2013 – يىللىق 1 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر
2013 – يىللىق 1 - سان ژۇرنالدا ـــــ
★ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى، سىياسىيون، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1964 – يىلىدىكى خىزمەت ھاياتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپاي دېسىڭىز، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مامۇت قۇرباننىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «سەيپىدىن ئەزىزى كەلپىندە» ناملىق ماقالىسىگە دىققىىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ...
★ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇشنىڭ قانداق ئىلمىي ئاساسى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئۆرپ – ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەت» سەھىپىسىگە بېرىلگەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمىدىن قۇربان ئوبۇلنىڭ «خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئۆرپ – ئادىتى» ناملىق ماقالىسىگە دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ...
★ «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ بولۇپمۇ شېئىرلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىن ئەدىب ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىينىڭ، شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ 10 – نۆۋەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن شېئىرلار توپلىمى ــــ «ئاۋازلىق ئوقيا» ھەققىدە يازغان «‹ئاۋازلىق ئوقيا› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تىڭشاشتىن خاتىرە» ناملىق ماقالىسىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ «ئەسەر ۋە باھا» ناملىق سەھىپىسىدىن ھوزۇرلىنىڭ...
★ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «ھاياتلىق ھېكمەتلىرى» سەھىپىسى سىزگە يەنە بىر سەرخىل ماقالىنى سۇنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ دەل مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىزنىڭ «مەن ھاياتنىڭ قىممىتىنى قانچىلىك ھېس قىلدىم» ناملىق ماقالىسى. سىز ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىنىشنى ئارزۇلىسىڭىز، ھاياتىڭىزنىڭ قانچىلىك مەناغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ھېس قىلماقچى بولسىڭىز ھەمدە چەكلىك ھاياتىڭىزنى چەكسىز مەنىلىك ئىشلارغا ئاتاشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ماقالە دىققىتىڭىزدە بولسۇن...
★ «مۇنبەردىكى ئابدۇقادىر جالالىدىن» ــــ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىغا بېرىلگەن، سىز چوقۇم ئوقۇماي قالمايدىغان يەنە بىر سەرخىل ماقالە. سىز بۇ ماقالە ئارقىلىق، تۇرمۇشتىكى ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز. بۇ ماقالە ژۇرنىلىمىزنىڭ «سىز بىلەن پاراڭلاشقىم بار» ناملىق سەھىپىسىگە بېرىلدى...
★ «گۈلۈم» ــــ ژۇرنىلىمىزنىڭ مەخسۇس خانىم – قىز ئاپتورلىرى ئۈچۈن بۇ يىل يېڭىدىن ئالاھىدە تەسىس قىلغان سەھىپىنىڭ نامى. بۇ سەھىپە سىزگە خانىم - قىز ئاپتورلىرىمىزنىڭ يېزىقچلىقتىكى قەلەم قۇۋۋىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. سىز بۇ سەھىپىدىن قەلبلەرنى ۋە دۇنيانى گۈزەللىك، ئېتىقاد، مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىدىغان ھەر ساھە خانىم – قىز ئەدىبلەرنىڭ سەرخىل ئەسەرلىرىدىن قانغىچە ھۇزۇرلىنىسىز. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا رىسالەت مەردان، ھۆرىيەت مۇھەممەت، ئايشەم ئىسمائىل تەبسسۇم، سائادەت ساتتار ئايتۇغ، زەيتۇنەم مەمتىمىن قاتارلىق ئەدىبلەر «گۈلۈم» سەھىپىسىدىكى شېئىرلىرى ئارقىلىق سىزگە سالام يوللايدۇ!...
★ ئىشىنىمىزكى، سىز مۇنىرە غوپۇرغا ــــ ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە رىياسەتچىلىكى مۇنبىردىكى بۇ داڭلىق رىياسەتچىگە قىززىقىسىز ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ئارزۇلايسىز. سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزنى ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىدا ئېلان قىلغان «مۇنىرە غوپۇر: ھاياتىمىز خۇشپۇراقلىق بىر دەستە گۈلدۇر» ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق قانائەتلەندۈرىمىز. بۇ ماقالە ژۇرنىلىمىزنىڭ «دوستلۇق ئالبومى» سەھىپىسىگە بېرىلدى...
★ ژۇرنىلىمىزدا يىللاردىن بېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر ....لىرى» تېمىسىدا ئېلان قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان شېئىرلاردىن بۇ ساندىكى «گۈلدەستە» سەھپىسىدە شائىر ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ «ئۇيغۇر چاقچاقلىرى» ناملىق شېئىرى دىققىتىڭىزدە بولىدۇ....
★ بۇ سان ژۇرنالدا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «دىن خىزمىتى تەتقىقاتى»، «مىللەت ۋە جەمئىيەت»، «سۆھبەت»، «دۇنيا شېئىرىيەت مۇنبىرى»، «گۈلدەستە» قاتارلىق بىر تۈركۈم سەھىپىلەردىكى سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرگە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەقدىم قىلىدۇ...