارتىيە ئىچىدىكى زاتلاردىن ئوبامانى قوللايدىغانلارنىڭ سانى ھىلارىنى قوللايدىغانلارنىڭ سانىدىن160كۆپ بۇلۇپ،ھىلارىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نامزات كۆرسىتىشتە ئۇتۇپ چىقىشى يەنىلا بىر ئاز تەس.

    收藏到:Del.icio.us