بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-07

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى (2) - [قـــانــــــۇن]

    4- باب:  ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپى، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

    28- ماددا ئادۋوكاتلار تۆۋەندىكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ:

    (1) تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش؛

    (2) ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ۋاكالەتچى بولۇپ دەۋاغا قاتنىشىش؛

    (3) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇنىڭغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالىتەن ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش، قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ ھاۋالە قىلىشى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، ئاقلىغۇچى بولۇش، بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىدىكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىنىڭ، ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ۋاكالەتچى بولۇپ دەۋاغا قاتنىشىش؛

    (4) دەۋا دېلولىرىدا ھاۋالە بىلەن ۋاكالىتەن ئەرز قىلىش؛

    (5) مۇرەسسە ۋە كېسىم پائالىيىتىگە ھاۋالە بىلەن قاتنىشىش؛

    (6) دەۋاغا كىرمەيدىغان ئىشلاردا ھاۋالە بىلەن قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش؛

    (7) قانۇنغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، دەۋا ھۆججىتى ۋە قانۇن ئىشلىرىغا دائىر باشقا ھۆججەتلەرنى يېزىپ بېرىش.

    29- ماددا ئادۋوكاتلاردىن قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغانلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى، قانۇن ھۆججەتلىرىنى تەييارلىشى ۋە تەكشۈرۈشى، دەۋا، مۇرەسسە ياكى كېسىم پائالىيىتىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىشى، ھاۋالە قىلغان قانۇنغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

    30- ماددا ئادۋوكاتلاردىن دەۋاغا كىرىدىغان قانۇن ئىشلىرىدا ۋاكالەتچى بولغانلىرى ياكى دەۋاغا كىرمەيدىغان قانۇن ئىشلىرىدا ۋاكالەتچى بولغانلىرى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھاۋالە قىلىنغان ھوقۇق دائىرىسىدە قوغدىشى كېرەك.

    31- ماددا ئاقلىغۇچى بولغان ئادۋوكاتلار پاكىت ۋە قانۇنغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنىڭ يوقلۇقى، يېنىك ئىكەنلىكى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ماتېرىيال ۋە پىكىرىنى بېرىپ، جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

    32- ماددا ھاۋالە قىلغۇچىلار ئادۋوكاتنىڭ داۋاملىق ئاقلىشى ياكى داۋاملىق ۋاكالەتچى بولۇشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، ئاقلىغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولۇشنى باشقا ئادۋوكاتقا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

    ئادۋوكاتلار ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئورۇنلۇق ئاساسى يوق تۇرۇپ، ئاقلاش ياكى ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ. لېكىن ھاۋالە قىلىنغان ئىش قانۇنغا خىلاپ بولسا، ھاۋالە قىلغۇچىلار ئادۋوكاتنىڭ مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پاكىتنى قەستەن يوشۇرغان بولسا، ئادۋوكات ئاقلاش ياكى ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    33- ماددا تەھقىقلىگۈچى ئورگان جىنايەت گۇماندارىنى 1 – قېتىم سوراق قىلغان ياكى ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ، ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى، ئادۋوكاتخانىنىڭ ئىسپاتى ۋە ھاۋالىنامىسى ياكى قانۇن ياردىمى ئالاقىسىنى كۆرسىتىپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار بىلەن كۆرۈشۈشكە ھەمدە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۇقۇشقا ھوقۇقلۇق. ئادۋوكاتلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكار بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى گېپىنى ئاڭلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

    34- ماددا ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتلار دېلودا ئەيىبلەش تەكشۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۆججەتلىرىنى ۋە دېلو ماتېرىيالىنى كۆرۈشكە، كۆچۈرۈۋېلىشقا ۋە كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتلار دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىيالنى كۆرۈشكە، كۆچۈرۈۋېلىشقا ۋە كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

    35- ماددا ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتلار دېلو ئەھۋالىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپات توپلاش، ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە گۇۋاھچىغا سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىشنى ئۇقتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    ئادۋوكاتلار ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ دەلىل – ئىسپات ئېلىشتا، ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ۋە ئادۋوكاتخانىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئۆزى بېجىرىۋاتقان قانۇن ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىسە بولىدۇ.

    36- ماددا دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولغان ئادۋوكاتنىڭ مۇنازىرىلىشىش ياكى ئاقلاش ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

    37- ماددا ئادۋوكاتلارنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلغان چاغدىكى جىسمانىي ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ.

    ئادۋوكاتلارنىڭ سوتخانىدا قىلغان ۋاكالەتلىك قىلىش، ئاقلاش پىكرى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. لېكىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، باشقىلارنى يامان نىيەتتە ھاقارەتلەيدىغان، سوت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    ئادۋوكاتلاردىن دەۋاغا ئارىلىشىش جەريانىدا جىنايەتكە چېتىلىپ قېلىپ، قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، قولغا ئېلىنغانلىرىنى توختىتىپ قويغان، قولغا ئالغان ئورگان توختىتىپ قويۇپ، قولغا ئېلىپ 24 سائەت ئىچىدە ئائىلىسىگە، ئىشلەۋاتقان ئادۋوكاتخانىغا ۋە ئۇ قاراشلىق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

    38- ماددا ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

    ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەھۋالى ۋە ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. لېكىن، ھاۋالە قىلغۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىنايەت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى ياكى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىت ۋە ئۇچۇرلار بۇنىڭ سىرتىدا.

    39- ماددا ئادۋوكاتلار بىر دېلودا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋاكالەتچى بولسا بولمايدۇ، ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقىنى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان قانۇن ئىشلىرىدا ۋاكالەتلىك قىلسا بولمايدۇ.

    40- ماددا ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

    (1) ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قوبۇل قىلىش، ھەق ئېلىش، ھاۋالە قىلغۇچىدىن پۇل – مال ياكى باشقا نەپ ئېلىش؛

    (2) قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دەۋاگەرلەر تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان ھوقۇق – مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش؛

    (3) قارشى تەرەپتىن پۇل – مال ياكى باشقا نەپ ئېلىپ، قارشى تەرەپ ياكى 3 – كىشى بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش؛

    (4) سودىيە، پروكراتور، كېسىمچى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملار بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈشۈش؛

    (5) سودىيە، پروكراتور، كېسىمچى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملارغا پارا بېرىش، پارا تونوشتۇرۇش ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى پارا بېرىشكە يول كۆرسىتىش، ئازدۇرۇش ۋە ياكى سودىيە، پروكراتور، كېسىمچى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشىگە باشقا ناتوغرا ئۇسۇللار بىلەن تەسىر يەتكۈزۈش؛

    (6) قەستەن ساختا دەلىل – ئىسپات بېرىپ ياكى باشقىلارنى ساختا دەلىل – ئىسپات بېرىشكە قىستاپ، قىزىقتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق دەلىل – ئىسپاتقا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش؛

    (7) دەۋالاشقۇچىلارنى جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىشقا قۇترىتىش ۋە كۈشكۈرتۈش؛

    (8) سوتخانا، كېسىمخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، دەۋا، كېسىم پائالىيىتىنىڭ نورماللىقىغا دەخلى يەتكۈزۈش.

    41- ماددا ئىلگىرى سودىيە، پروكراتور بولغان ئادۋوكاتلار خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئىككى يىلغىچە دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.

    42- ماددا ئادۋوكاتلار، ئادۋوكاتخانىلار قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادا قىلىپ، ياردەم بېرىلگۈچىگە ئۆلچەمگە لايىق قانۇن مۇلازىمىتى قىلىپ، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

     

    5- باب: ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى

    43- ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى  ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، ئادۋوكاتلارنىڭ تەلەپچان تەشكىلاتى.

    مەملىكەتتە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ، رايون بار شەھەردە ئېھتىياجىغا قاراپ يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قۇرۇلسا بولىدۇ.

    44-ماددا مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

    يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى يەرلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلىپ، تەڭ دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىگە زىت كەلسە بولمايدۇ.

    45- ماددا ئادۋوكاتلار، ئادۋوكاتخانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك، يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان ئادۋوكاتلار ۋە ئادۋوكاتخانىلار مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭمۇ ئەزاسى بولىدۇ.

    ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ.

    46- ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى تۆۋەندىكى  مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

    (1) ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش؛

    (2) ئادۋوكاتلىق خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، ئالماشتۇرۇش؛

    (3) ساھە قائىدىسى ۋە تەنبىھ قائىدىسىنى چىقىرىش؛

    (4) ئادۋوكاتلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش ۋە كەسىپ ئەخلاقى تەربىيىسى، كەسىپكارلىق ئىنتىزامى تەربىيىسى بېرىش، ئادۋوكاتلارنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى باھالاش؛

    (5) ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارنى پراكتىكا قىلدۇرۇش، پراكتىكانتلارنى باھالاش؛

    (6) ئادۋوكاتلار ۋە ئادۋوكاتخانىلارنى مۇكاپاتلاش، ئۇلارغا تەنبىھ بېرىش؛

    (7) ئادۋوكاتلار ئۈستىدىكى ئەرز ياكى پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلىش، ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش، ئادۋوكاتلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىش؛

    (8) قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدە شۇنىڭدەك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

    ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ساھە قائىدىسى ۋە تەنبىھ قائىدىسى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەرگە زىت كەلسە بولمايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى