-
2011-02-03
پولشا بىلەن روسىيە ئوتتۇرسىدىكى 500 يىللىق ئۆچ – ئاداۋەت - [تـــــارىــــــخ]
پولشا زوڭتۇڭى كاچىنىسكى ئولتۇرغان مەخسۇس ئايرۇپىلان 4- ئاينىڭ 10- كۈنى روسىيەنىڭ كاتىن ئورمانلىقى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى. ئايرۇپىلاندىكى كاچىنىسكى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96 كىشى بۇ ۋەقەدە قازا قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي – كاتىن ئورمانلىقى بۇ پاجىئەنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. 1940- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پولشانىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئوفېتسىرىدىن تەخمىنەن 20 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى مۇشۇ يەردە قىرىپ تاشلىغان ئىدى. ئەمىلىيەتتە پولشا بىلان روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچ – ئاداۋەت 500 يىلدىن بۇيان ئۈزۈلمىدى. ئاچكۆز روسىيىلىكلەر پولشانى ئۈچ قېتىم بۆلىۋالدى. قارا نىيەت پولشا ئارمىيىسىمۇ ئىككى قېتىم موسكۇۋاغا بېسىپ كىرىپ خەلقنى قىرغىن قىلدى. كىيىنكىلەرنى خۇشال قىلغىنى شۇكى بۇ قېتىمقى ئايرۇپىلان ھادىسىسى يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى، يەنى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى روسىيە زوڭلىسى پۇتىن كاتىن ئورمانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتىن پاجىئەسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كاتىن پاجىئەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن، روسىيە رەھبەرلىرىنىڭ چىن سەمىمىي سۆز ھەركەتلىرى پولشا ئاممىسىغا ياقتى. بۇ ئۆچ – ئاداۋەتنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ سلاۋىيان قېرىنداشلارنىڭ ئۆچ- ئاداۋەتنى ئۇنتىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولدى.
17- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پولشا قوشۇنى موسكۋاغا
كىرىپ قىرغىنچىلىق قىلغان
پولەكلەر ئىرق جەھەتتىن روسلار بىلەن يېقىن كىلىدۇ. بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىلى ئوخشاشلا سلاۋيان تىلى، شۇڭا بۇلارنى قېرىنداش مىللەت دىسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەمما روسلار پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، پولەكلەر بولسا كاتولىك دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىختىلاپ ئۈزۈلمىگەن. 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا روسلارنىڭ دەسلەپكى قەۋمى بولغان روس كىنەزلىكى بىلەن پولشا موڭغۇللارنىڭ باتۇخان يىتەكچىلىكىدىكى غەربكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنىنىڭ ھۇقۇمىغا ئۇچرىغان. كىيىن موڭغۇل قوشۇنى پولشادىن چىكىنىپ چىقىپ، ھازىرقى روسىيە زىمىنىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغان. روس كىنەزلىكى شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار بىلەن پولشا ئوتتۇرسىدا دائىم ئۇرۇش بۇلۇپ تۇرغان. 1480- يىلى روس كىنەزلىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، بارا-بارا يېقىنقى زاماندىكى روسىيەنى قۇرغان. 1569- يىلى «روبلىن بىلەشمىسى» ئارقىلىق پولشا- لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتى (قىسقارتىلىپ پولشا دىيىلىدۇ) دۇنياغا كەلگەن. شۇنىڭدىن كىيىن شەرقىي ياۋروپانىڭ زومىگەرلىكىنى تالىشىش ئۈچۈن روسىيە بىلەن پولشانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشى باشلانغان.
16- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پولشا روسىيە بىلەن بىلاروسىيە قاتارلىق جايلارنى تالىشىپ ئارقا- ئارقىدىن بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقان. پولشا مەغلۇبىيىتىنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەينى چەغدىكى شەرقىي ياۋروپادا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بۇلۇپ قالغان.
1598- يىلى چار پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن رونىك خانىدانلىقىنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتى. 1601- يىلى پولشا كونتۇرۇللىقىدىكى ئورائىنا زىمىنىدا ئۆزىنى ئىۋالېرخاننىڭ شاھزادىسى دىمېترى دەپ ئاتىۋالغان بىر كىشى پولشالىق چوڭ پومىشچىك ۋە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا غەلىيان كۆتۈرۈپ، 1605- يىلى موسكۋاغا بېسىپ كىردى. 1606- يىلى ۋاسلىي شۇئىيسسىكى كېنەزلىكىدە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دىمېترىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، چار پادىشاھنىڭ تاجىسىنى كىيدى. يانچىلىقتىن كىلىپ چىققان ئىۋان پاۋلوۋنىكوۋ رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭچى قۇشۇن موسكۋانى قورشىۋالدى. ئەمما ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. 1607- يىلى 10- ئايدا قوزغىلاڭچى قۇشۇن تەسلىم بولدى. پولشانىڭ فىئوداللىرى يەنە ئىككىنچى بىر دىمىترىنى تاپتى ھەم 1608- يىلى روسىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى كونتۇرۇل قىلدى. 1609- يىلى ئىككىنچى دىمېترىنىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولدى. دىمېترى ياندۇرقى يىلى ئۆلتۈرۈلدى.
بۇ چاغدا پولشالىقلار روسىيىلىك ئۆتىچىلەرنى يۇشۇرۇن قوللاشتىن بىۋاستە مۇداخىلە قىلىشقا ئۆزگىرىپ، مۇنتىزىم قۇشۇننى روسىيىگە ھۇجۇم قىلغۇزدى. ئامېرىكىلىق ئالىم نىگۇلاس رانزاننوفىسكى، مارك ستانبورگلار «روسىيە تارىخى» دېگەن كىتاۋىدا مۇنداق يازغان: پولشا پادىشاھى ھىكسمىندىل (ئۈچ) ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالغان روسىيىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە نەپ ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى قاراملىق بىلەن دو تىكتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى مۇدىئاسى روسىيەگىمۇ، پولشاغىمۇ خان بۇلۇشتىن ئىبارەت ئىدى. 1611- يىلى 6- ئايدا پولشا قۇشۇنىنىڭ ئاساسىي قىسمى سىمولىنىسكىنى ئىشغال قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاسىرە ئۇرۇشى بۇ شەھەردىكى 80 مىڭ ئاھالىنى 8000 غا چۈشۈرۈپ قويدى.
روسىيە – پولشا ئۇرۇشىغا تورغۇتلارمۇ قاتناشقان
روسىيىنىڭ باج ئىشلىرى ئەمەلدارى كوچمان مىنىر ۋە پوزارىسكى قاتارلىق شاھزادە – كىنەزلەر قۇماندانلىق قىلغان پىدائىيلار قۇشۇنى 1612- يىلى پولشا قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، موسكۋانى تارتىۋالدى. 1613- يىلى 2- ئايدا روسىيە قىزىل تونلۇق تۆرىلەر يىغىنى چاقىرىپ، موسكۋانىڭ ئىلگىرىكى ئاقساقىلى مېخايىل دورىزۋچ رومانوفنى چار پادىشاھلىققا سايلىدى. شۇنىڭ بىلەن روسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى خانىدانلىق – رومانوف خانىدانلىقىنىڭ دەۋرى باشلاندى. 1618- يىلى پولشا قۇشۇنى يەنە موسكۋاغا يېقىنلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن روسىيە قۇشۇنى تەرىپىدىن چىكىندۈرۈلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلار مۇنداق دەيدۇ: 17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەتئەللەرنىڭ مۇداخىلە قىلىشى ۋە دېھقانلار ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئىگىلىك ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولدى. ئەينى چاغدا كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى «موسكۋانىڭ بېشىغا چۈشكەن بالايى ئاپەت» دەپ ئاتاشقان. بۇ چاغدا نۇرغۇن ئىكىن يەرلەرنى ئوت- چۆپ بېسىپ كەتكەن، نۇرغۇن كەنت- مەھەللىلەردە ئادىمىزات قالمىغان. 17- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا روسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن ناھىيىلەردە يەرلەرنىڭ %60 ى قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەن.
بۇ قېتىمقى ئۆز –ئارا ئۇرۇشتا پولشا شەرقىي ياۋروپانى بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشانىغا يىتەلمەيلا قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇن سەرخىل قۇشۇنىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پولشا قۇشۇنىنىڭ روسىيىدىكى زوراۋانلىقى روسىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋال روسىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرسىدا ئۇزاققىچە دۈشمەنلىشىشتەك ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە سەۋەپ بولدى.
كىيىۋ ۋە سىمولىنىسكى قاتارلاق سلاۋيانلار ياشايدىغان داڭلىق شەھەرلەر پولەكلەرنىڭ كونتۇرۇللىقىدا بولغاچقا، پولشا بىلەن روسىيە، بىلورۇسىيە ۋە ئوكرائىنلار ئارقا- ئارقىدىن تارتىشماق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. ھەر ئىككى تەرەپ قارمىقىدىكى كازاكلارمۇ بىر –بىرىگە ھۇجۇم قىلىشتى. ئورائىنادا روسىيە، پولشا ۋە ئوسمان تۈرۈكلىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بېقىندىلىرى بولغان كىرىمىيە خانىدانلىقىدىن ئىنارەت ئۈچ تەرەپ بىرەر يۈز يىلغىچە ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشتى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، موڭغۇللار 17- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن ۋادىسىدا تورغۇت خانىدانلىقىنى قۇردى. بۇ خانىدانلىقمۇ پولشا- روسىيە ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتى. بۇ خانىدانلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرنى چىقىرىپ، روسىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە پولشاغا زەربە بەردى. پولشا تەرەپ تورغۇتلارنى غەربكە – پولشالىقلار كونتۇرۇللىقىدىكى ئوكرائىنانىنىڭ غەرىبىگە كۈچۈپ، پولشاغا بۇلۇشۇپ، روسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۆندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ لېكىن مەقسىدىگە يىتەلمىدى. 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيە ئەسلىدە پولشانىڭ كونتۇرۇللىقىدا بۇلۇپ كىلىۋاتقان دىنپېر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋە كىيىۋ شەھرىنى يۈتۈۋېلىپ، پولشا بىلەن كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگەرتتى. ئەمما تاكى 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندىلا روسىيە ئاندىن پولشانى بېسىپ چۈشكىدەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولالىدى.
ئۇزۇن مەزگىللىك مالىمانچىلىق پولشانىڭ نوپۇسىنى ئازايتىۋەتكەن
روسىيىنىڭ تارىخشۇناسلىرى روسىيە دېپلوماتىيەدە دۇچ كەلگەن ئۈچ مەسىلىنىڭ بىرىنى يەنى شىۋىتسىيە مەسىلىسىنى ئۇلۇغ پېتېر ھەل قىلدى، قالغان ئىككى مەسىلىنى يەنى تۈركىيە مەسىلىسى بىلەن پولشا مەسىلىسىنى يىكاتىرىنا ھەل قىلدى دىيىشىدۇ. 1652- يىلى پولشا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جۇمھىرىيەت تۈزىمىدە ئەركىن ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يولغا قۇيۇلغانلىقتىن، دۆلەت بارا-بارا ھۆكۈمەتسىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، دۆلەتنىڭ تاشقى دۈشمەندىن مۇداپىيەلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، كۆپ قېتىم ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر (شىۋىتسىيە، روسىيە، ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى، پىروسىيە، ئاۋستىرىيە) نىڭ تاجاۋۇزۇغا ئۇچرىدى.
1648- يىلىدىن 1720- يىلىغىچە پولشا زىمىنىدا ئىزچىل ئۇرۇش توختىمىدى. بۇلۇپمۇ ئىككى قېتىملىق شىمال ئۇرۇشى (1655- يىلىدىن 1660- يىلىغىچە ۋە 1700- يىلىدىن 1720- يىلىغىچە) پولشا ئىقتىسادىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. ليۇ زۇشىنىڭ «پولشا ئومۇمىي تارىخى» نامىلىق كىتاۋىدا تۇنۇشتۇرۇلىشىچە، 1655- يىلىدىن 1660- يىلىغىچە بولغان ئۇرۇشتا پولشا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئازىيىپ، نوپۇسى 6-7 مىليۇنغا چۈشۈپ قالغان. 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە نوپۇسى تەدىرىجى كۆپەيگەن. ئەمما 1725- يىلى پارتىلىغان يېڭى ئۇرۇش سەۋەبلىك نوپۇس يەنە 7 مىليۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇرۇشنىڭ زىنىيىنى ۋە دېھقانلارنىڭ نامراتلىشىشى تۈپەيلىدىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى زور دەرىجىدە تۈۋەنلەپ، ئۇرۇشتىن كىيىنكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقىسىنىڭ %40 گە توغرا كەلگەن.
روسىيە پولشانى بۆلۈۋېلىشقا ئۈچ قېتىم قاتناشقان
18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە پولشا روسىيە، پىروسىيە ۋە ئاۋىستىرىيىلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەسكىرىي كۈچى 800 مىڭغا يىتەتتى. ئەمما پولشانىڭ ئارانلا 10 مىڭ كىشىلىك قۇشۇنى بار ئىدى. شۇڭا پولشا بۇ ئەھۋالدا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈشۈۋېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. 1766- يىلىدىن 1768- يىلىغىچە روسىيە بىلەن پىروسىيە پولشادىكى پىراۋىسلاۋىيە دىنىي مۇرتلىرى بىلەن پىروتېستانت دىنى مۇرتلىرى مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، پولشا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىككى دىن مۇرتلىرىنى كاتولىك دىنى مۇرتلىرىغا ئوخشاش دەرىجىدىكى ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىشقا قىستىغان. ئەمما پولشادا بال ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قارشى تۇرغان. فرانسىيە بال ئىتتىپاقىنى قوللىغان. تۈركىيە «پولشانىڭ ئەركىن ھوقۇقى» نى قوغداش نامىدا روسىيىگە جەڭ ئېلان قىلغان. ئاخىرىدا روسىيە ئارمىيىسى بال ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلغان.
1772- يىلى روسىيە، پىروسىيە ۋە ئاۋىستىرىيە پولشانى بىرىنچى قېتىم بۆلۈشىۋالغان. 1793- يىلى پولشا 2- قېتىم روسىيە ۋە پىرىسىيەلەر تەرىپىدىن بۆلىۋېلىنغان. 1794- يىلى روسىيە – پىرىسىيە قۇشۇنلىرى پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ، روسىيە قۇشۇنلىرى قۇرال تاشلىغان 2000 نەپەر پولشا ئەسكىرىنى ۋېسۋا دەرياسىغا تاشلاپ، تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 1795- يىلى پولشا روسىيە، پىرىسىيەلەر تەرىپىدىن 3- قېتىم بۆلۈنىۋېلىپ مۇنقەرز بولغان.
فرانسىيىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپ مەزگىلىدە ناپالىئون پولشادا «ۋارشاۋا كېنەزلىكى» نى قۇرۇپ بىرىپ، پولشالىقلارنى ئازاد قىلغان. 1812- يىلى 100 مىڭ نەپەر پولشا ئەسكىرى ناپالىئونغا ئەگىشىپ، روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، بۇ ئۇرۇشتا فرانسىيىدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئەسكەر چىقارغان دۆلەت بۇلۇپ قالغان. ناپالىئوننىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭغا فرانسىيە قۇشۇنلىرىدىن قالسا پولشا قۇشۇنلىرى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىدى. چۈنكى پولشالىقلار مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلاتتى. شۇڭا ناپالىئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ھەتتا «2- قېتىملىق پولشا ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ناپالىئون مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋارشاۋا كېنەزلىكى يەنە روسىيە، پىرۇسىيە ۋە ئاۋىستىرىيىلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن روسىيە نۇرغۇن قېتىم پولشالىقلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا پولشا روسىيە قۇشۇنلىرى بىلەن گېرمانىيە، ئاۋىستىرىيە، ۋېنگىرىيە قۇشۇنلىرىنىڭ قايتا- قايتا تالىشىدىغان يىرىگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان. 1918- يىلىدىكى برېېتىسكايا سۈلھى كىلىشىمىگە ئاساسەن، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت روسىيىسى پولشاغا بولغان بارلىق زىمىن تەلىپىدىن ۋاز كىچىپ، پولشانىڭ مۇستەققىللىقكى پارىژ سۈلھى كېڭىشىدە دەلىللەنگەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى پولشاغا ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ،
پولشا ئۇرۇش ئېلان قىلمىغان
كۆپ ئۆتمەي پىسوسكى رەھبەرلىكىدىكى پولشا ھۆكۈمىتى «بۈيۈك پولشا» قۇرۇپ، تارىختىكى ئوكرائىنغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش غەرىزىدە 1920- يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئاق گۋاردىيىچىلەر بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كىيىۋنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەمما ناھايىتى تىزلا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قايتارما زەربىسىگە ئۇچراپ، قىزىل ئارمىيە ۋارشاۋاغىچە قىستاپ كەلگەن. لېنىن پولشالىق ئىشچىلارنىڭ قىزىل ئارمىيەنى قوللىشىنى، پولشادا قىزىل ھەكىمىيەت قۇرۇلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما كۆپ سانلىق پولشىلىق ئىشچىلار ئۆز ھۆكۈمىتىنى قوللايتتى. كېيىن ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن پولشا قۇشۇنلىرى غەلىبە قىلىپ، قىزىل ئارمىيە چىكىنىپ چىقىپ كەتتى. سوۋېت ئارمىيەسى بىلەن پولشا ئاخىرىدا چېگرىسىنى بىكىتىپ، سوۋېت روسىيەسى غەرىبىي بىلاروسىيە بىلەن غەرىبىي ئوكرائىنانى پولشاغا ئايرىپ بەردى. 1922- يىلى قۇرۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلاروسىيە بىلەن ئوكرائىنادىن ئىبارەت ئىككى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پولشا ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىلاروسلا ۋە ئوكرائىنلارنى ئىزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز دەپ قارايتتى. ئىدىيىدىكى بۇ خىل مايىللىق شۇ دەۋىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدىبىي ئەسەرلىرى (مەسىلەن: «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانى) دىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن پولشا ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە، فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ناھايىتى ھۇشيار تۇردى. 1938- يىلى گېرمانىيە چېخىسلوۋاكىيەنى پارچىلىۋەتكەندە، پولشا توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ، چېسىن رايۇنىنى ئىگىلىۋالدى.1939- يىلى 8- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالەغاندا بىر مەخپىي كىلىشىمنىمۇ ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ پولشىدىكى تەسىر دائىرىسىنى بىكىتكەن. 1939- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى گېرمانىيە پولشاغا چاقماق تىزلىكىدە ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە، فرانسىيىلەر گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغان. ئەمما ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە پولشاغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىدەم بەرمەي، ئۇرۇشتا پاسسىپ بۇلۇۋېلىپ، تاماشا كۆرگەن. 1939- يىلى 9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا پولشانىڭ مەغلۇپ بۇلىشى مۇقەررەرلىشىپ قالغاندىن كېيىن، 9- ئاينىڭ 17- كۈنى سىتالىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، غەرىبىي ئوكرائىنا ۋە غەرىبىي بىلاروسىيىدىكى قېرىنداشلىرىنى فاشىستلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش نامى بىلەن پولشانىڭ شەرقىي قىسمىغا ئەسكەر چىقارغان. ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدىن مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان پولشا ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 200 مىڭ كىشىلىك پولشا قۇشۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن.
1940- يىلى 4- ئايدا سىتالىن پولشادىكى ھۆكۈمرانلىقى دۈچ كىلىۋاتقان قارشىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كاتىن ئورمانلىقى قاتارلىق جايلاردا پولشانىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوفېتسىرىنى ئۆلتۈرۈۋىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئىشنى باشتا ناتسېسلار گېرمانىيىسىگە دۆڭگەپ قويغان. 1990- يىلى ئاندىن بۇ ئىشنى رەسمىي ئىتىراپ قىلىپ، كەچۈرۈم سورىغان.
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋارشاۋا قوزغىلىڭىغا تۈزۈك يارىدەم بەرمىگەن
1941- يىلى 6- ئايدا گېرمانىيە سوۋېي ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پولشالىق ئەسىرلەرنى قۇيۇپ بەرگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى زىمىنىدا پولشا قۇشۇنلىرىنى قايتىدىن قۇرغان. 1944- يىلى سوۋېت ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۈتۈپ ۋارشاۋاغا يېقىنلاشقاندا، پولشادىكى گېرمانىيىگىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ قارشى تەشكىلات - «دۆلەت ئارمىيىسى» گېرمانىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئەمما سوۋېت ئارمىيىسى قوزغىلاڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىمىغاچقا، قوزغىلاڭ گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرىۋىتىلگەن. 1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئارمىيىسى 10 مىڭدەك ئادەمنىڭ قۇربان بۇلىشى بەدىلىگە ۋارشاۋانى ئازاد قىلغان.
ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشانىڭ چېگرىسى 1939- يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە بۆلىشىۋالغان لىنىيە بۇيىچە ئايرىلغان. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پولشا تەدىرىجى سوتسىيالىزىم يولىغا مېڭىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى لاگىرىغا قۇشۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا پولشادىكى ئىتتىپاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھۆكۈمەتكە قارشى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرۇش توغرىسىدا تەھدىت سېلىپ، پولشا ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ھەركەت قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان. يۇقۇرقىدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پولشانىڭ ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارلىشىشى نەتىجىسىدە پولشا بىلەن روسىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە دەز كەتكەن.
历史上的今天:
« تۆتنى تونۇش ›› نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرايلى 2011-02-03«تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت›› دېگەن قانداق دۆلەت ؟ 2011-02-03
收藏到:Del.icio.us
评论