بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-07

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى (1) - [قـــانــــــۇن]

     (1996- يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25 – يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى(

     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    (76- نومۇرلۇق)

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى›› 2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 30 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى›› ئېلان قىلىندى، 2008 – يىل 6 –  ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2007- يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

     

    مۇندەرىجە

    1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2- باب ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىجازىتى

    3- باب ئادۋوكاتخانا

    4- باب ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپى، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

    5- باب ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى

    6- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

     

    1- باب: ئومۇمىي پرىنسىپ

    1- ماددا بۇ قانۇن ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادۋوكاتلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئادۋوكاتلارنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئادۋوكاتلار قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ئالغان، ھاۋالە ياكى بېكىتىش بىلەن، دەۋالاشقۇچىلارغا قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان كەسىپكارلارنى كۆرسىتىدۇ.

    ئادۋوكاتلار دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى قوغدىشى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدىشى كېرەك.

    3- ماددا ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش، ئادۋوكاتلىق كەسپىي ئەخلاقى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىش شەرت.

    ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش شەرت.

    ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

    ئادۋوكاتلار قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق قىلغاندا قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    4- ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلار، ئادۋوكاتخانىلار ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە نازارەتچىلىك ھەمدە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

     

    2- باب:  ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىجازىتى

    5- ماددا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

    (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛

    (2) دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇش؛

    (3) ئادۋوكاتخانىدا بىر يىل پراكتىكا قىلغان بولۇش؛

    (4) پەزىلەتلىك بولۇش.

    دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئادۋوكاتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى ئالغانلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانى لاياقەتنامىسى بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

    6- ماددا ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ھەمدە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

    (1) دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھان لاياقەتنامىسى؛

    (2) ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا بەرگەن پراكتىكىدا لاياقەتلىك بولغانلىق ماتېرىيالى؛

    (3) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛

    (4) ئادۋوكاتخانىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئېلىشقا قوشۇلغانلىق ئىسپاتى.

    قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار ئىشلەۋاتقان ئورنى ئۇنىڭ قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنىمۇ تاپشۇرۇشى كېرەك.

    ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان تارماق ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكرى ۋە بارلىق ئىلتىماس ماتېرىيالىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، ئادۋوكاتلىق قىلىشقا قوشۇلۇش –  قوشۇلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. قوشۇلسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ، قوشۇلمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرىدۇ.

    7- ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى بېرىلمەيدۇ:

    (1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛

    (2) جىنايى جازا بېرىلگەنلەر، لېكىن سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا؛

    (3) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر ياكى ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلار.

    8- ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، قانۇن مۇلازىمەت خادىمى كەمچىل ساھەدە كەسپىي خىزمەت قىلغىنىغا 15 يىل بولغان، ئالىي ئۇنۋان ئالغانلار ياكى شۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان كەسپىي سەۋىيىسى بولغان ھەمدە مۇناسىپ كەسىپتە قانۇن بىلىمى بولغان خادىملاردىن كەسپىي ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    9- ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادۋوكاتلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىق قارارىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە رۇخسەت قىلىنغان خادىمنىڭ ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ:

    (1) ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىۋالغان بولسا؛

    (2) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا.

    10- ماددا ئادۋوكاتلار بىرلا ئادۋوكاتخانىدا ئادۋوكاتلىق قىلىدۇ. ئادۋوكاتلاردىن باشقا ئادۋوكاتخانىدا ئىشلىمەكچى بولغانلىرى ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

    ئادۋوكاتلىق قىلىش رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

    11- ماددا مەمۇرلار قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلسا بولمايدۇ.

    ئادۋوكاتلاردىن ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، دەۋا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ئاقلىغۇچىلىق قىلسا بولمايدۇ.

    12- ماددا ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا قانۇنشۇناسلىق ئوقۇتۇشى، تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 5 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغانلىرى ئىشلەۋاتقان ئورنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 6 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    13- ماددا ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ئالمىغانلار ئادۋوكات دېگەن نامدا قانۇن مۇلازىمىتى قىلسا بولمايدۇ؛ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەۋا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ئاقلىغۇچىلىق قىلسا بولمايدۇ.

     

    3- باب: ئادۋوكاتخانا

    14- ماددا ئادۋوكاتخانا ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق قىلىدىغان ئاپپارات. ئادۋوكاتخانا قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

    (1) ئۆزىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

    (2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادۋوكاتلىرى بولۇش؛

    (3) قۇرغۇچىسى كەسىپ بىلەن مەلۇم مۇددەت شۇغۇللانغان ھەمدە ئۈچ  يىل ئىچىدە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى توختىتىش جازاسى بېرىلمىگەن ئادۋوكات بولۇش؛

    (4) گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن مىقدارغا يەتكەن مۈلكى بولۇش.

    15- ماددا ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتخانىسى قۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 14 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن سىرت، ئۈچتىن ئارتۇق شېرىكى بولۇشى، قۇرغۇچىسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ئادۋوكات بولۇشى كېرەك.

    ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتخانىسى ئادەتتىكى ھەمشېرىك ياكى پەۋقۇلئاددە ئادەتتىكى ھەمشېرىك شەكلىدە قۇرۇلسا بولىدۇ. ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتخانىسىنىڭ شېرىكلىرى  شۇ ئادۋوكاتخانىنىڭ قەرز جاۋابكارلىقىنى ھەمشېرىكلىك شەكلىگە قاراپ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

    16- ماددا شەخسىيلەر ئادۋوكاتخانىسى قۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 14 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىغاندىن سىرت، قۇرغۇچىسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان ئادۋوكات بولۇشى كېرەك. قۇرغۇچىلار ئادۋوكاتخانىنىڭ قەرزى ئۈچۈن چەكسىز جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    17- ماددا ئادۋوكاتخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

    (1) ئىلتىماس؛

    (2) ئادۋوكاتخانىنىڭ نامى، نىزامنامىسى؛

    (3) ئادۋوكاتلارنىڭ ئىسىملىكى، قىسقىچە تارىخى، سالاھىيەت ئىسپاتى، ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى؛

    (4) تۇرۇشلۇق ئورنى ئىسپاتى؛

    (5) مۈلۈك ئىسپاتى.

    ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتخانا قۇرۇشتا، ھەمشېرىك كېلىشىمىنىمۇ تاپشۇرۇش كېرەك.

    18- ماددا ئادۋوكاتخانا قۇرۇشتا، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان تارماق ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكرى ۋە بارلىق ئىلتىماس ماتېرىيالىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش –  قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. رۇخسەت قىلغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئادۋوكاتخانىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بېرىشى؛ رۇخسەت قىلمىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

    19- ماددا قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ھەمدە ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان 20 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتى بولغان ھەمشېرىك ئادۋوكاتخانىسى شۆبە قۇرسا بولىدۇ. شۆبە قۇرۇشتا، شۆبە قۇرىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈشى كېرەك. شۆبە قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مۇشۇ قانۇننىڭ 18 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

    ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتخانىسى شۆبىسىنىڭ قەرزى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    20- ماددا دۆلەت مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئادۋوكاتخانا ئادۋوكاتلىق كەسپىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇپ، قەرز جاۋابكارلىقىنى شۇ ئادۋوكاتخانىنىڭ بارلىق مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.

    21- ماددا ئادۋوكاتخانىلاردىن نامى، مەسئۇلى، نىزامنامىسى، ھەمشېرىك كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى ئەسلىي تەكشۈرگەن تارماققا تەستىقلىتىشى كېرەك.

    ئادۋوكاتخانىلاردىن نامى، ھەمشېرىكىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى ئۆزگەرتكەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئەسلىي تەكشۈرگەن تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

    22- ماددا ئادۋوكاتخانىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى تاقىۋېتىش كېرەك:

    (1) قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قېلىپ، سۈرۈك ئىچىدە ئوڭشاپمۇ شەرتنى ھازىرلىيالمىغانلار؛

    (2) ئادۋوكاتخانىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلار؛

    (3) تارقىلىپ كېتىشنى ئۆزى قارار قىلغانلار؛

    (4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تاقىۋېتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

    تاقىۋېتىلگەن ئادۋوكاتخانىلارنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ.

    23- ماددا ئادۋوكاتخانىلار كەسىپ باشقۇرۇش، مەنپەئەت توقۇنۇشىنى تەكشۈرۈش، ھەق ۋە مالىيە باشقۇرۇش، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش، يىللىق باھالاش، ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىش جەريانىدىكى كەسىپ ئەخلاقىغا، كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

    24- ماددا ئادۋوكاتخانىلار ھەر يىللىق باھالاشتىن كېيىن، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا شۇ ئادۋوكاتخانىنىڭ يىللىق ئادۋوكاتلىق دوكلاتىنى ۋە ئادۋوكاتلارنى باھالاش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

    25- ماددا ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، ئادۋوكاتخانا ھاۋالىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىدۇ، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن يازما ھاۋالە توختامى تۇزىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تۇتاش ھەق ئالىدۇ ھەمدە ھېسابقا ئەينەن كىرگۈزىدۇ.

    ئادۋوكاتخانىلار ۋە ئادۋوكاتلار قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى كېرەك.

    26- ماددا ئادۋوكاتخانىلار ۋە ئادۋوكاتلار باشقا ئادۋوكاتخانا ۋە ئادۋوكاتلارنى كەمسىتىش ياكى تونۇشتۇرۇش ھەققى بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئىش ئېلىۋالسا بولمايدۇ.

    27- ماددا ئادۋوكاتخانىلار قانۇن مۇلازىمىتىدىن باشقا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى