-
2011-03-18
جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى [3] - [سـىـيـاســى]
1- باپ پارىتيە ئەزالىرى
1- ماددا: يىشى 18 گە تولغان جۇڭگۇ ئىشچىللىرى ، دىھقانلىرى ، ھەربىيلىرى ، زىيالىلىردىن ۋە باشقا ئىجتىمايى تەبىقىلەردىكى ئىلغارلاردىن پارىتيەنىڭ پىرگۇراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئىتىراپ قىلدىغان ، پارىتيەنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلەش ، پارتىيەنىڭ قارارلىرنى ئىجرا قىىلش ۋە ۋاختى قەرەلىدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلار جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلۇدۇ .
2- ماددا: جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارىتيەسىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كومۇنىسىك ئاڭغا ئىگە ئاۋانگىرات جەڭچىسىدۇر .
جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جاندىل بىلەن خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىىلشى ، ئوزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان بىرىشتىن باش تارىتماي كومۇنىزىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولدا ئۇمۇرۋايەت كورەش قىلشى شەرىت . جۇڭگو كومۇنىسىك پارىتيەسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۇ ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسىدۇر . كومپارىتيەنىڭ بارلىق ئەزالىرى قانۇن ۋە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىردىكى شەخسىي مەنپەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا ھەرقانداق خۇسۇسىي مەنپەت ۋە ئىمتىيازنى كوزلىمەسلىكى كىرەك .
3-ماددا: پارىتيە ئەزالىرى توۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلشى شەرىت :
(1) ماركىسىزىم ،لىنىنىزىم ،مازىدوڭ ئىددىيسى ،دىڭشاۋپىڭ نەزىريىسى ۋە ‹‹ ئۇچكە ۋەكىللىك قىىلش ›› مۇھىم ئىددىيسىنى ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ، پارتىيەنىڭ لۇشەن، سىياسەت ، فاڭجىن ، ۋە قارارلىرنى ، پارىتيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ، پەن مەدىنيەت بىلىملىرى ، قانۇن ۋەكەسپىي بىلىملەرنى ئەستايدىل ئۇگۇنىش ، خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىىلش ئىقتىدارنى تىرشىپ ئوستۇرۇش .
(2) پارىتيەنىڭ ئاساسىي لۇشەنى ۋە تۇرلۇك فاڭجىن سىياسەتلىرنى ىئزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ، ئىسلاھات ئىچىۋىتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇۇرش قۇرلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىش ، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەقىيات ۋە جەمىيەتنىڭ ئالغا بىسىشى ئۇچۇن جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلشىغا تۇرۇتكە بۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت ، ئۇگۇنىش ۋە ئىجتىمايى تۇرمۇشتا ئاۋانگىراتلىق ، ۋە نەمۇنىلىك رول ئويناش .
(3) قەتتىي ئىغىشماي پارتىيە ۋە خەلىق مەنەپتىنى ھەممىدىن ئۇستۇن قۇيۇش ، شەخسىي مەنەپتنى پارىتيە ۋە خەلىق مەنپەتگە بۇيسۇندۇرۇش ، جاپادا ئالدىدا ، ھالاۋەتتە ئارقىدا تۇرۇش ، ئوز نەپسىدىن كىچىپ ئومۇم ئۇچۇن ئىشلەش ، كوپ توھپە قۇشۇش .
(4) پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رۇئايە قىىلش ، دولەتنىڭ قانۇن نىزاملىرغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىىلش ، پارتىيە ۋە دولەتنىڭ مەخپىيتىنى قاتتىق ساقلاش ، پارىتيەنىڭ قارارنى ئىجرا قىىلش ، تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنىش ، پارىتيەنىڭ ۋەزىپىلىرنى ئاكتىپ ئورۇنداش .
(5) پارىتيەنىڭ ئىتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش ، پارتىيگە سەمىمىي ۋە سادىق بۇلۇش ، سوز ھەركەتتە بىردەك بولۇش ، بارلىق مەزھەپچىلىك تەشكىلاتلىرغا ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەركەتلىر گە قەتتى قارشى تۇرۇش ، كۇرۇنىشتە ئەمەل قىلغان بۇلۇپ ئاستىرىتتىن خىلاپلىق قىلدىغان ئىككىي يۇزلىملىك قىلمىشلىرغا ۋە بارلىق سۇيقەسىت ، ھىلە مىكىرلەرگە قەتىي قارشى تۇرۇش .
(6) تەنقىت ۋە ئوز –ئوزىنى تەنقىتنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇش ،خىزمەتتىكى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنى دادىل ئىچىپ تاشلاش ھەم تۇزۇتۇش ، پاسسىپلىق ، چىرىكلىككە قارشى قەتتىي كورەش قىلىش .
(7) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش ، ئاممىغا پارىتيەنىڭ تەشەببۇسلىرنى تەشۋىق قىىلش ، ئامما بىلەن بار مەسلىھەت ئىش قىىلش ، ئاممىنىڭ پىكر ۋە تەلەپلىرنى پارتىيەگە ۋاختىدا ئىنكاس قىىلش ، ئاممىنىڭ ھەققانىي مەنپەتنى قوغداش .
(8) سوتسىيالىستىك يىڭى كەيپىياتنى جارى قىلدۇۇرش ، سوتسىيالىستىك شەەرپ نۇمۇس قارشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمىليەتتە كورسىتىش ، كومۇنىستىك ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش ، دولەتنىڭ ۋە خەلىقنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۇچۇن بارلىق قيىين ۋە خەتەرلىك پەيىتلەردە كوكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ باتۇرلۇق بىلەن كورەش قىلىش قۇربان بىىرشتىن قۇرۇقماسلىق .
4- ماددا: پارتىيە ئەزالىرى توۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بۇلۇدۇ :
(1)پارىتيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىر ىغا قانىشىدۇ، پارىتيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھوججەتلىرنى كوردۇ ، پارىتيەنىڭ تەربىيسى ۋە تەلىمىنى ئالدۇ .
(2) پارىتيەنىڭ سىياسەتلىرگە دائىر مەسىلىلەر ئۇستىدە پارىتيە يىغىنلىردا ۋە پارىيەنىڭ گىزىت ژۇرناللىردا ئىلىپ بىرىلغان مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ .
(3) پارتىيە خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئۇتتۇرغا قويدۇ .
(4) پارىتيە يىغىنلىردا پارىتيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنى ئاساس كورسىتىپ تەنقىت قىلدۇ ،پارتىيە ئالدىدا پارىتيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ قانۇن نىزاملارغا خىلاپ ئىشلىرنى جاۋاپكارلىق بىلەن پاش قىلدۇ ، ئاشكارلايدۇ ، قانۇن نىزانغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرنى جازالاشنى تەلەپ قىلدۇ ، خىزمەتنىڭ ھوددىستىن چىقالمىغان كادىرلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇۇرشنى تەلەپ قىلدۇ .
(5) ئاۋاز بىرىش ھوقۇقى ، سايلاش ھوقۇقىنى يۇرگۇزىدۇ ، سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇدۇ .
(6) پارىتيە تەشكىلاتى پارىتيە ئەزالىرغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى برىشنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئوتكۇزۇش ياكى ئۇلارنى باھالاش ۋاقتىدا پارىتيە ئەزاسىنىڭ ئوزى قاتنىشىشقا ۋە ئوزنى ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق ، پارىيەنىڭ پارىتيەنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋالىق بەرسە ،ئۇنى ئاقلىدا بۇلۇدۇ .
(7) پارتىەينىڭ قارار ۋە سىياسىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا قارار ۋە سىياسەنى قەتتىي ئىجرا قىىلش شەرتى ئاستىدا ، ئوز پىكرىدە قالدىغانلىقىنى بۇلدۇرسە بۇلۇدۇ ھەم ئۇز پىكرىنى پارتيىنىڭ يۇقۇرى دەرجىلك تەشكىلاتىغا ، ھەتتا مەركىزى كومۇتىتقىچە سۇنسا بۇلۇدۇ .
(8) پارىتيەنىڭ يۇقۇرى دەرجىلك تەشكىلاتىغا ، ھەتتا مەركىزى كۇمۇتىتقا ئىلتىماس ، ئەرىز ۋە شىكايەت سۇنالايدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاپ بىرشىنى تەلەپ قىلالايدۇ . پارىتيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ، ھەتتا ماركىزى كومۇتىتنىڭ پارتىيە ئەزالىرنى يۇقۇردىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇن قىلىشقا ھەققى يوق .
5- ماددا: پارتىيەگە ئەزا قۇبۇل قىلشتا پارىتيە ياچىكىسىدىن ئوتكۇزۇش ، ئايرىم ئايرىم قوبۇل قىلش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرشى شەرىت .
پارىتيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پارتيەگە كىرىش تەلەپنامىسىنى تولدۇردۇ ، ئىككى نەپەر رەسمىي پارىتيە ئەزاسى تۇنۇشتۇرغۇچى بولۇدۇ ، ياچىكا يىغىننىڭ ماقۇللىقى ۋە يۇقۇرى دەرجىلك پارتىيە تەشكىلاتنىڭ تەستىقىدىن ئوتكەن، شۇنىڭدەك كاندىداتلىق مۇددىتىدە سىنالغاندىن كىيىن ئاندىن رەسمىي پارىتىيە ئەزاسى بۇلۇدۇ .
تۇنۇشتۇرغۇچىلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىدىيسى ، پەزىلىتى ، تارىخى ۋە خىزمەتىكى ئىپادىسىنى ئەسايدىل ئىگلشى، ئۇنىڭغا پارىيەنىڭ پىرگۇراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى چۇشەندۇرشى،پارىتيە ئەزالىرنىڭ شەرتى،مەجبۇريىتى ۋە ھوقۇقىنى ئۇچۇق ئىيىتشى ھەم بۇنى پارىتيە تەشكىلاتىغا مەسئۇللۇق بىلەن مەلۇم قىلشى كىرەك .
پارتىيەنىڭ ياچىكا كومۇتىتى پارىتيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇسىدە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىدىن پىكىر ئىلىشقا ئەھمىيەت بىرىپ،قاتتىق تەكشۇرۇش ئارقىلىق لاياقەتلىك دەپ ھىساپلىسا،ئاندىن ياچىكا يىغىننىڭ مۇزاكىرسىگە قۇيشى كىرەك .
پارتىيەنىڭ يۇقۇرى دەرجىلىك تەشكىلاتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پارتىەيەگە كىرشىنى تەستىقلاشتىن ئاۋال،ئۇنىڭ بىلەن سوھبەتلىشىشكە ئادەم تەيىنلەپ،ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۇشۇنىشىھەم ئۇنىڭ پارىتيەگە بولغان تۇنۇشىنى ئستۇرۇشكە ياردەم بىرشى لازىم .
ئالاھىدە ئەھۋالدا،پارىيەنىڭ مەركىزى كومۇتىتى ۋە ئولكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلىق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك كومۇتىتلىرى پارىتيەگە بىۋاستە ئەزا قوبۇل قىلسا بۇلۇدۇ .
6-ماددا: كاندىدات پارىتيە ئەزاسى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، پارىتيەگە قەسەم بىرشى شەرت . قەسەم نامە مۇنداق :مەن جۇڭگۇ كومۇنىستىك پاىتيسىگە ئوزئىقتىيارىم بىلەن كىردىم،پارىتيە پىرگۇراممىسنى ھىمايە قىلمەن،پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن،پارتىيە ئەزالىرنىڭ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمەن،پارتىيەنىڭ قارارلىرنى ئىجرا قىلمەن،پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رۇئايە قىلمەن، پار تىيەنىڭ مەخپىيتىنى ساقلايمەن،پارتىيەگە سادىق بۇلىمەن ئاكتىپ ئىشلەيمەن،كومۇنىزىم ئۇچۇن ئومۇرۋايەت كۇرەش قىىلمەن،پارتىيە ۋە خەلىق ئۇچۇن بارلىقىمنى قۇربان قىىلشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرمەن،پارتىيەگە مەڭگۇ ئاسىلىق قىلمايمەن .
7-ماددا: كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولۇدۇ .پارىتيە تەشكىلاتى كاندىدات پارىتيە ئەزالىرنى ئىخلاس بىلەن تەربىيلىشى ۋە تەكشۇرشى لازىم .
كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇريەتلىرى رەسمىىي پارىتيە ئەزاسىنىڭ بىلەن ئوخشاش بۇلۇدۇ.كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئاۋاز بىرىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى يوقلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە .
كاندىدات پار تىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا،پارتىيە ياچايكىسى ئۇنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا ئوتۇش –ئوتەلمەسلىكىنى ۋاختىدا مۇزاكىرە قىلشى لازىم . كاندىدات پارتىيە ئەزالىردىن پارتىەينىڭ ئەزالىق مەجبۇريىتىنى ئەستايدىل ئادا قىلغان،پارتىيە ئەزالىق شەرىتلىرنى ھازىرلىغانلارنى ۋاختىدا رەسمىي ئەزالىققا ئۇتكۇزۇش كىرەك ؛داۋاملىق تەكشۇرۇش ۋە تەربىيلەشكە توغرا كىلدىغانلىرنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ئۇزارتىلسا بۇلۇدۇ،لىكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت بىر يىلدىن ئىشىپ كەتمەسلىك كىرەك ؛پارتيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىغان ،پارتىەينىڭ ئەزالىق شەرىتلىرنى ھازىرلىمىغانلارنى كاندىدات پارىتيە ئەزالىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇش كىرەك.كاندىدات پارىتيە ئەزاسىنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئوتكۇزلۇشى ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلشى ۋە ياكى كاندىدات پارىيە ئەزالىق لاياقىتىدىن قالدۇرلۇشى ياچىكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىىلپ ماقۇللىشىدىن ۋە يۇقۇرى دەرجىلىك پارتىيە تەشكىلاتنىڭ تەستىقىدىن ئوتكۇزلۇشى كىرەك .
كاندىدات پارىتيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ياچىكا يىغىنى ئۇنى كاندىدات ئەزالىقىغا ماقۇللىغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىندۇ .
8-ماددا: ھەر بىر پارىتيە ئەزاسى خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ يۇقۇرى توۋەن بۇلۇشىغا قارىماي،پارتىيەنىڭ بىرەر ياچىكىسى،بىرەرگۇرۇپىسىدا ياكى باشقا مۇئەييەن تەشكىلاتىدا پارىيتەنىڭ تەشلىكى تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى،پارىتيە ئىچى سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلشى كىرەك.پارىيەلىك رەھبىرى كادىرلار پارتىكوم، پارتىي گۇرۇپىلارنىڭ دىمگۇراتتىك تۇرمۇش يىغىنىغىمۇ قاتنىشىشى لازىم. پارىتيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمايدىغان، پارىتيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلمايدىغان ھەرقانداق ئالاھىدە پارىتيە ئەزاسىنىڭ بۇلۇشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
9-ماددا: پارىتيە ئەزاسى پارىيەدىن چىقىپ كىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە .پارىتيە ئەزاسى پارىتيەدىن چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلسا، ياچىكا يىىغننىڭ مۇزاكىرسىدىن ئوتكەندىن كىيىن رويىخەتتىن ئۇچۇرۇلگەنلىكى جاكارلىنشى ھەمدە يۇقۇرى دەرجىلىك پارىتيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرلۇشى كىرەك .
ئىنقىلاۋى ئىرادىدى ئاجىزلىشىپ كەتكەن،پارىتيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىغان،پارىتيە ئەزالىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان پارىتيە ئەزاسىغا پارىتيە ياچىكىسى تەربىيە بىرىپ،ئۇنىڭدىن سۇۇرك ئىچىدە تۇۇزتۇشنى تەلەپ قىلشى لازىم؛تەربىيە بىرىلسىمۇ تۇزەلمىگەن پارتىيە ئەزاسىنى پارىتيەدىن نەسىھەت بىلەن چىكىندۇرشى كىرەك.پارىتيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چىكىندۇرۇشنىياچىكا يىغىننىڭ مۇزاكىرسى بىلەن قارار قىىلش ھەم يۇقۇرى دەرجىلك پارىتيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش لازىم. پارىتيەدىن نەسىھەت بىلەن چىكىندۇرلۇدىغان پارىتيە ئەزاسى چىكىنىشكە ئۇنىماي تۇرۋالسا،ياچىكا يىغىننىڭ مۇزاكىرسىگە قۇيۇپ،ئۇنى رويىخەتتىن ئۇچۇۇرشنى قارار قىلىش ھەم يۇقۇرى دەرجىلىك پارىتيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش كىرەك .
پارتىيە ئەزاسى ئۇرۇنسىز سەۋەپلەر بىلەن ئۇدا ئالتە ئايغىچە پارىيتەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارىتيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە،پارتىيەدىن ئوزلىكىدىن ئايرىلغان دەپ قارلىدۇ .ياچىكا يىغىنى بۇنداق پارىتيە ئەزاسىنى رويىيخەتتىن ئوچۇۇرشنى قارار قىلشى ھەمدە يۇقۇرى دەرجىلك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىش كىرەك.
收藏到:Del.icio.us
评论