ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2384   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-16 10:03:05

 ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى         شاۋكەت ئىمىن
  
  4 - ئايدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئارىسىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيۈش، ۋەتىنىمىزنى سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» دېيىلىدۇ) تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھەر مىللەت ئامما، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، جىنايىتىنى ئەيىبلەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى؛ ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.
  
  1
  
  «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى: بىرىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا ياخشى كەيپىيات يارىتىش. بۇنىڭدا يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى كۈچلۈك ئېچىپ تاشلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرۇشتەك جىنايى قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ياخشى ئاساس سېلىش. بۇنىڭدا ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجابىي يېتەكلەش كۈچى، ئىجابىي تەسىر كۈچى، ئىجابىي تارقىتىش كۈچى، ئىجابىي رادىياتسىيە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ياخشى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ياخشى سۇپا ھازىرلاش. بۇنىڭدا رادىيو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، ھەر خىل يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىشى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە رەددىيە بېرىشى، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش ئارقىلىق مۈجمەل تونۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەيدان، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، بەختىيار تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك، بۇ، ئۇيۇشقاقلىقنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىزغا پايدىلىق.
   قىسقىسى، «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ ھەم بىر قېتىملىق چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ھېسابلىنىدۇ. بىز مۇقەررەر ھالدا ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرەلەيمىز. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىگە داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى، تولۇق غەلىبە قازانمىغۇچە ئۇرۇشنى توختاتماسلىقى كېرەك.
  
  2
  
   ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىنى ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە بىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى، قەتئىي بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك. ئۆز ساھەيىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاراتمىلىق ئىش كۆرۈپ، پائالىيەتنى داغدۇغىلىق، چوڭقۇر، كۈچلۈك ئېلىپ بېرىپ، جەمئيەتتە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
   ھەر مىللەت ئامما «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداش»نى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي قارشىلىق پەيدا قىلىدىغان سەپسەتىسى ۋە رەزىل مەقسىتىگە رەددىيە بېرىشى كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ۋە «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا يول قويىدىغان، ئۆزئارا بەھرىلىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
   دىنىي ساھەدىكىلەر «ئوتتۇراھال يولدا چىڭ تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش»نى باش تېما قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە رەددىيە بېرىپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشى، توغرا يولدا مېڭىشى كېرەك. ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش ئىدىيەسى، تەشەببۇسنى تەپسىر ۋە ۋەز مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىناق قىلىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سالماق بولۇش، تىنچ ئۆتۈش، پائال يۇقىرى ئۆرلەش روھىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
   دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز، گۇرۇھسىز زاتلار «ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، نىيەتتە، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش»نى باش تېما قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز، گۇرۇھسىز زاتلارغا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە نىيەتتە، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشتەك سىياسىي ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاكتىپ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.
   ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ساھەسىدىكىلەر «ئېتىقادنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنى غايە - ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينىشى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەۋزەل رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
   مۇھاجىرلار ساھەسىدىكىلەر «مۇھاجىرلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھاجىرلار ساھەسىدىكى ھەر مىللەت زاتلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بىرلىكتە ئورتاق ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلققە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھەققىدە ياخشى سۆزلەپ، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
   چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىدە «چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇش، يۇرتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، نىيەتتە، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ مۇقىملىقنى قوغداش»نى باش تېما قىلىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ «چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇش» ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىلىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى شىنجاڭنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئالماشتۇرۇشىدا كىرگۈزۈش، ئالاقە باغلاش، ۋاسىتىچى بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دوستانە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ئەل ئىچى ئەلچىسى بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
  
  3
  
   «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، باشلاش نۇقتىسى، تىرىشىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش كېرەك. بولۇپمۇ مۈجمەل تونۇشنى دادىل ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خاتا ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەرگە دادىل قارشى تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە دائىر گەپ - سۆزلەر ۋە ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن يۈزتۇرا كۈرەش قىلىش كېرەك.
   ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىشى كېرەك ھەم بەزى چوڭ - چوڭ ئىشلار ۋە مۇھىم باسقۇچلاردا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ھەم ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋەزىپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى باشلامچىلىق قىلىش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، رادىيو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ھەر خىل تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇئەييەن داغدۇغا شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى، ۋاسىتىسىنى ئۈزۈكسىز بېيىتىپ ۋە يېڭىلاپ، «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ھەم داغدۇغىلىق، ھەم مەزمۇنلۇق ئېلىپ بېرىشى؛ ھەم ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەم قۇلاققا، مېڭىگە، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.
   ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلار قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققىتىنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي، قەتئىي قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھەقىقىي، قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 3 - سانىدىن تاللاندى