بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-03

    « تۆتنى تونۇش ›› نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرايلى - [مــەدەنىيەت]

    مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرقى باش ۋەزىپىسى توغرىسىدا تەھلىل

    جى گۇاڭنەن

       مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› تۇنجى قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدە قانداق ئەھمىيىتى بار؟ يېڭى تارىخىي ۋەزىيەتتە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ›› دېگەن سۆزىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

       جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ‹ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش كېرەك › ›› دېگەن سۆزىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

       يېڭى تارىخىي باش پەللىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت ئىستراتېگىيە ‹‹ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تايانچ قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش پەللىسى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش باش ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، ئاۋات، باياشات ۋە مۇقىم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ›› نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىدىكى تەسىراتى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ! بولۇپمۇ ‹‹ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تايانچ قىلىش ›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

       جاڭ چۈنشيەن شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ زامانىۋى مەدەنىيەت ›› نى ئىلمىي، ئىلغار، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەت، دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. ‹‹ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ›› كۆپ مەنبەلىك ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىمىدا، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى مەردانە جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىگە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيە ئاساسىغا ئايلاندۇرۇشنى؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىنىڭ ئاساسىي يېتەكچىسىگە، ئاۋام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

       ئىلگىرى شىنجاڭدا ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغانىدى، بۇ قېتىم يەنە نېمە ئۈچۈن مەخسۇس تەكىتلىنىدۇ؟

       شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› تەربىيەسى ھازىرقى زامان ئېلىمىز پۇقرالىرىنى تەربىيەلەيدىغان ئاساسىي تەلەپ، مۇھىمى، ئۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە تۈپ سىياسىتى.

       شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جاي. شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى قۇرۇقلۇق چېگرىسى ئەڭ ئۇزۇن رايون بولۇپ، شىنجاڭدا چېگرا ھالقىغان مىللەتلەرمۇ كۆپ. مىللەتلەرنىڭ ئىناق، ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا، ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› تىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپتا چوقۇم چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ، دۆلىتىمىز مۇقىملىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈشنىڭ ئىدىيە ئاساسى.

    « تۆتنى تونۇش ›› نىڭ مەزمۇنى نېمە؟

      « تۆتنى تونۇش ›› مول ھەم چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە:

     « ۋەتەننى تونۇش ›› . بۇ، جۇڭگو جۇڭگودىكى بارلىق پۇقرانىڭ ئورتاق ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش دېگەنلىك. تارىختىن بۇيان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ماكانى بولۇپ كەلدى، شۇڭا پۈتكۈل خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا ئىپادىلىنىدۇ. ‹‹ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش ›› . بۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھازىرقى خەلقئارا سىياسى ۋەزىيەتتە ‹‹ مىللىي دۆلەت ›› نى تەشكىل قىلغان بىرلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، 56 مىللەتنىڭ بىر – بىرىگە تايىنىپ، ئورتاق راۋاجلىنىپ، ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشۇپ قۇرغان جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش دېگەنلىك.

       « جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش ›› . بۇ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقانلىقى، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئارا بىر – بىرىگە سىڭىپ، ئۆز مەدەنىيىتى شەكلىنىڭ موللىقى ۋە كۆپ خىللىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، گىرەلەشكەن مەدەنىيەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تونۇش دېگەنلىك، مانا بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى تونۇشىنىڭ ئاساسى.

       « جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇش ›› . بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئېلىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ئىكەنلىكىنى تونۇش دېگەنلىك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ھەر مىللەت خەلقىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

    «تۆتنى تونۇش ›› نىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكىنى قانداق تونۇش كېرەك؟

        شىنجاڭدا ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش چوڭقۇر تارىخىي مۇقەررەرلىككە ۋە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. چىن ۋە خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە دۆلەت بىرلىككە كەلگەندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يىغىلىق، ئەمىنلىك، بىرلىككە كېلىش، پارچىلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى باشتىن – ئاخىر ئۈزۈلۈپ قالمىدى. تارىختىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەقدىرداش بولغان، ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرغان، ئۆزئارا بىر – بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىرى بىرىنى تولۇقلىغان تارىخنى ۋە تەقدىرنى ئورتاق باشتىن كەچۈرگەن.

    ھازىر ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› نى تەكىتلەشنىڭ قانداق رېئال ئەھمىيىتى بار؟

       شىنجاڭ چېگرا رايوندىكى تىپىك كۆپ مىللەتلىك رايون، مىللەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، كۆپ قاتلاملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شىنجاڭدا ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› نەزەرىيە مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى زور رېئال مەسىلىدۇر. ھازىر دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن مىللەتچىلىك ئىدىيە ئېقىمى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئىجتىمائىي ئاڭ جەھەتتىن تەكشۈرگەندە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى تونۇش، مىللەتنى تونۇش، مەدەنىيەتنى تونۇش ۋە يولنى تونۇش جەھەتتىكى كىرىزىس توسالغۇسىدىن پەيدا بولغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ ›› قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ‹‹ تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيىسى ›› نى تەرغىب قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ باغلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى گەۋدىسى ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش غەرىزىدە بولۇپ كەلدى. بۇنداق سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى شىنجاڭدىكى قىسمەن ئامما ئارىسىدا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەكىتلەيدىغان، ھەتتا شەخسىي تەركىبنى ئومۇمىي تەركىبتىن ئۈستۈن قويىدىغان خاھىش كۆرۈلدى. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۇنداق ئۆتكۈر، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا «تۆتنى تونۇش» قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىدۇر.

       پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ›› نىڭ بىز تەكىتلەۋاتقان ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟

       پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى شەرھلەنگەندە ‹‹ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ›› ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، چېگرىدىكى مىللىي رايونلاردا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كۈچىنى يۈكسەلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىم باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ تۆتنى تونۇش ›› ‹‹ ئورتاق مەنىۋى ماكان قۇرۇش ›› نەزەرىيەسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجىدۇر. مەنىۋى ماكان كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ۋە تايانچىسى. ھازىرقى دۇنيادا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەھۋالدا، چېگرىدىكى كۆپ مىللەتلىك رايوندا پۈتكۈل مىللەت ئورتاق تونۇغان ۋە ئېتىراپ قىلغان مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىشنىڭ زور قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بار. بىز بۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ۋە تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. ھازىرجۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قانداق قۇرۇپ چىقىش كېرەك؟

       « تۆتنى تونۇش ›› نى ھېمايە قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشنى مىللىي رايوندىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك.

       بىرىنچى، پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى تونۇش، پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم تۈرلۈك خىزمەت ئەمەلىيىتىدە پۇقرالار ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تىرىشىپ ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، شۇ ئارقىلىق پۇقرالىق ئېڭى ۋە زامانىۋى قانۇنچىلىق قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

       ئىككىنچى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مەدەنىيەتنى بىلىش، مەدەنىيەتنى ئېتىراپ قىلىش داۋامىدا، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتكەندىلا، مەدەنىيەتنى تونۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق مەدەنىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

       ئۈچىنچى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تارىخىي خاتىرىلىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئورتاق غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقى چىن دىلىدىن مەدەنىيىتىنى تونۇيدىغان روھنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

       تۆتىنچى، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭىپ كىرىشكە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى توختاپ قالغىنى يوق، بۇ كۈرەشنىڭ ئۆتكۈرلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئۆزگەرمەيدۇ. ئىجابىي تەشۋىقات بىلەن يېتەكلەشنى ئاساس قىلىپ، ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ ›› بۇرمىلاپ تەرغىب قىلغان شىنجاڭ تارىخىنى، جۈملىدىن مىللەتلەر تەرەققىياتى ۋە دىنىي تەرەققىيات تارىخىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەنقىد قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىيە، مەدەنىيەت، تەشۋىقات جامائەت پىكرى ئىستىھكامىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

       مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتە بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

       بۇنىڭدىن كېيىنكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، ‹‹ پۇقرالار بىردەك باراۋەر بولۇش ›› تەك ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، پۇقرالىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ۋە كۈچەيتىپ، تار مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، ‹‹ قانداق مەسىلە بولسا شۇنداق ھەل قىلىش ›› تا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي مۇناسىۋەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەسىلىلەرنى خالىغانچە پىرىنسىپقا كۆتۈرمەي، خاراكتېرى ئوخشىمىغان زىددىيەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەي، مىللىي مەسىلىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ، كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ۋە ئۇنى يۈكسەك سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدە مىللەتلەرنىڭ ‹‹ پارچىلىنىشى ›› نى ئەمەس، پەقەت ‹‹ بىرلىكى ›› نى ۋە ئورتاقلىقىنى، 56 مىللەتنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى پۇقرالار دۆلىتى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، پۇقرالار ئەركىن كۆچۈپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭگوسى، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭى ›› ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك.

    پۇقرالىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇش نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ؟

       ۋېن جياباۋ زۇڭلى بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا ‹‹ دۆلەت ئېڭى ›› ، ‹‹ پۇقرالىق ئېڭى ›› نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، بۇنىڭ قاراتمىلىقى بار. ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىدا: ‹‹ جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بارلىق كىشىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى ›› ، ‹‹ پۇقرالار قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر ›› دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

       ئېلىمىز زامانىۋى پۇقرالار دۆلىتى قۇرۇش مۇساپىسىدە، ئالدى بىلەن دۆلەت ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. ھەر بىر كىشى مۇشۇنداق ئىدىيەگە كېلىشى كېرەك، يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىكى ھەرقانداق مىللەت،ھەر قانداق كىشى باراۋەر پۇقرا، ئۇلار ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق – مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى چوقۇم ئادا قىلىدۇ. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى نوقۇل مىللەت سالاھىيىتىنى تەكىتلەشنى دۆلەت زېمىنىدىكى بارلىق پۇقرالارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتەك زامانىۋى قاراشنى تىكلەشكە ئۆزگەرتىش كېرەك. مەيلى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر سالاھىيىتى ‹‹ جۇڭگو پۇقراسى ›› ، ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ئېتىقادى، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ سىياسى ۋە قانۇنىي سالاھىيىتى ئوخشاش، ئۇلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، مانا بۇ ھازىرقى زامان پۇقرالىق ئېڭى.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى