2013 – يىللىق 3 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1039   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 15:38:37

 

2013 - يىللىق 3 - سان ژۇرنالدا  ـــــــــ

 ★ مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدە ئويلانسىڭىز ھەم تەپەككۇر يۈرگۈزسىڭىز، ئۇنداقتا ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئېلان قىلىنغان  «تەرەققىيات يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنڭ ئاچقۇچى» ناملىق ماقالە دىققىتىڭىزدە بولسۇن...
  ★ ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت» سەھىپىسىدە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى سۇلايمان ھۈسىيىن بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ...
  ★ ژۇرنىلىمىزنىڭ «مىللەت غەزىنىسى» سەھىپىسىگە قىززىقسىڭىز،  ئۇنداقتا بۇ سان  ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالە دىققىتىڭىزدە بولسۇن...
  ★ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ «جۇدالىق دەھشىتى ــــ شائىرلىقنىڭ ھېكمىتى» ناملىق ماقالىسى ئۆزبېك شائىرى فۇرقەتنىڭ ھاياتىغا ۋە شېئىرلىرىغا ئاتالغان مەخسۇس ماقالە بولۇپ، بۇ ماقالىدىن سىز فۇرقەت ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مول بىلىمگە ئىگە بولالايسىز. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھىپىسى سىزگە مەشھۇر شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەھمىيىتىدىن فۇرقەت ئارقىلىق ئەتراپلىق چۈشەنچىلەر بېرىدۇ...
  ★ مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىز ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان ماكاندىن مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز، ئۇنداقتا ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مىللەت ۋە تەتقىقات» سەھىپىسىگە بېرىلگەن، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىن ھەسەنجان ئابلىزنىڭ «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدىن لوپنۇر قالپىقىنىڭ قىممەت قاتلاملىرىغا نەزەر» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ. سىز بۇ ماقالىدىن نۇرغۇن زۆرۈر ئۇچۇرلارغا ۋە بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز...
  ★ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مىللەت ۋە جەمئىيەت» سەھىپىسىدە سىزگە سۇنىدىغىنىمىز ــــ ئەدىب ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقىنىڭ مەخسۇس ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يېزىپ تەييارلىغان «مەن ئوقۇغان مەكتەپلەر» ناملىق ماقالىسى. سىز بۇ ماقالىدىن مەكتەپنىڭ رولىنى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاپ ئوقۇشنىڭ ئادەم ھاياتىدىكى مۇھىم قىممىتىنى باشقىدىن ھېس قىلىسىز. تەھرىر بۆلۈمىمىز سىزنىڭ بۇ ماقالىنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ...
  ★ مو يەن ئېلىمىزدىن نوبىل مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن يازغۇچى. ھازىر ھەممە مەتبۇئاتتىن ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىيالايسىز. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىغا بېرىلگەن «مەن نېمىشقا مو يەننىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرمايمەن» ناملىق ماقالە بەلكىم سىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىڭىزنى تارتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ژۇرنىلىمىزنىڭ 52 - بېتىگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ...
  ★ دۇنيانى بىلىپ ۋە چۈشىنىپ، نەزەر دائىرىڭىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە ھەم بۇ شەھەرنىڭ قوينىدىكى رەڭگا رەڭ ھايات ۋە تۇرمۇشقا قىززىقامسىز؟ ئۇنداقتا، ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «دۇنياغا نەزەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ئىستانبۇلدىكى بەخت» ناملىق ماقالىنى چوقۇم ئوقۇپ كۆرۈڭ. بۇ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، سىزگە بېرىدىغان بىلىم ئەتراپلىق ۋە مول بولۇپ، ئادەمنى ئۆزىگە بەكلا جەلپ قىلىدۇ. ئىستانبۇلدىكى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ سۈرىتى بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان «ئىستانبۇلدىكى بەخت» ناملىق بۇ ماقالە ژۇرنىلىمىزنىڭ 53 - بېتىدىن باشلىنىپ، 63 - بېتىدە ئاخىرىلىشىدۇ...
  ★ بۇ ساندىكى «گۈلۈم» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خانىم – قىز ئەدىبلىرىمىزدىن گۈلنىسا ئىمىن، رەيھانگۈل مۇھەممەت، پاتىگۈل ئوبۇلقاسىم، ئائىشە قادىر، ھەلىمە تۇردى، مېھرىگۈل مامۇت، سائادەت ساتتار ئايتۇغ، مېھرىگۈل ھۈسەيىن، مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر قاتارلىقلارنىڭ سەرخىل شېئىرلىرى سىزگە خانىم – قىزلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى گۈزەللىكنى نامايەن قىلىپ، ژۇرنىلىمىزدا يېڭىدىن كۆز ئاچقان «گۈلۈم» سەھىپىسىنىڭ بارغانسېرى نۇرغۇن خانىم – قىزلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق  ئىسپاتلاپ بېرىدۇ...
  ★ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا يەنە «مەركەزدىن كەلگەن سادا»، «مىللەتلەر خىزمىتى تەتقىقاتى»، «مىللەتلەر خىزمىتى ئۇچۇرلىرى»، «مىللەت ۋە مەتبۇئات»، «ناۋادا مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولسام...»، «گۈلدەستە» قاتارلىق سەھىپىلىرىگە بېرىلگەن ماقالە – ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ...