بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-07

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش - [نــەزەرىـيــە]

              مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىبۇ يىل دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 30 يىل بولدى. 30 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق ۋە تەرەققىياتلىرىمىزنىڭ ھەر قاندىقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى يېڭىلاپ بېرىشتىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ نەزەرىيىنى يېڭىلاپ بېرىشتىن قولغا كەلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇناسىۋىتى ئەنە شۇنداق نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىك مۇناسىۋەت.

         ئەمەلىيەتنىڭ يېڭىلىنىشى نەزەرىيىنىڭ يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئەمەلىيەت شەكىللەندۈردى

         جۇڭگو كومپارتىيىسى  جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك باغلانغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئالدىدا ئۆز ئۈستىگە تارىخىي مەسئۇلىيەت ئالغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاڭلىق كۈرەش قىلىپ كەلگەن پارتىيە. پارتىيىمىز مىڭبىر جاپانى يېڭىپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن يەنە، سوتسىيالىزم شارائىتىدا دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، بېيىتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشتى. پارتىيىمىز مۇشۇ مەقسەتتە ماركسزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەت جاپالىق، ئەگرى – توقاي ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاخىر پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىنى بەلگە قىلغان ماركسزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى 2 – قېتىملىق نەزەرىيىۋى سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەردىن تەركىب تاپقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ياراتتى.

            بۇ يېڭى نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ھەم نەزەرىيە ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، ھەم رېئال ئاساسى بار. ئۇنىڭ رېئال ئاساسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت. ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ نەزەرىيە ئاساسى بولدى دېسەك، بۇ نەزەرىيە ئاساسىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ نەزەرىيىنى يېڭىلىشىمىزغا توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدە بولدى؛ جۇڭگو ۋە دۇنيا سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تارىخىي ئاساسى بولدى دېسەك، بۇ تارىخىي ئاساسنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ بىزگە نەزەرىيىنى يېڭىلاش جەريانىدا نېمىلەرنى قىلساق بولمايدىغانلىقى، نېمىلەرنى داۋاملاشتۇرساق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى بولدى. لېكىن جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا تەرەققىيات يولىنى تېپىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە، ئىزدىنىشىمىزگە تايانماي بولمايتتى. پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –  ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى يېزا ئىسلاھاتىدىن شەھەر ئىسلاھاتىغا ئۆتۈش، شېنجېن قاتارلىق تۆت ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشتىن ئىشىكنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈش، يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۆتۈش، پىلانلىق ئىگىلىكتىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى دەل مۇشۇ يېڭى ئەمەلىيەتلەر ياراتقان تەجرىبىلەر ئاساسىدا شەكىللەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ئېلىمىزنىڭ  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش  ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بولدى. جانلىق، ئۆزگىرىشچان ئەمەلىيەتنىڭ ماركسىزمنىڭ ئۆز جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىدا پۈتمەس – تۈگىمەس بۇلاق ئىكەنلىكىنى تارىخ قايتا – قايتا ئىسپاتلىدى.

        پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلاتتا: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ يول، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول›› دېيىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجادىي ئەمەلىيەت جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. 1978 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە بولغان 30 يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 362 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن 24 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيادا 4 – ئورۇنغا ئۆتتى؛ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن 2 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيادا 3 – ئورۇنغا ئۆتتى؛ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 1 مىليارد دوللاردىن 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1 –  ئورۇنغا ئۆتتى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، GDP نىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىشى 226 دوللاردىن 2100 دوللارغا ئۆستى، نامرات نوپۇس 250 مىليوندىن ئازىيىپ  ئون نەچچە مىليونغا چۈشتى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. دەل مۇشۇنداق ئۇلۇغ ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت جەريانىدا، پارتىيىمىز سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى نەزەرىيىسى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى نەزەرىيىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەزەرىيىسى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى نەزەرىيىسى، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك نەزەرىيىسى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت نەزەرىيىسى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت نەزەرىيىسى، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش يولى نەزەرىيىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئەقىل –  پاراسەتكە ئىگە مۇھىم نەزەرىيىلەرنى كەينى – كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۇردى. شۇڭا ھازىرقى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ھەقىقىي سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ.

         نەزەرىيىنى يېڭىلاش ئەمەلىيەتنى يېڭىلاشقا يېتەكچى بولدى،جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىدا ‹‹كومپاس›› بولدى

          جۇڭگو كومپارتىيىسى ھەم نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان، ھەم نەزەرىيىنى يېڭىلاش روھىغا ئىگە پارتىيە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پارتىيىمىز نەزەرىيىنى يېتەكچى قىلىپ كەلدى، لېكىن نەزەرىيىگە دوگما مۇئامىلە قىلماي، دەۋر رىتىمىگە بېقىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېڭى نەزەرىيە، يەنى تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغان ماركسىزم بىلەن ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەزەرىيىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئەمەلىيەتنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

         پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلىرىمىز ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ›› دەپ جايىدا كۆرسىتىلدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى يۈز نەچچە يىلدىن بۇيانقى جاپالىق كۈرەش تارىخى بىزگە جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانغا يېتىشتۈرۈشتە كاپىتالىزم يولىغا مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسى››نى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ دەل مۇشۇ تارىخىي تەجرىبىنى يەكۈنلەپ،‹‹ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش›› ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

         ئۇنداقتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلدى؟

         يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىرىنچى ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىغا قەدەر، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشى تۆت چوڭ تارىخىي پەيتنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلدى. بىرىنچى، ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو قاياققا ماڭىدۇ؟ دېگەن سىناققا دۇچ كەلدى؛ ئىككىنچى، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 90 – يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي بوران – چاپقۇن كۆرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋە ئېچىۋېتىشى قاياققا قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك؟ دېگەن سىناققا دۇچ كەلدى؛ ئۈچىنچى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو قايسى بايراقنى كۆتۈرۈشى، قايسى يولدا مېڭىشى كېرەك؟ دېگەن سىناققا دۇچ كەلدى؛ تۆتىنچى، 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش، ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قانداق چىڭ تۇتۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانداق ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۈرەش نىشانىغا قانداق يېتىش كېرەك؟ دېگەن سىناققا دۇچ كەلدى. بۇ تۆت چوڭ تارىخىي پەيتنىڭ ‹‹سىناق›› دېيىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، ئۇلار چېتىلىدىغان مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە يولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر. ئىككىنچىدىن، بۇ چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاشقان ۋە ئۇلارغا جاۋاب بەرگەندە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرخىل دەرىجىدە ئوخشاشمىغان خاھىش كۆرۈلدى ياكى گەپ –  سۆزلەر بولدى. ‹‹سىناق›› ئەمەلىيەتتە تاللاشتىن دېرەك بېرەتتى. تۆت چوڭ تارىخىي پەيتنىڭ سىنىقى پارتىيە ۋە خەلق يېڭى ئەمەلىيەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن تۆت قېتىملىق مۇھىم تاللاشنى كۆرسىتەتتى، نېمىنى تاللاش، قانداق تاللاش ئىدىيىۋى لۇشيەن مەسىلىسى. شۇڭا پارتىيىنىڭ ئىدىيىدە ئازاد بولۇش جەريانى، ئەمەلىيەتتە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش جەريانىدىكى تۆت چوڭ تارىخىي پەيت، تۆت چوڭ تاللاشتا ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش جەريانى بولدى. پارتىيىمىز ئاشۇ ئىدىيىدە ئازاد بولۇش جەريانلىرىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدىن ئىبارەت تايانچ بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا تاللىيالىدى. بۇ تايانچ پارتىيىمىزنىڭ ئىدىيىدە ئازاد بولۇشقا رەھبەرلىك قىلىشىدىكى مۇھىم تەجرىبىسى.

         يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىككىنچى ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىنقىلاب ۋە يېڭى ئەمەلىيەت بولغاچقا، مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە، جۈملىدىن سىياسىي يۆنىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يېڭى باشلانغان چاغدا تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى پارتىيىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى چوڭ تارىخىي پەيتلەردە ئۇچرىغان سىناقلارنىڭ بەزىلىرى ‹‹سول››دىن،  بەزىلىرى ‹‹ئوڭ››دىن كەلگەنىدى. شۇڭا يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوڭدىن ھوشيار بولۇش، لېكىن، ئاساسلىقى، ‹‹سول››نىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇردى. ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىللىق جاپالىق مۇساپىنى ئەسلىگىنىمىزدە، پارتىيىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ كەلگەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تۈزۈلمىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگەرتەلىدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى يۈرەكلىك قوبۇل قىلالىدى ۋە ئەينەك قىلالىدى، سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى ۋە ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش خاتالىقىنىڭ ئالدىنى ئالالىدى. بۇمۇ پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھەقىقىي ئۆگەنگەن، ھەقىقىي چۈشەنگەن، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشەنگەن ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچى قىلغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشىلىرىنى ھەقىقىي چىڭ تۇرۇپ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ھازىرقى جۇڭگودا  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ.

    ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى

          نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىر– بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى چەكسىز تارىخىي جەريان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە مەنسۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىغا 30 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ مۇشۇ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېڭى ئەمەلىيىتىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا يەنىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

          جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق نەزەرىيە سىستېمىسى. بۈگۈنكى دۇنيادا، شۇنداقلا بۇگۈنكى جۇڭگودا كەڭ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى شەكىللىنىشىنىڭ ئاساسى ھەم بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇ پەلسەپە، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزم قاتارلىق جەھەتلەردە ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىش ۋە زەئىپلىشىش، ئۇتۇق قازىنىش ۋە مەغلۇپ بولۇش تەجرىبە – ساۋاقلىرى تەتقىق قىلىندى، تەھلىل قىلىندى ۋە قوبۇل قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئەللىرى، جۈملىدىن تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرى ياراتقان مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى قوبۇل قىلىندى ۋە ئەينەك قىلىندى. شۇڭا  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى روشەن ئىلمىيلىككە، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئوچۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ چەكسىز جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش يولىدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان – بولمايدىغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر يەنە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەققىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ماركسىزمنىڭ تۈپ پرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىغانلا بولساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتالايمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايمىز.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى