بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-03

    «تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت›› دېگەن قانداق دۆلەت ؟ - [ئــاتــالـغۇلار]

         «تىپ ئۆزگەرتىش›› دېگەن سۆز ئىككى خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ، بىرىنچى مەنىسى، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مەدەنىيەت فورماتسىيەسى، قىممەت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى مەنىسى، مەھسۇلاتنىڭ تىپ نومۇرى ياكى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدۇ.

        كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، ئىقتىسادىي قۇرۇلما، سىياسىي تۈزۈم، مەدەنىيەت فورماتسىيەسى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلاردا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغان دۆلەتنى ‹‹تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت›› دېيىشكە بولىدۇ. تار مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن سىياسىي (مەسىلەن، سىياسىي تۈزۈم، ئېدولوگىيە) ۋە ئىقتىسادى (پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈش)دا ئۆزگىرىش بولغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دائىم ئۇچرىتىدىغان ‹‹تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت›› ئەمەلىيەتتە تار مەنىدىكى ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ.

       غەرب دۆلەتلىرىدىكىلەر مۇنداق قارايدۇ: تىپ ئۆزگەرتىش شەكلىدىن قارىغاندا، ئۇ ‹‹تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلى›› ۋە ‹‹پارتلاش شەكلى›› دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسى جۇڭگو، ۋېيتنام، سىلوۋېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى رۇسىيە، پولشا، چېخىيە، ئۇكرائىنا، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسلاھاتى ئادەتتە بالدۇر باشلانغان بولىدۇ، بىر قەدەر ئېنىق ئەندىزىگە بويسۇنىدۇ. ‹‹پارتلاش شەكلى››دىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسلاھاتى نىسبەتەن كېچىكىپ باشلانغان بولىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى 90 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، تىپ ئۆزگەرتكەن نۇرغۇن دۆلەت ئېدولوگىيەدە ئەركىن بازار ئىگىلىكى ۋە كاپىتالىزمنى يېتەكچى قىلغان.

       خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2000 – يىلى تۆۋەندىكى دۆلەتلەرنى ‹‹تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت›› دەپ بەلگىلىگەن. ئۇلار ئالبانىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بۇلغارىيە، بىرما، جۇڭگو، كىرودىيە، چېخىيە، ئېستونىيە، گىرۇزىيە، ۋېنگرىيە، ھىندستان، لائوس، لاتۋىيە، لىتۋا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكېدونىيە، مولدوۋا، پولشا، رۇمىنىيە، رۇسىيە، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئۆزبېكىستان، ۋېيتنامدىن ئىبارەت. 2002 – يىلى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، يۇگوسلاۋىيە، يەنى كېينكى سېربىيە، مونتېگرولارمۇ ‹‹تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت›› دەپ قارالدى. يەنە باشقا تەتقىقاتچىلار موڭغۇلىيە بىلەن ئىراننىمۇ ‹‹تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت›› دەپ قارىدى. 2004 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا سەككىز دۆلەت (چېخىيە، ئېستونىيە، ۋېنگرىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، پولشا، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە) تىپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى