بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-07

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئورتاق گۈللىنىشنىڭ كاپالىتى - [نــەزەرىـيــە]

    ئەسقەر ئابدۇۋەلى

     

       ئېلىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق خىزمەت. شۇڭا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاز مىللەت مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم.

       1. ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى مەركەزلەشكەن. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇھىم كاپالىتى ھەم ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنىڭ مەركەزلىشىشىدۇر. بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قوغدالغاندىلا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى تىنچ – خاتىرجەم بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغاندىلا، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تىنچ – ئامانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇل ئەسلىھەلەر زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى ئۆستى، شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇلار مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولغاندىلا، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى، گۈللىنىدىغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەر مىللەت ئاممىسىغا گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغاندىلا، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي مۇساپىلەردە زىچ ئالاقە باغلاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قان – قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بەختى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشىدۇر. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشتا ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى قان – قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشىمىز لازىم.

       2. ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش لازىم. تەرەققىيات چىڭ قائىدە، بىرىنچى ۋەزىپە. ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ. بىرىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جەمئىيەت گۈللەنمىسە، تەرەققىي قىلمىسا، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھازىر ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرغاچقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مىللىي رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، مۇقىملىقنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم؛ ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. تارىخىي، تەبىئىي شارائىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، مىللىي رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن تەرەققىي قىلغان رايونلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم پەرق شەكىللەندى. شۇڭا مىللىي رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپە. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلەتكەندىلا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، رايونلار ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، خەلقنىڭ تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ – ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئۆزگىچە ئىگىلىكنى ئاكتىپ قوللاپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. .3 ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم ئىدىيىۋى ئاساسىنى بەرپا قىلىش لازىم. كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلىرىغا دۆلەتنىڭ بىرلىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ زۆرۈر شەرتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىناقلىقى، بەخت – سائادىتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇش لازىم. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلىش لازىم. كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى تېزلەتكەندىلا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى؛ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش لازىم. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىناقلىق ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەستايىدىل ئىشلىشى لازىم.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى