-
2011-02-07
ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەيلى - [نــەزەرىـيــە]
ئىمىن قارى قەييۇم
ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي روھىنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەنىۋى تۈۋرۈكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈرلۈك ئاپەتلەر ۋە جاپا – مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى قالدۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېڭىچە دەۋر مەزمۇنىغا ئىگە قىلىپ، زور تەرەققىيات ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.
كەلگۈسىدىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا بىز يەنىلا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز لازىم.
1. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلدى. ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش جەريانىدا پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، دادىل ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش قەدىمىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ قىياپىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ بولمايتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشتا چوقۇم ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر.
2. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشنى سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا تىكلىنىشى تارىخىي تاللاش، شۇنداقلا خەلقنىڭ تاللىشى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنى ھەقىقىي ئازادلىققا ئېرىشتۈردى. شۇڭا سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت سوتسىيالىزم تۈزۈمىلا دۆلەتنى روناق تاپقۇزالايدۇ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، خەلقئارادىكى ئورنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
جۇڭگودا سوتسىيالىزم بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىككە ئىگە. سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ئېلىمىزدىكى خەلقنىڭ خوجايىنلىق ئېڭىنى كۈچەيتتى، خەلقنى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشكە قوزغاتتى، خەلقنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا بولغان ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بەخت يارىتالايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىلا سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولۇپ،ئۇ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى تىرەكتۇر. شۇڭا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشتا چوقۇم ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر.
3. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. پارتىيەمىزنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدا پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدەنگەن شانلىق 30 يىل بولدى، 30 يىلدىن بۇيانقى بارلىق مۇۋەپپىقىيەتلەر ۋە تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئاساسلىقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى بەرپا قىلىنغانلىقى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى شەكىللەنگەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. يېقىندا باش شۇجى خۇ جىنتاۋ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەندە: ‹‹ھازىرقى جۇڭگودا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ روشەن تېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت›› دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشتا چوقۇم ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش زۆرۈر.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىل، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، دادىل ئىزدىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلدى ۋە شانلىق سەھىپىلەرنى قالدۇردى. ئەمما شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
收藏到:Del.icio.us