تۇنجى قېتىملىق «مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىدا پاراڭلىشىشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇلايدىغان شەخسلەر ھەمدە مەن ماقالە- ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاپتورلار مۇكاپاتلىق تەكلىپ بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ!
ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەر بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش ھەمدە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا خاس نادىر ماقالە- ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت ژۇرنالچىلىق ئەندىزىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرگە كۆپ خىل تېمىدىكى نادىر ماقالە- ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تەقدىم قىلىش ۋە ژۇرنىلىمىزنىڭ سەر خىل ماقالە- ئەسەرلەر مەنبەسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن، تەھرىر بۆلۈمىمىز تۇنجى قېتىملىق «مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىدا پاراڭلىشىشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇلايدىغان شەخسلەر ھەمدە مەن ماقالە- ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاپتورلار» مۇكاپاتلىق تەكلىپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قىزغىن قوللىغان ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆپ خىل قىزىقىش دائىرىسى، ئارزۇسى ۋە ئوي- خىياللىرى بويىچە، ژۇرنىلىمىز يۈزىدە پاراڭلىشىشنى، يۈز كۆرۈشۈشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇلايدىغان ھەر ساھە شەخسلەر − ئالىملار، تۆھپىكار مائارىپچىلار، نەمۇنىچىلار، داڭلىق يازغۇچى ۋە شائىرلار، ئاتاقلىق سەنئەتكارلار، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر ھەم داڭدار ئەربابلار − نىڭ ئىسمىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن ژۇرنىلىمىز سەھىپىلىرىدە قانداق تېمىلار بويىچە پاراڭلىشىشنى، يۈز كۆرۈشۈشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇ ھەم خىيال قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىللە، ماقالە- ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاپتورلار − ھەر ساھە قەلەم ئىگىلىرى، ئەدىب، يازغۇچى، شائىر ۋە تەتقىقاتىلارنىڭ ئىسمىنى خەت ئارقىلىق بىزگە ئەۋەتسە بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەر بىزگە ئەۋەتكەن خەتلىرىدە، جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ھەر ساھە شەخسلەرگە ۋە ماقالە- ئەسەرلىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەمدە ئېرىشىۋاتقان ئاپتورلارغا ئېيتىدىغان ھەر قانداق كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزسە، ژۇرنىلىمىز مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتى ئەڭ بەك مەركەزلەشكەن شەخسلەر ۋە ئاپتورلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ژۇرنىلىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ھەمدە ژۇرنىلىمىز يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇ ۋە ئويلىرى بويىچە بىلەن كۆپ خىل تېمىلاردا پاراڭلىشىشقا، سىردىشىشقا، ژۇرنىلىمىزنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ نادىر ماقالە - ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارەت ماقالىلىرىنى، جاۋاب خەتلىرىنى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ماقالە- ئەسەرلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىش يولى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ژۇرنال يۈزىدە قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قىزغىن قوللىغان ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ژۇرنىلىمىز يۈزىدە پاراڭلىشىشنى، يۈز كۆرۈشۈشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇلايدىغان ھەر ساھە شەخسلەرگە بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى، قەلب ئىزھارىنى، خەتلىرىنى ھەم سوئاللىرىنى، ماقالە - ئەسەرلىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئېرىشىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئىسىم - شەرىپىنى، ئۇلارنىڭ قانداق مەزمۇن ۋە ئۇسلۇبدىكى ماقالە - ئەسەرلىرىنى ئەڭ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىقىنى خەت ئارقىلىق ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئېلخەت ئادرېسىغا ياكى پوچتىدىن ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى ئادرېسىغا ئەۋەتسە بولىدۇ.
بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەكلىپ بېرىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىزنى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئۇچۇر ۋە ئۆزگىچە ئارزۇ- ئۈمىدلەر بىلەن تەمىنلەپ، «‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتى بىر قەدەر كۆپ مەركەزلەشكەن شەخسلەر بىلەن ئاپتورلارنىڭ ئىسمى - شەرىپى ژۇرنال يۈزىدە ئېلان قىلىنىدۇ. «‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئوقۇرمەنلەرگە ژۇرنىلىمىزنىڭ خاتىرە بۇيۇمى ۋە مۇناسىۋەتلىك سوۋغىسى تەقدىم قىلىنغاندىن باشقا، ئىسمى - شەرىپى ژۇرنىلىمىزنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى دوستلۇق ئالاقە تورىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلار بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ، يەنە ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئۇيۇشتۇرىدىغان كۆپ خىل پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلىدۇ.
ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق «مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىدا پاراڭلىشىشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇلايدىغان شەخسلەر ھەمدە مەن ماقالە- ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاپتورلار» مۇكاپاتلىق تەكلىپ بېرىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىزنى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!
ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 918 - نومۇر شىنگۇڭ گۈللۈكى بىناسى 2 - قەۋەت
«جوڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى