-
2011-03-07
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى (3) - [قـــانــــــۇن]
6- باب: قانۇن جاۋابكارلىقى
47- ماددا ئادۋوكاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئۈچ ئايدىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ:
(1) بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق ئادۋوكاتخانىدا ئادۋوكاتلىق قىلغانلار؛
(2) نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىش ئېلىۋالغانلار؛
(3) بىر دېلودا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋاكالەتچى بولغان ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان قانۇن ئىشلىرىدا ۋاكالەتچىلىك قىلغانلار؛
(4) خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئىككى يىل بولماي تۇرۇپ، دەۋا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ئاقلىغۇچىلىق قىلغانلار؛
(5) قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار.
48- ماددا ئادۋوكاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ:
(1) ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قوبۇل قىلغان، ھەق ئالغان، ھاۋالە قىلغۇچىدىن پۇل – مال ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛
(2) ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ ئاقلاشنى ياكى ۋاكالەتلىك قىلىشنى رەت قىلغان، سوتتىكى دەۋاغا ياكى كېسىمگە ۋاقتىدا قاتناشمىغانلار؛
(3) قانۇن مۇلازىمىتى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دەۋالاشقۇچىلار تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان ھوقۇق – مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغانلار؛
(4) سودا مەخپىيىتى ياكى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار.
49- ماددا ئادۋوكاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ؛ 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) سودىيىلەر، پروكراتورلار، كېسىمچىلەر شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملار بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈشكەن ياكى دېلونى قانۇن بويىچە بېجىرىشكە باشقا ناتوغرا ئۇسۇللار بىلەن تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
(2) سودىيىلەر، پروكراتورلار، كېسىمچىلەر شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملارغا پارا بەرگەن، پارا تونوشتۇرغان ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى پارا بېرىشكە يول كۆرسەتكەن، ئازدۇرغانلار؛
(3) ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ساختا ماتېرىيال بەرگەن ياكى ساختىپەزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار؛
(4) قەستەن ساختا دەلىل– ئىسپات بېرىپ ياكى باشقىلارنى ساختا دەلىل – ئىسپات بېرىشكە قىستاپ، قىزىقتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق دەلىل– ئىسپاتقا ئېرىشىشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛
(5) قارشى تەرەپتىن پۇل– مال ياكى باشقا نەپ ئېلىپ، قارشى تەرەپ ياكى 3 – كىشى بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار؛
(6) سوتخانا، كېسىمخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دەۋا، كېسىم پائالىيىتىنىڭ نورماللىقىغا دەخلى قىلغانلار؛
(7) دەۋالاشقۇچىلارنى جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىشقا قۇتراتقان ۋە كۈشكۈرتكەنلەر؛
(8) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، باشقىلارنى يامان نىيەتتە ھاقارەتلەيدىغان، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلغانلار؛
(9) دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار.
ئادۋوكاتلاردىن قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ.
50- ماددا ئادۋوكاتخانىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بىر ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بېرىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ:
(1) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھاۋالە قوبۇل قىلغان، ھەق ئالغانلار؛
(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، نامى، مەسئۇلى، نىزامنامىسى، ھەمشېرىك كېلىشىمى، تۇرۇشلۇق جايى، شېرىكى قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتكەنلەر؛
(3) قانۇن مۇلازىمىتىدىن باشقا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛
(4) باشقا ئادۋوكاتخانىلار، ئادۋوكاتلارنى كەمسىتىش ياكى تونۇشتۇرۇش ھەققى بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىش ئېلىۋالغانلار؛
(5) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغان دېلونى قوبۇل قىلغانلار؛
(6) قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛
(7) ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ساختا ماتېرىيال بېرىش ياكى ساختىپەزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار؛
(8) ئادۋوكاتلىرىنى باشقۇرۇشقا سەل قاراپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.
ئادۋوكاتخانىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جازالانغانلىرىنىڭ مەسئۇلىغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر– يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
51- ماددا ئادۋوكاتلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشنى قايتا سادىر قىلغانلىرىغا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن ئادۋوكاتلىق قىلىشنى توختىتىش جازاسى بېرىدۇ؛ ئادۋوكاتلىق قىلىشنى توختىتىش جازاسىنىڭ مۇددىتى توشۇپ ئىككى يىل ئىچىدە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى توختىتىشقا تېگىشلىك قىلمىشنى قايتا سادىر قىلغانلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ.
ئادۋوكاتخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسىنىڭ مۇددىتى توشۇپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا تېگىشلىك قىلمىشنى قايتا سادىر قىلغانلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ.
52- ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئادۋوكاتلار ۋە ئادۋوكاتخانىلارنىڭ كەسىپكارلىق پائالىيىتىنى دائىم نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، تەكشۈرۈشتە سەزگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى؛ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەرزىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئادۋوكاتلار ۋە ئادۋوكاتخانىلاردىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا جازالاش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.
53- ماددا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى توختىتىش جازاسى بېرىلگەن ئادۋوكاتلاردىن جازا مۇددىتى توشقىنىغا ئۈچ يىل بولمىغانلىرى ھەمشېرىك بولسا بولمايدۇ.
54- ماددا ئادۋوكاتلاردىن قانۇنغا خىلاپ ئادۋوكاتلىق قىلغان ياكى سەۋەنلىك بىلەن دەۋالاشقۇچىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىنىڭ، ئىشلەۋاتقان ئادۋوكاتخانىسى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئادۋوكاتخانا تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ئادۋوكاتتىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.
55- ماددا ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ ئادۋوكاتلارنىڭ نامىدا قانۇن مۇلازىمىتى قىلغانلارنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنسىز ئادۋوكاتلىق قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
56- ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
7- باب: قوشۇمچە پرىنسىپ
57- ماددا ئارمىيىگە قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئارمىيىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى، ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھەرىكەت مىزانىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. ئارمىيىدىكى ئادۋوكاتلارنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم چىقىرىدۇ.
58- ماددا چەت ئەل ئادۋوكاتخانىلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە ئاپپارات قۇرۇپ قانۇن مۇلازىمىتى قىلىشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.
59- ماددا ئادۋوكاتلارنىڭ ھەق ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.
60- ماددا بۇ قانۇن 2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
收藏到:Del.icio.us