بەختكە ئىنتىلىۋاتقان كىشىلەر
بەختكە ئىنتىلىۋاتقان كىشىلەر − خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيە كۆكتېرەك يېزا قۇمئېرىق كەنتىدىكى زىيارەتتىن خاتىرىلەر
پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز خەن دۇڭجۈن
خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيە كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتى ناھىيە بازىرىغا بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ − مەن بېرىپ باققان، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا ئەڭ يېقىن، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئەڭ يېقىن يەر. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، كەنتتىن شىمالغا قاراپ 20 مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن، بىپايان قۇملۇقنى كۆرگىلى بولىدۇ.
قۇملۇق بويىدىكى بۇ كەنت ھازىر ئاساسەن سېرىق رەڭدە كۆرۈنسىمۇ، يېشىللىقمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ، بۇ يېشىللىق سۇۋادان تېرەكنىڭ رەڭگى ئىدى. بۇ سۇۋادان تېرەكلەرنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتىردەك كېلىدىغان بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئىكەن. بۇ دەرەخنىڭ شاخلىرى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، تۈپلىرىنىڭ ئارىلىقى بەزىدە بىر مۇشتچىلىكلا كېلىدىكەن. بۇ ئارىلىقنى مېنىڭ شەرقىي شىمالدىكى يۇرتۇمدا ئۆسىدىغان تېرەكلەر تۈپلىرىنىڭ ئارىلىقىغا سېلىشتۇرۇش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ يەردە سۇۋادان تېرەك مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن چوڭ يول بويلىرىغا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېتىز قىرلىرىغا، ھەتتا قورشاۋ تام ئورنىدا ھويلىلارغا تىكىلىدىكەن. كەنتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنى تېرەكلىككە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن، شۇڭا «كەنت ئاھالىلىرىنى تېرەكلىك ئارىسىغا ئۆي سېلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ» دېيىشكىمۇ بولاتتى. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قاپقارا ئاسفالت يول ياكى سېرىق توپىلىق يول بىلەن ياپيېشىل سۇۋادان تېرەك، كۆپكۆك ئاسمان گىرەلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
بۇ يەردە قۇم بوران چىقىشنىڭ ۋاقىت - قەرەلى يوق ئىكەن. بوران يىراق بولمىغان قۇملۇقتىن قۇم، توپا - چاڭلارنى ئۇچۇرتۇپ كەلسە، توسقىلى بولمايدىكەن. كەنت ئاھالىلىرى قۇم بوراندىن كېيىن ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ھويلىلىرىنى سۈپۈرسە، ئۇششاق قۇم، توپىلار دۆۋىلىنىدىكەن. جىمىكى جانلىقلار ئويغانغان باھار پەسلىدە باشقا يەردە يامغۇر ياغسا، بۇ يەرلەردە قۇم، توپا ياغىدىكەن.
توختىماي چىقىپ تۇرۇۋاتقان قۇم بوران، بىپايان كەتكەن تېرەكلىك − بۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىلنىڭ ئەتراپتىكى قۇملۇق مۇھىت، يەنى سۇ بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە قۇملىشىپ كەتكەن ئۈنۈمسىز تۇپراق قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى ماڭا ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇراتتى. لېكىن بۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرى خۇددى سۇۋادان تېرەك يۇقىرىغا قاراپ ئۆسكەندەك، ھامان ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىكەن.
2015 - يىلى قۇمئېرىق كەنتى «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 12 كەنتنىڭ بىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، 2 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردى.
كەپتەر قوغلىغۇچى
كەنت ئاھالىسى ئابدۇل بوۋاي ئارزۇسىغا يەتتى. 70 ياشتىن ئاشقان بۇ ئۇيغۇر بوۋاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ياردەم مەبلىغى ئارقىلىق، كەپتەر بېقىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئابدۇل بوۋاي ئاق - قارىنى پەرقلەندۈرگۈدەك بولغاندىن باشلاپلا كەپتەرگە ئامراق ئىدى. يولدا كېتىۋاتقانلىرىدا كەپتەرنىڭ ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ قالسا، ھېچنەرسىگە قارىماي قوغلايتتى. كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بۇ كەپتەرلەر ئۆزلىرىنى بىر بالىنىڭ ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا قوغلاۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كېرەك. ئابدۇل ھېرىپ قالسا يەردىلا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قانىتىنىڭ بولمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىناتتى. ئابدۇل 11 ياش ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ كەپتەرگە ئامراقلىقىنى كۆرۈپ، ئىككى يۈەن خەجلەپ، 10 كەپتەر ئېلىپ بەرگەنىدى. ئىككى يۈەن شۇ ۋاقىتلاردا بۇ نامرات ئائىلە ئۈچۈن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. ئابدۇل بۇ كەپتەرلەرنى 10 يىلدەك، يەنى بىر كۈنى ھەممە كەپتەرلىرىنى ئوغرىغا بېرىپ قويغۇچە باقتى... ئۇ ماڭا ئاشۇ ئىش تۈپەيلىدىن شۇ ۋاقىتلاردا نەچچە كۈن قايغۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ بالىلىقىغا ھەمراھ بولغان كەپتەرلەر شۇنداق قىلىپ غايىب بولدى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئۇنىڭ قايتا كەپتەر سېتىۋېلىشىغا يار بەرمىدى.
ئابدۇل كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، ئۈچ بالىغا دادا بولدى. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى بىر قېتىملىق ئەمگەكتە ھادىسىگە ئۇچراپ، ئوڭ بىلىكى ناكا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ كىچىكىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ قويلىرىنى باققان، قوي بېقىشنىڭ ئېپىنى خېلى ئوبدانلا بىلىدىغان بولغاچقا، ئۆيىدە قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. ئۇ ئادەتتە قوينىڭ قوزىلىرىنى بېقىپ سەل چوڭىيىشقا باشلىغاندا، چوڭراقلىرىنى سېتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايتتى.
ــــ مەن بۇ قېتىم «كەپتەر باقمىچىلىقى تۈرى بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى 100 ئائىلە»نىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپتىمەن، كەپتەرخانا سېلىشقا بېرىلگەن 5000 يۈەن ياردەم پۇلىمۇ قولۇمغا تەگدى. بۇنىڭ بىلەن كەپتەر بېقىش ئارزۇيۇممۇ پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. قوي بېقىشنىمۇ ئۈزۈپ قويمايمەن، ــــ دېدى ئابدۇل بوۋاي سېلىنىۋاتقان قوتاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا.
ئابدۇل بوۋاينىڭ ئىلگىرىكى قوتىنى چىۋىق قاشاغا لاي سۇۋاپ ياسالغان ئاددىي قوتان بولۇپ، ئىككى - ئۈچ يىلدا بىر قېتىم رېمونت قىلىنىدىغان بولغاچقا، ھەم پۇل كۆپ كېتەتتى، ھەم ئاۋارىچىلىك ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ياردەم مەبلىغى بىلەن خىش، سېمونت سېتىۋېلىپ، قوي قوتىنى بىلەن كەپتەرخانا بىرلەشتۈرۈلگەن پۇختا قوتان سېلىشنى پىلانلىدى. بۇ، ناھىيەلىك مال - چارۋىچىلىق پونكىتىنىڭ تەكلىپى، شۇنداقلا كەنتتىكى كەپتەر باقمىچىلىقىدىكى چوڭ ئائىلىلەر قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇل ئىدى. سېلىنىۋاتقان قوتاننىڭ ئىككى ياندىكى تېمىغا كەپتەر كوۋۇكى ئېسىلاتتى، ئوتتۇرىسىغا چوڭراق تۈڭلۈك ئېچىلىپ، قوتاننىڭ ئۈستىگە سېلىنىدىغان كەپتەرخانىغا تۇتاشتۇرۇلاتتى. بۇنداق بولغاندا، ھاۋا سوۋۇپ كەتكەندە كەپتەرلەر قوتانغا كىرىپ، ئۇۋىدا تۇرۇپ، قوينىڭ بەدىنى ۋە قۇمىلاقلىرىدىن چىققان ھارارەت بىلەن سوغۇقتىن ساقلىناتتى؛ ھاۋا ئىسسىغاندا، تۈڭلۈڭتىن كەپتەرخانىغا چىقىپ، نەسىل قالدۇراتتى.
ــــ بۇ قوتان پۈتسە، ئىلگىرىكىدەك قوتان رېمونت قىلىش غېمىممۇ تۈگەپ، كەپتەرخانىنىڭ ئالدىغا ئورۇندۇقتىن بىرنى قويۇپ، ئىلگىرى قوغلىغان كەپتەرلىرىمدىن كۈندە ھۇزۇرلىنىمەن، − دېدى ئابدۇل بوۋاي ئۈمىدلەنگەن ھالدا.
قۇمئېرىق كەنتىدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ياردەم مەبلىغى ئارقىلىق ئائىلىدە كەپتەر باقمچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش − كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ قۇمئېرىق كەنتىگە 2 - تۈركۈمدە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قىلغان ئورتاق مەسلىھەتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. قۇمئېرىق كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىغا بۇ ئەھۋاللار بەش قولدەك ئايان بولغاچقا، ئۇ ئائىلىلەردە كەپتەر بېقىش تۈرىنى يولغا قويۇش تەكلىپى بەرگەنىدى.
قۇمئېرىق كەنتى قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى «قۇمنىڭ تەبىئىتى سوغۇق» دەپ قاراپ، سوغۇقنى ھەيدەش ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىدە تەبىئىتى ئىسسىق بولغان قوي گۆشى، كەپتەر گۆشى قاتارلىقلارنى يەپ، بەدىنىدىكى ئىسسىق - سوغۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇراتتى. ئەمەلىيەتتە، كەپتەر بېقىش ۋە كەپتەر گۆشى يېيىش جەنۇبىي شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ، كەپتەرگە ئاشۇنداق ئېھتىياج بولغاچقا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان «ئائىلىلەردە كەپتەر بېقىش تۈرى» يولغا قويۇلۇشنىڭ ئاساسىي شارائىتى ھازىرلانغانىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 276 ئائىلىلىكنىڭ كەپتەر بېقىشىنى بېكىتىپ، 1 - قېتىملىق ياردەم مەبلىغى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، بىرىنچى تۈركۈمدە 40 ئائىلىلىك 2015 - يىلى يىل ئاخىرىدا كەپتەرخانا سالغان ھەم كەپتەر سېتىۋالغانىدى.
كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 2016 - يىلى بېكىتىلگەن 100 ئائىلىلىكنى ناھىيەدىن ياكى كەنتنىڭ كەپتەر باقمىچىلىقىدىكى چوڭ ئائىلىلەردىن كەپتەر سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. كەپتەر باقمىچىلىقى تۈرىگە قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرى كەپتەرخانىسىدا 15 جۈپ كەپتەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلسىلا، كەنت ئۇلارغا 1800 يۈەن كەپتەر سېتىۋېلىش پۇلىنى ئالدىن بەرگەن. ھال - ئەھۋالى ياخشى كەنت ئاھالىلىرى كۆڭلىدىكىدەك كەپتەرلەرنى ئالدىن سېتىۋالسا بولىدىكەن. كەپتەرلەرنىڭ سورتىغا چەك قويۇلمىغان، پەقەت كەپتەرلىرىنىڭ سانى 15 جۈپكە يەتكەن بولسىلا، ئۇلار بۇ پۇلنى ئالالىغان.
قۇمئېرىق كەنتىدىكى غوجىمۇھەممەت كەنت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىردىنبىر ياش بولۇپ، ئۇ ئويلاۋاتقان «كەپتەرنى قانداق سېتىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلە كەپتەر باققۇچى ئائىلىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
قۇمئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەپتەر باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە.
غوجىمۇھەممەت ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەپ، 2014 - يىلى كەنتىگە قايتىپ كەلگەنىدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسكەنىدى. ئۇ 2004 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتۇشتىكى بىر پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل، كاللىسى ئوچۇق بولغاچقا، زاۋۇتتا ئىشلەپ ئۈچ يىل بولمايلا غوجايىنىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، شىركەتنىڭ چىگىت توشۇش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، يۈك تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللانغان. كەنتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يۈك تىرانسپورت كەسپىنى داۋاملاشتۇرغان. 2015 - يىلى گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندە، قۇمئېرىق كەنتىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان؛ دۆلەت مەبلەغ ئاجرىتىپ كەنت ئاھالىلىرىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي سېلىپ بەرگەندە، ئۇ ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ۋە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىدى.
2015 - يىلى يىل ئاخىرى قۇمئېرىق كەنتىدە ئائىلىلەرنىڭ كەپتەر باقمىچىلىق تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلغان. غوجىمۇھەممەت كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن 2016 - يىلى كەنت بويىچە 276 ئائىلىلىكنىڭ كەپتەر باقمىچىلىق تۈرىنى داۋاملىق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، سودا پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
ــــ كەنتتە ھەممە ئائىلە كەپتەر بېقىۋاتىدۇ، بۇ كەپتەرلەرنى مۇشۇ يەردىكى بازارلاردا سېتىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە باچكا گۆشى ئىنتايىن بازارلىق. مەن باچكا گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، باچكا گۆشىنى پىشۇرۇپ، ۋاكۇئۇم قىلىپ قاچىلاپ، يەنە دورا - دەرمەكلىرىنى ئايرىم خالتىغا قاچىلاپ، مەملىكەت دائىرىسىدە ساتماقچى بولۇۋاتىمەن، − دېدى غوجىمۇھەممەت.
غوجىمۇھەممەت ئەر - خوتۇن.
غوجىمۇھەممەت ناھىيە بازىرىدىكى باچكا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئالايىتەن بېرىپ، پۈتۈن بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىنىڭ ئانچە چوڭ يەرنى ئىگىلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز ئۆي بولسىلا بولدىغانلىقىنى، باھاسىنىڭمۇ قىممەت ئەمەسلىكىنى، توردىن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ ھويلىسىدىن ئازراق يەر بىكارلاپ، زاۋۇت قۇرماقچى بوپتۇ. بۇنداق قىلغاندا ئۇ يەنە ئۆز كەنتىدىكىلەرنى ياللاپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولالايتتى. غوجىمۇھەممەت پىششىقلاپ ئىشلىمەكچى بولغان باچكا گۆشلىرىنى ئادەتتىكى سېتىش يوللىرىدىن باشقا، يەنە توردىمۇ سېتىشنى پىلانلاپتۇ. كەنتكە تور يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆيدە كومپيۇتېر بولسىلا، تورغا چىققىلى بولىدىكەن. غوجىمۇھەممەت يېقىندا «تاۋباۋ تورى»دىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ، ئۇ ئىلگىرى بۇ توردىن مال سېتىۋالغان بولسا، ئەمدى ئۇنىڭدا مال ساتقۇچى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقچى بوپتۇ... ئۇنىڭ بۇ پىلانىنى كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كۈچەپ قوللاپتۇ. ئۇلار قۇمئېرىق كەنتى بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىردىنبىر ياشنىڭ كەنتكە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى دەسلىپىدە ئائىلىلەردە كەپتەر باقمىچىلىقى تۈرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كەنت ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭغا گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولغانىدى. چۈنكى، قۇمئېرىق كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندەك بولۇپ، كەپتەر باقمىچىلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان 6800 يۈەن تۈر مەبلىغى كەنتتىكى بىر ئاھالىنىڭ يېمەي - ئىچمەي ئىككى يىل يىغقان كىرىمىگە توغرا كېلەتتى. كەپتەرخانا سېلىپ بولغان كەنت ئاھالىلىرى مانا ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەتكە ئىشىنىپ بولالماي: «نەدىمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن!» دېيىشكەنلىرىنى ئېيتىپ بەردى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، كەنتتىكى كەپتەر باقمىچىلىقىدا تەجرىبىسى بار چوڭ ئائىلىلەر، ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلار ۋە كەنت كادىرلىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى كەپتەر باقمىچىلىقى تۈرىنى يولغا قويىدىغان 40 ئائىلىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولغان كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي، تۇنجى تۈركۈمدە كەپتەر باقىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ھويلىلىرىدا كەپتەرخانا سېلىنىپ، كەپتەرخانىدا گۆش كەپتەرلىرى ئۇچۇپ يۈرىدىغان، دانلايدىغان بولدى. كەنتتىكى بايراملىق يىغىلىشلاردا كەپتەر باققان ئائىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ 6800 يۈەن تۈر مەبلىغىنى ئالغانلىقىنى، كەپتەرخانا سېلىپ، كەپتەر سېتىۋېلىپ، بۇ مەبلەغتىن يەنە ئازراق پۇل ئاشقانلىقىنى ئۆزئارا خۇشاللىق بىلەن دېيىشتى. تۇنجى تۈركۈمدىكى 40 ئائىلىلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھەممە ئادەم، بولۇپمۇ ئىلگىرى گۇمانىي قاراشتا بولغانلار خۇش بولۇپ، ئائىلىلەردە كەپتەر بېقىشقا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ راستلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدى. 3 - تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسى 2 - تۈركۈمدىكى 100 ئائىلىلىكنىڭ كەپتەر بېقىش تۈرىنى يولغا قويۇشقا كىرىشكەندە، ئەھۋال 180 گىرادۇس ئۆزگىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىنتايىن ئاكتىپ بولدى ھەمدە مەبلەغنى ئالغان ھامان كەپتەرخانا سېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. 3 - تۈركۈمدىكى 136 ئائىلىلىكنىڭ بەزىلىرى ئالدىراپ، مەبلەغ تارقىتىلمىسىمۇ كەپتەرخانا سېلىشنى باشلاپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئۆزلىرىنىڭ كەپتەر بېقىش تۈرىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ ھەم ئىشەنچىنىڭ بارلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولدى.
«قوش تىل» ۋە كېلەچەك
كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 كەنتنىڭ بارلىق ئاھالىلىرى ئۇيغۇرلار ئىدى. كەنتتە خەنزۇچە سۆزلەۋاتقان ئادەم كۆپ ھاللاردا كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىۋاتقان ئەزالىرى بولۇپ چىقاتتى. مۇشۇنداق تىل مۇھىتىدا بالىلارغا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىتىش، ئىگىلىتىش مەكتەپ ۋە ئاتا - ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىش بولۇپ قالغانىدى.
خەيرىگۈل كۆكتېرەك يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قۇمئېرىق كەنت شۆبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ھەمدە خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بىردىنبىر ئوقۇتقۇچى. بۇ شۆبە مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىن 5 - يىللىقىغىچە بولغان سىنىپلارغا «قوش تىل»دا دەرس ئۆتەلەيتتى. خەيرىگۈل ھازىر 2 - يىللىق سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ، گەرچە ئۆزى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ، بەزىدە خەنزۇ تىلى دەرسىمۇ ئۆتەتتى. بالىلار ئۆيىگە قايتىپ بارغاندا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكەچكە، مەكتەپتىكى خەنزۇ تىلى دەرسى ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. خەيرىگۈلنىڭ تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك بولغاچقا، بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە زور دەرىجىدە ياردىمى بولاتتى.
خەيرىگۈل ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇشتىن بۇرۇن، جياڭشىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئىككى يىل خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇغانىدى. ئۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ئادەتلەنگەچكە، ئىچكىرىگە دەسلەپتە كەلگەندە تىلدىن قىينىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاساسەن چۈشىنەلمىگەن، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىغانىدى. خەيرىگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسى گۇما ناھىيەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، قىزىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى بوشاشماسلىققا رىغبەتلەندۈرگەن. خەيرىگۈل ئىككى يىلدىن كېيىن، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ھازىر خىزمەتكە چىققىنىغا ئىككى يىلدەك بولۇپ قالغان خەيرىگۈلنىڭ كۈنلىرى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتمەكتە ئىدى. خەيرىگۈل ئەتىگەندە مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىگەنلىك يېرىم سائەت تەكرارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېكىستنى ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇيدىكەن. ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ۋاقىتتا خەنزۇچىلا سۆزلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. خەيرىگۈل ماڭا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەتىگەنلىك تەكرار − سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ باشقا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇشىدا رول ئوينىدى.»
مەن چاۋشيەن مىللىتىدىن، خەيرىگۈلنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، چاۋشيەن مىللىتى كەنتىدە چوڭ بولغان ئانامنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تېببىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، تىلدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلىقى ئېسىمگە كەلدى: ئۇلار ئاستا - ئاستا ماسلىشىش ۋە يۇقىرى سىجىللىقتا ئۆگىنىش ئارقىلىق، خەنزۇ تىلىنى ئىگىلەپ، ئوقۇشىنى تاماملىغانىدى.
زىيارەت داۋامىدا، كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن مېنى ۋە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. مەمتىمىن كەنجى ئوغلىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان ھەمدە ئۇنى بەش يېشىدىلا ناھىيە بازىرىدىكى «قوش تىل»لىق يەسلىگە ئاپىرىپ بەرگەنىكەن. ھازىر ئۇنىڭ بۇ ئوغلى يەتتە ياشقا كىرىپ، پات ئارىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئۇ يەنە بىر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى كۈندە كەچتە ئوغلىغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ بېرىپتۇ. بالىسىنى تەربىيەلەشكە بۇنداق كۆپ مەبلەغ سېلىشقا ئۇنىڭ باشقا يەرلەردە تىجارەت قىلغاندىكى تەسىراتلىرى سەۋەب بولغانىكەن.
قۇمئېرىق كەنتى قاراشلىق كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ يەرلىرى قۇملۇق بولسىمۇ، چىلان، ياڭاق، ئۈزۈملەر ئوخشايدىكەن. مۇشۇنداق بىر يەردە بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقىنىڭ مېڭە ئىشلىتىشىگە، تىرىشىپ ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. مەمتىمىنلەر ئۈچ ئوغۇل بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ كەنجىسى ئىكەن. نەچچە يىل ئالدىدا بۇ ئاكا - ئۇكىلار ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان، مەمتىمىننىڭ چوڭ ئاكىسى بىلەن 2 - ئاكىسى كەنت ئاھالىلىرىدىن چىلان، ياڭاق ۋە قىزىلگۈل سېتىۋېلىپ، ئۆيىدە تازىلاش، تاللاش ۋە قاچىلاشقا مەسئۇل بولىدىغان، مەمتىمىن سېتىشقا مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ. مەمتىمىن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئىچكىرىگە بېرىپ بازار ئېچىپ باقماقچى بولۇپتۇ. گۇاڭجۇغا تۇنجى قېتىم بارغىنىدا تىل بىلمەسلىكنىڭ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ھېس قىلىپتۇ. ئۇ ئاغىنىلىرى ئارقىلىق پايدىسى خېلىلا كۆپ بىر سودىنى ئۇقۇشقان بولسىمۇ، مال سېتىۋالغۇچىغا مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇپ بولالماي، سودىنى قىلالماپتۇ... مەمتىمىن سودىدىكى بۇ ئوڭۇشسىزلىقتىن خەنزۇ تىلىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەنجى ئوغلىنى دەرھال «قوش تىل»لىق يەسلىگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ.
مەمتىمىننىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوغلى مەردانجان (ئوڭدىن ئىككىنچى) كەنىتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىم بىلەن پاراڭلاشماقتا.
كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى تاماقتىن بۇرۇن مەمتىمىننىڭ كەنجى ئوغلىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ بۇ نەچچە يىلدا خەنزۇچىنى قانچىلىك ئۆگەنگەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇشتى. بۇ شاكىچىك تارتىنىپ تۇرۇپ، «مەردانجان» دەپ ئىسمىنى قەغەزگە خەنزۇچە يېزىپ بەردى. ئۇنىڭ خەتلىرى دانە - دانە بولۇپ، يەتتە ياشلىق بالا يازغان خەتكە ئوخشىمايتتى، بىز ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇشۇپ كەتتۇق. ئارقىدىن خەنزۇچە سوئال - جاۋاب باشلىنىپ، مەردانجان سوئاللارغا دۇدۇقلىماي جاۋاب بەردى، تەلەپپۇزىمۇ توغرا ئىدى. مەمتىمىن بۇلارنى كۆرۈپ، مەمنۇنىيەت بىلەن ئوغلىنى مۈرىسىدىن قۇچاقلىۋالدى. مەمتىمىن ماڭا ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى توغرىسىدا توختىلىپ: نەچچە يىلدىن كېيىن ئوغلىغا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى؛ ئوغلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزسە، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، مەمۇرىيلىققا ئىمتىھان بېرىشكە ياكى ئىچىكىرىدە ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنىڭ يولىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئاتا - ئانا يېتەكلىمىسىمۇ ئۆگىنىشكە قىزىقىش، بىلىمگە تەشنا بولۇش تىرىشچان بالىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ماڭا تولۇقسىزنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ھەمدۇللا ئىسىملىك بىر بالىنى تونۇشتۇردى.
ھەمدۇللانىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشۇشىغا خەنزۇچە ئۆگىنىشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. ھەمدۇللا بىر قېتىم ئۆيىدە توك توختاپ قېلىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسى مەيدانىدىكى چىراغ نۇرىدا خەنزۇ تىلى تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇنى كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى پەن رۈي كۆرۈپ قېلىپ، ئەھۋالنى ئۇقۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىدىن تەسىرلىنىپ، شۇ يەردىلا ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا دەرستە بىلمىگەن يەرلىرى بولسا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەمدۇللانىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش مەقسىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ئۇلارغا خەنزۇ تىلى دەرسى بېرىدىغان خەنزۇ مۇئەللىم بەكلا كۆيۈمچان ئىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدىكەن، شۇڭا ھەمدۇللا ئوقۇتقۇچىسىغا مىنەتدارلىقىنى خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىرەر جۈملە سۆزنىمۇ قۇراشتۇرۇپ دېيەلمەسلىكى سەۋەب بولغانىكەن. ھەمدۇللا يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنچە ئىچكىرىگە بېرىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولسا، خەنزۇ تىلى بىلىشنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، يۇرتىدا ئىشلىسىمۇ خەنزۇ تىلىنى پۇختا بىلمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.
ھەمدۇللا ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى يېقىنقى يىللاردا قىسىمدىكى ئاكىلار ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، زوراۋان، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» مەن ھەمدۇللانىڭ ئۆتكۈر كۆز نۇرلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم.
سۆيۈملۈك كىشىلەر
مەن زىيارەت جەريانىدا «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتىم.
ھازىرقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىگە كەلگىنىگە ئىككى ئاي بولمىغان بولسىمۇ، كەپتەر باقمىچىلىقى تۈرىنى يولغا قويۇشقا تېزلا كىرىشىپ، كەپتەر باقىدىغان 100 ئائىلىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزغاندىن سىرت، كۈندە ئۆيلەرگە كىرىپ، كەپتەرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى، كەپتەر سېتىۋېلىش ۋە ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىگەن. خىزمەت گۇرۇپپىسى 1 - تۈركۈمدە كەپتەر باققان 40 ئائىلىلىك ۋە 2 - تۈركۈمدە كەپتەر باقىدىغان 100 ئائىلىلىكنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. كەنت يوللىرىنىڭ كۆپ قىسمى توپىلىق بولغاچقا، ئۇلار ئەھۋال ئىگىلەشكە بارغاندا توپىلىق يوللارغا چوڭقۇر ئىزلار قالىدىكەن، ئاياغلىرى ۋە كىيىملىرى توپا بولۇپ كېتىدىكەن. مەن زىيارەت بىلەن قۇمئېرىق كەنتىگە كەلگەن ۋاقىتتا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەپتەر باقىدىغان بەزى ئائىلىلەرگە ئاز دېگەندە تۆت قېتىم بېرىپ بولغانىكەن، كەنت ئاھالىلىرىگە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ چىرايىمۇ تونۇش بولۇپ كەتكەنىكەن.
خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئىككى ئايال ــــ گۇرۇپپا باشلىقى ليۇ جياڭچىن بىلەن گۇرۇپپا ئەزاسى فېڭ شۇاڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. شۇ كۈنى مەن كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كەلسەم، بىر توپ ئۇيغۇر ياش ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ، كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى مەشىق قىلىۋېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن، رىتىمى تېخىمۇ تېز بىر مۇزىكىدا كۆپچىلىك چەمبەر بولۇپ تۇردى، نەچچە يىگىت ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى، ئارىسىدىن بىرەيلەن پۇت - قوللىرىنى رىتىمغا كەلتۈرۈپ، قىزلار تۇرغان تەرەپكە يۆتكىلىپ، بىر قىزنى ئۇسسۇلغا تارتتى، ئۇزاق ئۆتمەي ئوتتۇرىغا چۈشكەنلەر كۆپىيىپ، ئۇسسۇل ماھارىتىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى... ئۇلارنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، رىتىمغا كەلتۈرۈپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا يەرنى تېپىپ كەتتىم. بۇ ۋاقىتتا ليۇ جياڭچىن بىلەن فېڭ شۇاڭلارمۇ ئۇسسۇلچىلار توپىغا قوشۇلۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.
پەن رۈي بىلەن ھەمدۇللانىڭ تاسادىپىي ئۇچرىشىشى يەنە بىر خەيرلىك ئىشقا تۈرتكە بولغانىكەن.
پەن رۈي ئۆزىنىڭ ھەمدۇللاغا خەنزۇچە ئۆگىتىۋاتقاندىكى سۈرەتنى ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ۋاڭ فامىلىك بىر تونۇشى ئۇ يەردىكى بالىلارنىڭ قىشتىمۇ يېلىڭ كىيىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، ھەر خىل كىيىم - كېچەكتىن بىر ھەپتىدىلا 2000 قۇردىن ئارتۇقنى يىغىپ، تېزلا ئەۋەتىپ بەرگەنىكەن. كىيىم - كېچەكلەر تارقىتىلىدىغان كۈنى كەنت قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، كىيىم ئالالىغان كەنت ئاھالىلىرى خۇشاللىققا چۆمگەن، بەزى كەنت ئاھالىلىرى كىيىملەرنى شۇ يەردىلا بالىلىرىغا كىيگۈزۈپ قويغان. ھەمدۇللانىڭ ئانىسى ئەتىسى ھورى چىقىپ تۇرغان نانلارنى ئېلىپ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كىيىم - كېچەك تارقىتىپ بەرگەنلىكىگە، كەنتكە يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان.
خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەبەيدۇللا ئاتۇشتىن بولۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر سودىغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياشلار سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولسا، كۆپ ھاللاردا ئاتۇشقا بارىدىكەن، چۈنكى ئاتۇشتا ئىش ئورنى كۆپ، ئىش ھەققى يۇقىرى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشقا سالىدىغانلار ياتاق - تاماققا ئىگە بولىدىكەن. ئەبەيدۇللا قۇمئېرىق كەنتىگە چۈشكەندىن كېيىن، ئاتۇشتىكى سودىگەر ئاغىنىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بۇ كەنتنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، ئومۇمىي قىممىتى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كېلىدىغان 1200 پارچە پوپايكا، 200 جۈپ ئاياغ، 200 دانە ئىشتان، 200 دانە چاپان كەنتكە توشۇپ كېلىنگەن. يېقىندا ئەبەيدۇللانىڭ تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئايال تونۇشى كەنتنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىسى بولۇشى ئۈچۈن، 100 يەشىك تازىلىق قەغىزى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ.
كۆكتېرەك يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قۇمئېرىق كەنت شۆبە مەكتىپىنىڭ «قوش تىل»لىق سىنىپى.
خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىڭ جۇ دىققىتىنى كەنتتىكى بالىلارغا قاراتقانىدى. ئۇ بالىلارنىڭ بىلىملەرنى ئاساسلىقى دەرسلىكتىنلا ئالىدىغانلىقىنى، مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن ئاددىيلىقىنى بايقاپ، بۇتخانىدا ئىشلەيدىغان دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇتخانا ئىئانە قىلغان 10 دانە يېڭى كومپيۇتېر كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدىكى بالىلار باغچىسىغا توشۇپ كېلىنىپ، كەنتتىكى بارلىق بالىلارغا ئېچىۋېتىلگەن كومپيۇتېرخانا بارلىققا كەپتۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئالاقە تورىغا ئۇلىنىشى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقانلىق بولۇپ، بالىلار بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كومپيۇتېرلار بىلەن دۇنيانى چۈشىنەلەيدىغان بوپتۇ.
«كەنتكە كەلگەنىكەنمىز، خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك. كۈچىمىز چەكلىك بولسىمۇ، چەكلىك كۈچنى توپلىساق، ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قۇمئېرىق كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرغانىدى.
خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىن پولات ئېزىز تەرجىمىسى
تەرجىمان «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژرۇنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 1 - ساندىن تاللاپ ئېلىندى