2013 – يىللىق 2 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر
2013 – يىللىق 2 - سان ژۇرنالدا ـــــ
★ ژۇرنىلىمىزدا كۆپ يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ سەرخىل ماقاللىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار ئاپتورلىرىمىزدىن ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ «پەرق ۋە بەرق» ناملىق ماقالىسى ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مىللەت ۋە ساپا» سەھىپىسىگە بېرىلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماقالىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك نەپ ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز...
★ يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «كۆمۈلمەس ئىزلار» ناملىق ماقالىسى ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «خاتىرلەر ۋە ئەسلىمىلەر» سەھىپىسىگە بېرىلدى. ئاتاقلىق شائىر، دىرامماتورگ، مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەتئېلى زۇنۇن ھەققىدە يېزىلغان بۇ ماقالە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغانلىقىغا، ئوقۇرمەنلىرىمىزنى مۇھەممەتئېلى زۇنۇن ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىشتا زۆرۈر ماتېرىيال بولالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز...
★ جۇڭگو ئۆزبېكلىرىنىڭ پېشىۋاسى، لىرىك شائىر فۇرقەت ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولاي دېسڭىز، ئۇنداقتا ئەدەبىياتشۇناس ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتاننىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھپىسىگە بېرىلگەن «ئەدەبىياتىمىزدىكى فۇرقەت» ناملىق ماقالىسىدە بولسۇن...
★ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «گۈلۈم» سەھىپىسىگە قەشقەردىن شائىرە مېھرىنۇر ئەبەيدۇللا دىلقىزىنىڭ «قەشقەردە پۈتكەن نەزملەر» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرىنى بەردۇق. ئوقۇرمەنلەر بۇ شېئىرلاردىن خانىم – قىز ئەدىبلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى گۈزەل ۋە ئىنچىكە ھېس - تۇيغۇلارنى ئېنىق ھېس قىلماي قالمايدۇ...
★ ژۇرنىلىمىزدا ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تەسىرچان شائىرلارغا ئاتاپ مەخسۇس تەسىس قىلىنغان «يۇلغۇن چېچىكى» ناملىق سەھىپە بۇ ساندا يەنە داۋاملىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ. بۇ ساندا بىز ئوقۇرمەنلەرگە شائىر ئىمىن ئەھمىدىنىڭ «ئىتىراپ»، «بىر قېتىملىق»، «كونا كوچا»، «قارلىق»، «مۇھەببەت»، «سۆيگۈ»، «تەسىراتىم»، «ناۋاي»، «ئانامنىڭ سەھراسى»، «يەسلىدىكى بالىلارغا»، «سېغىنىش»، «قەشقەردىن تېلېفۇن بەرگەن بىرسىگە»، «ۋەتەن»، «يار سېنىڭ دەردىڭ - 1»، «ئانامغا»، «يار سېنىڭ دەردىڭ - 2»، خوشلىشىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر شېئىرلىرىنى تەقدىم قىلىمىز. ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان پىشقەدەم شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئىستىگەن ئوقۇرمەنلىرىمىز ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىغا دىققىتىنى بەرگەي...
★ بەلكىم يالقۇن روزىنىڭ ماقالىلىرىغا دىققەت قىلمايدىغان ئوقۇرمەنلەر يوق بولسا كېرەك. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «كىتابسىز تۇرمۇش ــــ قۇياشسىز تۇرمۇش» ناملىق سەھىپىگە داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ «پەلسەپە قەسىرىنىڭ ئىشىكىنى چېكىش» ناملىق ماقالىسىنى بەردۇق. ئوقۇرمەنلەر بۇ ماقالىدىن ئۆزىگە پايدىلىق نەپكە ئېرىشىدۇ، ئەلۋەتتە...
★ «مىللەت ۋە ئەدەبىيات» ــــ ژۇرنىلىمىزنىڭ كوزىر سەھىپىلىرىدىن بىرسى. بۇ سان ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان، بۇ سەھىپىگە بېرىلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 10 – نۆۋەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن ياسىنجان سادىق، ئورازخان ئەخمەت، ۋاھىتجان ئوسمان، سۇ دېشىن، غازى ئەھمەدلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى يۈرەك سۆزلىرى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماي قالمايدۇ. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق 1 – سانىدىكى «مىللەت ۋە ئەدەبىيات» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 10 – نۆۋەتلىك ‹تۇلپار مۇكاپاتى›غا ئېرىشكەن ئەسەر ۋە شەخسلەرگە قىسقىچە باھا» ناملىق ماقالە مەزكۇر ساندىكى ماقالە بىلەن قوشۇلۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى «تۇلپار مۇكاپاتى»نىڭ شۆھرىتىدىن سۆيۈندۈرىدۇ...
★ بۇ ساندىكى «يۇلغۇن چېچىكى» سەھىپىسىگە يەنە ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ «سايقۇم توغراقلىرى»، «ئاسمان»، «بىر كېپىنەككە سۆز»، «ساھىلدىكى يامغۇر»، «ئاي»، «ھەسرىتىم»، «ئانار دەرىخى»، «جەزىرە»، «ئالبوم» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى بەردۇق. ئوقۇرمەنلەر شائىرنىڭ بۇ شېئىرلىرىدىن ئۆزگىچە بەدئىي زوق ھەم گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمۈلمەي قالمايدۇ...
★ بۇ سان ژۇرنالدا يەنە «مىللەت ۋە مائارىپ»، «سۆھبەت»، «مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەت»، «گۈلدەستە»، «ئەخلاق گۈلىستانى»، «سۈرەتتىكى ئەسلىمىلەر» قاتارلىق بىر تۈركۈم سەھىپىلەرگە بېرىلگەن ماقالە – ئەسەرلەردىن ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز...