بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-07

    دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئوبىكتىپ شەرت- شارائىت - [نــەزەرىـيــە]

     

    دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى تېنىچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغان تارىخىي شارائىتتا، ئىلىمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئىلىمىزنىڭ سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئىلمىي ئانالىز قىلىش، شۇنداقلا باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپ بۇلىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تەدىرىجى شەكىللەنەەن ۋە راۋاجلانغان.

     

    دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچى

     

    دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتتى.

    بىرىنچى باسقۇچ: 1978- يىلىدىكى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن  1982- يىلىدىكى پارتىيە 12- قۇرۇلتېيىغىچە بۇلۇپ، بۇ دەۋىردە دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. پارتىيىنىڭ 12- قۇرۇلتېيىدا دېڭ شياپىڭ تۇنجى قېتىم «جوڭگۇچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش» دېگەن ئاساسىي تېمىنى ئوتتۇرغا قويدى.

    ئىككىنچى باسقۇچ: پارتىيىنىڭ 12- قۇرۇلتېيىدىن 1987- يىلىدىكى پارتىيىنىڭ 13- قۇرۇلتېيىغىچە بۇلۇپ، بۇ دەۋىردە دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى تەدىرىجى تەرەققىي قىلىپ شەكىللەندى. پارتىيىنىڭ 13- قۇرۇلتىيىدا: «جوڭگۇچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزىرىيىسى» دېگەن بۇ ئۇقۇم تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ،  جوڭگۇچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزىرىيىسى ماركسىزىملىق پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزىم نۇقتىسىدىن سېستىمىلىق يىغىنچاقلاندى. بۇ دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسىنىڭ ئىزناسىنى شەكىللەندۈردى.

    ئۈچۈنچى باسقۇچ: پارتىيە 13- قۇرۇلتىيىدىن 1992- يىلغىچە بۇلۇپ، بۇ دەۋردە دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى پىشىپ يىتىلدى ۋە ئۇنىڭ نەزىرىيىۋى سېستىمىسى رەسمىي شەكىللەندى. پارتىيىنىڭ 14- قۇرۇلتىيى دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇپنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە قىلغان سۆزىنى ئاساس قىلىپ، «يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىدىيىسى» دېگەن ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئىشىلتىپ، بۇ نەزىرىيىنى باشقىدىن ئىلمىي خۇلاسىلىدى. شۇنىڭ بىلەن نىسبەتەن ئىلمىي بولغان نەزىرىيىۋى سېستىما رەسمىي شەكىللەندى. 1997- يىلىدىكى پارتىيىنىڭ 15- قۇرۇلتىيى بۇ نەزىرىيىنى «دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى» دەپ ئاتاپ، پارتىيىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى قىلىپ بىكىتتى ھەمدە پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى. 1998- يىلى 3- ئايدا ئېچىلغان 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسىنى يىتەكچى ئىدىيەت سۈپىتىدە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزدى.

     

    دېڭ شياپىڭ نەزىرىيىسىنىڭ جەۋھىرى

    دېڭ شياپىڭ نەزىرىيىسىنىڭ جەۋھىرى - ئىدىيىدە ئازات بۇلۇش، ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت.

     

    دېڭ شياپىڭ ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيىدە ئازات بۇلۇش قارىشى

    دېڭ شياپىڭ ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيىدە ئازات بۇلۇش دېگىنىمىز – ماركسىزىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئادەت كۈچلىرى ۋە سۇبىكتىۋىزىمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى مەسىللەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش؛ ئىدىيىنى ئەمىلىيەتكە، سۇبىكىتنى ئوبىكىتقا ماسلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر.

     

    دېڭ شياپىڭ ئوتتۇرغا قويغان «ئۈچكە پايدىلىق بۇلۇش» ئۆلچىمى

    دېڭ شياپىڭ 1992- يىلى جەنۇبىي جۇڭگۇدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش جەريانىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان – بولمىغانلىقى، غەلىبە قىلغان – قىلمىغالىقىنى ئۆلچەشتىكى ئۈچ مۇھىم ئۆلچەمنىئوتتۇرغا قويدى. ئۇلار تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

    بىرىنچى، سوتسىيالىستىك جەمىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىگە؛

    ئىككىنچى، سوتسىيلىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىگە؛

    ئۈچۈنچى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكەپايدىلىق ياكى پايدسىز ئىكەنلىكىگە قاراشتىن ئىبارەت.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى