-
2011-02-07
«ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى ›› نىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەسئۇلىيىتى - [ئــاتــالـغۇلار]
2007- يىلى 13 – دېكابىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى لىسبوندا ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› ئىمزالىدى، 2009 – يىلى 3 – نويابىر چېخ زۇڭتۇڭى كلاۋىس بۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويغانلىقىنى جاكارلىغانغا قەدەر، بۇ شەرتنامە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتە تەستىقلاندى.
«لىسبون شەرتنامىسى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتنىڭ باشلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەش ھەم ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ دائىمىي رەئىسىلىك ۋەزىپىسى، يەنى ئاتالمىش ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى›› تەسىس قىلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى›› 2010 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نۆۋەتچى رەئىس مەۋجۇت بولمايدۇ. مەسئۇلىيەت جەھەتتە، ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى›› ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ئورتاق تونۇشنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن خەلقئارا سەھنىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش جەھەتتە، ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى››نىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يېرىم يىل بولۇپ، بىر نۆۋەت داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. سايلام جەھەتتە، ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى›› ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئارىسىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ، قوش كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىش تۈزۈمى شەكلى قوللىنىلىدۇ، يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاز دېگەندە %55 تىن كۆپرەك ئەزا دۆلەتلەر، شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى %65 تىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.
«لىسبون شەرتنامىسى››دە ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى››نىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىگە ئائىت بەلگىلىمە كۆپ بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جايلارغىمۇ ئىچكى جەھەتتە ماسلاشتۇرۇشقا ۋاقىت كېتىدىغانلىقتىن، ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى›› ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك سىمۋولى سۈپىتىدە بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇققا ئىگە ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت، مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەش جەھەتتە، ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى›› بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئارىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلمىغان، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشالايدىغان – ھەمكارلىشالمايدىغانلىقىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى››نىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئەمەلىي ئەھمىيىتىدىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ مۇھىملىقى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە يەنىلا گەپ كەتمەيدۇ. ھازىر، تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىنى تالىشىش رىقابىتى كەسكىنرەك بولماقتا، زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىنى تالىشىۋاتقانلار ئاساسلىقى ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بلايىر، ليۇكسېمبۇرگ باش ۋەزىرى يۇنكئېر، بېلگىيىنىڭ باش ۋەزىرى ۋان رونپې، شۇنىڭدەك گوللاندىيە باش ۋەزىرى بالكېنېند قاتارلىقلار بار. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، شۋېتسىيە باش ۋەزىرى رېينفېرت 11 – نويابىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت رەھبەرلىرى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19 – كۈنى بريۇسسېلدا ئېچىلىدىغانلىقى، شۇ ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹زۇڭتۇڭى››نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
收藏到:Del.icio.us