ئىستانبۇلدىكى بەخت (2)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 769   يوللانغان ۋاقتى: 2013-08-30 08:13:06

      ئۆز مۇخبىرىمىز شۈ شىن
      
    پوسفور بوغۇزى


  ئىستانبۇلغا كېلىپ 3 - كۈنى پوسفور بوغۇزىغا بېرىشقا ئاندىن مۇۋەپپەق بولدۇم. بۇ يەردە دېڭىز بوغۇزى ھەر ۋاقىت سىزنى قورشاپ تۇراتتى. ھەر كۈنى ئەتىگىنى پىكاپ بىلەن سۇلتان ئەھمەد مەيدانىغا ماڭغىنىمدا، پوسفور بوغۇزى، كۆپكۆك دېڭىز سۈيىگە تەكشى چۈشكەن قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى، ئىستانبۇللۇقلارنىڭ قىرغاقتا خاتىرجەم كېتىۋاتقان مەنزىرىسى مېنى جەلپ قىلاتتى. پوسفور بوغۇزى ئىستانبۇللۇقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھەر ۋاقىت كۆزگە چېلىقىدىغان دېكراتسىيەلىك كۆرۈنۈشنىڭ بىرسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ماڭا ئوخشاش ساياھەتچىلەرلا ھەيران قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
 پوسفور بوغۇزى قارا دېڭىزنىڭ بىردىنبىر ئېغىزى، شۇنداقلا قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر دېڭىز يولى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئەزەلدىن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلگەن. تارىختا رۇسىيە بىلەن تۈركىيە پوسفور بوغۇزىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان.
1936 - يىلى ئىمزالانغان «مونتېللو كېلىشىمى»دە، پوسفور  بوغۇزى تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان خەلقئارا دېڭىز قاتنىشى لىنىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر پوسفور بوغۇزىدىن يىلىغا 50 مىڭدەك يۈك پاراخوتى ۋە پوچتا پاراخوتى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئالدىراش ۋە ئەڭ خەتەرلىك دېڭىز يولى لىنىيەسىنىڭ بىرسى. ئەمما، ساياھەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا بىباھا سۇ يولى.
 بىز ئولتۇرغان يولۇچىلار ساياھەت كېمىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىمدا پىرىستاننىڭ 3 - رايونىدىن قوزغالدى. كېمە پوسفور بوغۇزىنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى مەنزىل قارا دېڭىزغا باراتتى. دېڭىزدا شامال كۈچلۈك بولۇپ، ئاپتاپ ئادەمنى كۆيدۈرەتتى، شۇڭا مەن شىلەپەمنى كىيىۋالغانىدىم.
 كېمە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى، چايكىلار ئۇچۇشۇپ تۇراتتى. ئىستانبۇلدىن يىراقلاشقانسېرى، ئۇنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى كۆز ئالدىمدا روشەنلىشىشكە باشلىدى، كۆپكۆك دېڭىز سۈيى ئادەمنىڭ خىيال كەپتەرلىرىنى يىراق - يىراقلارغا پەرۋاز قىلدۇراتتى. دۆلىتى، ئىرقى ئوخشىمايدىغان ئەتراپىمدىكى ساياھەتچىلەر فوتو ئاپپاراتلىرىنى چىقىرىشىپ، سۈرەتكە چۈشمەكتە ئىدى.
 «ئىستانبۇل − بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى»دە، ئورخان پامۇك ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى پوسفور بوغۇزىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەنىدى: «كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنى ساياھەتچىلەرنى ئالغا ئىتتىرەتتى، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان دېڭىز ئاسمىنىنىڭ ھاۋاسى شەھەردىكى ئىس - تۈتەك ۋە ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن خالىي ئىدى. كۈچلۈك دولقۇن پوسفور بوغۇزىدىن ئۆتۈپ تۇراتتى. دېڭىز بورىنى ۋە دېڭىز دولقۇنى دېڭىز يۈزىدە قەدەمدە بىر دولقۇن پەيدا قىلىپ تۇراتتى، بۇ دولقۇن دېڭىز سۈيىنى تەگسىز ھەم قاراڭغۇ قىلىپ كۆرسىتەتتى. مۇبادا سىز كېچىك كېمىسىدە بەلگىلەنگەن يۆنىلىش بويىچە ماڭسىڭىز، بىنا، داچىلارنى، بالكوندا سىزگە قاراپ چاي ئىچپ تۇرغان مومايلارنى؛ قىرغاقتىكى قەھۋەخانىلارنى، ئىچ كىيىم بىلەن سۇ ئۈزۈۋاتقان، ئاپتاپسىنىۋاتقان بالىلارنى، بېلىق تۇتۇۋاتقانلارنى، شەخسىي كېمىلىرىدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنى؛ دەرستىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان بالىلارنى، قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن تۇرۇپ قالغان ئاپتوبۇسلاردىن دېڭىزغا قاراۋاتقان ساياھەتچىلەرنى، بېلىقچىلارنى ساقلاپ تۇرغان مۈشۈكلەرنى؛ ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان ئېگىز دەرەخلەرنى، ئەزەلدىن بىلمەيدىغان سىرلىق داچىلار، تاملار ۋە گۈللۈكلەرنى، تاغقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن تار يوللارنى، يىراقتا نامايان بولغان ئىستانبۇلنى − ئۇنىڭ مەسچىتلىرىنى، نامراتلار رايونلىرىنى، كۆۋرۈكلىرىنى، مۇنارلىرىنى، گۈللۈكلىرىنى ھەمدە ئېگىز بىنالىرىنى كۆرەلەيتتىڭىز.»
 بۈگۈن مەن يىراقتىن كېلىپ، ئورخان پامۇكنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى بويلاپ مېڭىۋاتاتتىم. شۇ تاپتا ۋاقىت بىردىنلا كەينىگە يېنىپ، گويا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ  مەلۇم  بىر دەقىقىلىرىدىكى ياز ئاپتىپىدا غەمكىن كېتىۋاتقان ئۆسمۈر ئورخان پامۇكنى كۆرگەندەك بولدۇم. ۋاقىت قاينىمىدا غايىب بولغان مەنزىرىلەر ۋە كىشىلەر خۇددى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى كونا ھەم رەڭسىز سۈرەتلەرگە جان كىرگەندەك قايتىدىن ئويغىنىپ، ھەقىقىي ھاۋا ئېقىمى تەركىبىدىكى تۇزلۇق دېڭىز ھاۋاسى تۇيغۇسى بىلەن بىللە  كىشىگە ناخشىدەك بىر خىل گۈزەل تۇيغۇنى بەخش ئېتەتتى. 
 بۈگۈنكى ئىستانبۇلدا ئەينى چاغلاردىكى ۋەيرانە ھالەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئوسمان تۈركلىرىنىڭ خارابىلىرى يېڭىلانغان، ئېگىز بىنالار ۋە داچىلار رەت - رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانىدى. تارىختا چاڭ - توزان ئاستىدا قالغان بۇ شەھەر ھازىر يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، شەھەر ئىمارەتلىرى كۆپكۆك ئاسمان، ئاپپاق بۇلۇت ئاستىدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى، زامانىۋىلىق ۋە شەھەرلىشىش نەچچە مىڭ يىللىق بۇ قەدىمىي شەھەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى. دېڭىز قىرغىقىدا قىزلار ياز پەسلىدىكى مودا نۇسخىدىكى رەڭگارەڭ كوپتا - يوپكىلىرىنى كىيىشكىنىچە ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئىلگىرىكى پاشا سارايلىرىنى شەھەر بايلىرى سېتىۋېلىپ، يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزگەنىدى، شەخسىي ساياھەت كېمىلىرىدە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان قىزلار بەدىنىگە ماي سۈرتكەچ، يېنىدىكى يىگىتى بىلەن چاقچاقلىشاتتى...
 ساياھەت كېمىسىدە ئىستانبۇلغا نەزەر سېلىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا «ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان شەھەر» دېگەن بىر سۆز خىيالىمدىن كەچتى. ئورخان پامۇكنىڭ قەلبىدە بۇ گۈزەل شەھەرگە مۇناسىپ بولغان زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ماسلىشىشچانلىق يوق ئىدى. بۈگۈنكى ئىستانبۇلدا بولسا ئۇنداق ئازاب ۋە زىددىيەتلەردىن ئاللىبۇرۇن ئىزنا قالمىغانىدى.
 كېمىدە بىر ئىستاكان ئاپېلسىن شەربىتى ئالدىم، مۇزدەك شەربەت جانغا ھۇزۇر بېغىشلايتتى. كېمىدىكى ساياھەتچىلەرگە نەزەر سالدىم: ئۇلارنىڭ دۆلىتى، ئىرقى، مىللىتى ئوخشىمايتتى. ئامېرىكا، ياۋروپادىن كەلگەن ئاق تەنلىك، ئالتۇن چاچلىق  ساھىبجامال قىزلار ئىككى - ئۈچتىن بولۇپ يۇقىرى ئاۋازدا چاقچاقلىشىۋاتاتتى؛ ئاسىيالىق بىر يىگىت قىز دوستىنى قۇچاقلىۋالغانىدى؛ ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن، ياغلىق چىگىۋالغان بىر مۇسۇلمان ئايال ئوماق بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغانىدى. مەن فوتو ئاپپاراتىمنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا توغرىلىشىم بىلەن، بۇ ئايال خىجىل بولغىنىچە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، كۈلۈپ قويدى.
 دېڭىز شامىلى پات - پات يۈزۈمگە ئۇرۇلاتتى، بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە دۇنياغا مەشھۇر پوسفور بوغۇزى كۆۋرۈكى كۆرۈندى. بۇ كۆۋرۈك 1970 - يىلى سېلىنىشقا باشلاپ، 1973 - يىلى پۈتۈپ  قاتناش باشلانغان. ئۇ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، دېڭىز ئۈستىدىن ھالقىغان دۇنيادىكى بىردىنبىر كۆۋرۈك ئىدى. چىڭقىچۈشتە كۆۋرۈك ئۈستىدە تولىمۇ قايناق مەنزىرە پەيدا بولاتتى، يەنى كۆۋرۈكتە ھەر خىل ئاپتوموبىللار  ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. كېمىمىزنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى كۆۋرۈك گەۋدىسىنى كۆز ئالدىمىزدا باشقىدىن نامايان قىلىشقا باشلىدى.
  − قاراڭلار، دېلفىن!
 بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كىم ئەڭ بالدۇر بايقىدىكىن، ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق. مەنمۇ باشقىلار قارىغان تەرەپكە قارىدىم، دەرۋەقە بىرنەچچە دېلفىن بىز بىلەن مۆكۈشمەك ئويناۋاتقاندەك پات - پات دېڭىز يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ، بىر - بىرى بىلەن ئوينىشىۋاتاتتى.
 كۈن نۇرى، كۆپكۆك ئاسمان، ھەيۋەتلىك كۆۋرۈك، ئوماق دېلفىنلار ھەمدە يىراقتىكى ئىستانبۇلنىڭ مەنزىرىسى كۆز ئالدىمدا تېزدىن ئۆتمەكتە ئىدى. بۇنداق گۈزەل مەنزىرە، بۇنداق ئازادە كەيپىياتقا ئادەم ئۆمرىدە نەچچە قېتىم ئېرىشەلەيدۇ؟ كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم، دېڭىز شامىلى چاچلىرىمنى، كۆڭلىكىمنى ئۇچۇرماقتا، دىمىقىمغا دېڭىزنىڭ نەمخۇش ھىدى ئۇرۇلماقتا. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتمەكتە ئىدى، لېكىن پوسفور بوغۇزىدىكى بۇ مەنزىرە قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. مەن خۇشال ئىدىم، كاللامدا باشقا خىياللار يوق ئىدى، پەقەت گۈزەل مەنزىرىلا مېنى جەلپ قىلاتتى. بەلكىم ئورخان پامۇكلا مېنىڭ مۇشۇ دەقىقىلەردىكى كەيپىياتىمىنى چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئىدى.
 «تۇرمۇشتىن قايغۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، − دەيدۇ ئورخان پامۇك، − قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن پوسفور بوغۇزى قىرغىقىدا ھەر ۋاقىت سەيلە قىلىپ يۈرەلەيمەن.»
   
كاپالى چارشى بازىرىدىكى ھېسسىياتچان ئەرلەر
  ساياھەت جەريانىدا بازار ئايلىنىشنى ياقتۇرمايدىغان قىزلار بولمىسا كېرەك. ئىستانبۇلدا كاپالى چارشى بازىرى (Kapalicarsi Grand Bazar – )غا بارمىغان قىزلاردىن باشقىلار:
   − سىز قىز بالىمۇ؟ − دەپ سورايدۇ.
 «كاپالى چارشى» دېگەن سۆز ـــ «ئۈستى يېپىلغان بازار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «بازار» دېگەن سۆز شىنجاڭغا بارغان دوستلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. خەنزۇ تىلىدا ئېيتىلىدىغان بازار ھەقىقىي مەنىدىكى تۈرلۈك ماللار شىركىتى بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى بۇ بازاردا يايما ئېچىپ سېتىشقا بولىدىغان ھەرقانداق بۇيۇملار يىغىلغانىكەن. «بازار» − ھازىرقى زاماندىكى تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ «بوۋىسى» بولۇپ، ئۇ غايىۋىلەشكەن، ساپلاشقان، كوللېكتىپلاشقان، بىرلىككە كەلگەن تەپەككۇر شەكلى بىلەن تاۋار ئىگىلىكى بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەم ئوخشاشلىقلار قوشۇلۇپ، پەيدىنپەي شەكىللەنگەن بىر خىل سودا ئەندىزىسى ئىدى.
 «كاپالى چارشى» ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئاۋات بازار ئىدى: كۆلىمى ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى، بازاردا 18 دەرۋازا، 65 كوچا، 4400دىن ئارتۇق دۇكان بار بولۇپ، ئادەم سەللا دىققەت قىلمىسا، ئېزىپ قالاتتى.
 مەن چېڭ شۆمېي بىلەن 1 - نومۇرلۇق دەرۋازا يېنىدا ئامېرىكا دوللىرىنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇردۇم. بازارغا كىرىشىمىز بىلەن بىر - بىرىدىن ھەشەمەتلىك دۇكانلار كۆزىمىزگە  چېلىقىشقا  باشلىدى.
 دانىيەلىك بالىلار يازغۇچىسى ئاندېرسېنمۇ 1841 - يىلى 4 - ئايدا بۇ بازارغا كەلگەنىكەن. ئاندېرسېننىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بازارنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئومۇمىي مۇھىتى ھازىرقى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقلەنمىسىمۇ، مەنزىرىسى ھازىرقىدىن رەڭگارەڭ ئىدى، ئۇ سودىگەرلەرنىڭ مىللىتىنى توغرا ئېيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە پەرقىگە باھا بەرگەن.
100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بازار ئۆزگەرمىگەنىدى، ئوخشاشلىقلارنى بىرلەشتۈرىدىغان بۇ مەدەنىيەت يەنىلا ساقلىنىپ قالغانىدى، لېكىن كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم - كېچەكلەرنى «غەرب شامىلى» ئۇچۇرتۇپ، ئاز بىر قىسىم ئاياللار ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا، ئەرلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى تامامەن دېگۈدەك «ئاسسىمىلياتسىيە» بولۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنىڭ تەق - تۇرقىغا قاراپ قايسىلىرىنىڭ تۈرك، قايسىلىرىنىڭ گىرېك، قايسىلىرىنىڭ پارس، قايسىلىرىنىڭ بۇلغار، قايسىلىرىنىڭ سىگانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمىدىم. مەن ئاندېرسېن كۆرگەن بازارنىڭ ھازىرقىدىن رەڭدار، مىللىي پۇراقنىڭ ھازىرقىدىن قويۇق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ۋاقىت مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلىماي ئاجىزلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن مىللىي خاسلىق سۇسلاشقانىدى. بۇ بەلكىم «زامانىۋىلىشىش»نىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىدۇ.
 كاپالى چارشى بازىرىنىڭ جەلپكارلىقى مال سېتىۋېلىشقا ئالاھىدە ھەۋىسى بار مەندەك ساياھەتچى قىزلار ئۈچۈن، ئىستانبۇلنىڭ باشقا مەنزىرىلىرىنىڭ جەلپكارلىقىدىن قېلىشمايتتى. بۇ يەردە سېتىۋالمىسا بولمايدىغان بىرنەچچە نەرسە بار ئىدى:
 بىرىنچى، «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇملار ۋە زىبۇ - زىننەتلەر. «كۆز» تۈركىيەلىكلەر ئۈچۈن شەيتاننى قوغلىۋېتىدىغان مۇقەددەس بۇيۇم. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كۆك رەڭلىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا بىر كۆز بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئادەم «كۆز» تاقىۋالسا، «يامان كۆز»دىن نېرى بولىدىكەن. مەن تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن، تەيۋەنلىك قىز جاڭ پېييۈ يازغان «تۈركىيەدە ساياھەت» دېگەن كىتابنى ئوقۇغانىدىم، ئۇنىڭدا كاپالى چارشى بازىرىدا «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن زىبۇ - زىننەتنى ئېھتىياتسىزلىقتىن چېقىۋەتسىمۇ، دۇكاندارنىڭ تۆلەتمەيدىغانلىقى يېزىلغانىدى. چۈنكى، تۈركىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملارنىڭ چېقىلىپ كېتىشى شۇملۇقنىڭ يىراقلاشقانلىقىدىن، ياخشىلىقتىن دېرەك بېرەتتى.
 مەن كاپالى چارشى بازىرىدا «كۆز» چۈشۈرۈلگەن ئىككى جۈپ ئالتۇن يالىتىلغان ھالقا، «كۆز» بەلگىسى ئويۇلغان ئون تال ياقۇت كۆزلۈك بىلەزۈك، ئالتە تىزىق مارجان، يەنە ئۆزۈم تاقاشقا ئىنتايىن چىرايلىق بىر تال ئۈزۈك سېتىۋالدىم. ئۈزۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كۆك ياقۇت، ئەتراپىدا ئىنتايىن كىچىك سۈنئىي ياقۇت بار ئىدى، بۇ ئۈزۈك كۈن نۇرىدا ۋال - ۋۇل چاقناپ، بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى.
 ئىككىنچى، تۈركىيە مېيى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى، مەسىلەن، بۇلۇت، تۇز قاتارلىقلار. تۈركىيە ھاممامى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، تۈركىيەلىكلەرنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشى يۇيۇنۇشقا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولغانىدى. تۈركىيە مېيى ساپ ئۆسۈملۈكتىن ياسىلاتتى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ ئىدى. مەن بازاردىن بىر قۇتا تۈركىيە مېيىنى سېتىۋالدىم، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈمى بار ئىكەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى بىر قېتىم ئىشلىتىپلا تاشلاپ قويدۇم، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلمىدىم، لېكىن پۇرىقى بەكلا كۈچلۈك ئىدى.
 ئۈچىنچى، تۈركىيە چايلىرى ۋە ھەسەل كەمپۈتلىرى. تۈركىيەلىكلەر چاي ئىچىشكە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىكەن، لېكىن جۇڭگولۇقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇلار پەمىل چاي ۋە گۈل چايلارغا ئامراق ئىكەن. مەن ئىستانبۇلدىكى ۋاقىتتا دائىم قەھۋەخانا، چايخانىلاردا چاي ئىچتىم. تۈركىيە چايلىرىنىڭ رەڭگى قېنىق قىزىل رەڭدە بولۇپ، پۇراقلىق ئىكەن. ئۇنىڭغا بىر پارچە لىمون، ئىككى تال قەنت سېلىپ ئىچسە، بەكلا ئىچىشلىك بولىدىكەن، بۇنىڭغا يەنە كۈنجۈت سېلىنغان بىر تال بولكا بولسا، ئادەم كوچا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ يېرىم كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدىكەن.
   ھەسەل كەمپۈت تۈركىيەنىڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتى. ئۇ ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرگە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان قاتتىق كەمپۈت بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا يېگەن ئارپا ئۈندۈرمىسىدە ياسالغان كەمپۈتتەك ئىنتايىن ئۇزۇن سوزۇلاتتى. ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسى ئادەتتىكى كەمپۈتلەردىن تۆۋەن بولغاچقا، يېگەن ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدىكەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق ئىكەن.
   تۆتىنچى، تۈركىيە گىلىمى. تۈركىيەلىكلەر گىلەم توقۇشقىمۇ ماھىر ئىكەن. تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەنلەر تۈركىيەنى گىلەمنىڭ «بۆشۈكى» دەپ، قولدا توقۇلغان بىرەر پارچە گىلەم سېتىۋالىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، قولدا توقۇلغان گىلەمنىڭ باھاسى ماشىنىدا توقۇلغان گىلەمنىڭ باھاسىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت بولىدۇ؛ يەنە بەزىلەر قېلىن توقۇلغان گىلەمنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە، يىپەك ئارىلاشتۇرۇلغان نېپىز گىلەملەر تېخىمۇ قىممەت بولىدۇ. مەن كۆپچىلىككە تۈركىيەدە گىلەم سېتىۋالغاندا كۆزنى يوغان ئېچىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئىستانبۇلدىكى بازاردا بىر تۈركىيەلىك ئەر ماڭا: «سېتىلىۋاتقان گىلەملەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جۇڭگودا ماشىنىدا توقۇلغان گىلەملەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
ئىلگىرى فىرانسىيەلىك ئەرلەرنى رومانتىك، ئىتالىيەلىك ئەرلەرنى ھېسسىياتچان، دەپ ئويلايتتىم. ئىستانبۇلدا تۇرغان بىر ھەپتىدە تۈركىيەلىك ئەرلەرنىڭ قىزلارنى قوغلىشىشقا بەكلا ئۇستىلىقىنى بايقىدىم. كاپالى چارشى بازىرىدا مەن بۇنداق ئەرلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم.
   ئەرلەرنىڭ بۇ ئىشى دەسلەپتە بىر زىبۇ - زىننەت دۇكىنىدا دوستۇمغا ھالقا تاللاۋاتقاندا يۈز بەردى. دۇكاندار 30 ياشتىن ئاشقان تۈركىيەلىك ئەر ئىدى. ئۇ مېنىڭ ھالقىلارغا ئەستايىدىل قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىزلا:
− بۇ ھالقىنى ئېلىڭ، ئەرزان بېرەي، سىزگە يەنە سوۋغا بېرىمەن، − دېدى.
   باھا تالىشىش ھۈنىرىم ئەسقېتىپتۇ، دەپ ئىچىمدە خۇش بولدۇم. بۇ دۇكاندار ھالقىنى ماڭا ھەقىقەتەن ئەرزان بەردى، لېكىن سوۋغا بەرگەندىكى قىلىقلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى: ئۇ ماڭا «كۆز»لۈك ئىنتايىن چىرايلىق بىر تال ئالتۇن رەڭ زەنجىر بېرىپ، ئۆزى تاقاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن دوستلۇق يۈزىسىدىن ماقۇل بولدۇم، لېكىن ئۇنىڭ زەنجىرنى بوينۇمغا تاقاۋاتقاندىكى بەزى بىنورمال ھەرىكەت ۋە قىلىقلىرى مېنى بەكلا بىئارام قىلىپ قويدى.
   مەن چېڭ شۆمېي بىلەن بىر گىلەم دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، دۇكاندار ياپونچە، كورېيانچە، خەنزۇچە: «ياخشىمۇ سىلەر؟» دەپ سالام بەردى، بىز ئۇنىڭغا خەنزۇچە جاۋاب قايتۇردۇق، ئۇ خۇشاللىقىدا كېلىپ مېنى تارتىشقا باشلىدى. مەن گىلەم ئالمايدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ ئىنگلىزچە:
− سىز مەن ئۇچراتقان ئەڭ گۈزەل جۇڭگولۇق قىز، مەن دائىم جۇڭگوغا سىلەر توقۇغان گىلەملەرنى ئالىغىلى بارىمەن. مەن بىلەن ئارىلىشىشنى خالامسىز؟ تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، جۇڭگوغا بارغاندا مەن سىزگە تېلېفون بېرىمەن... − دەپ كەتتى.
قىزلار، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەڭلار! بۇ «بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش»مۇ؟ ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر گەپنى كورېيەلىك، ياپونىيەلىك، ئامېرىكىلىق، فىرانسىيەلىك، جۈملىدىن بىزدەك ئوماق جۇڭگولۇق قىزلارغا كۈندە قانچە قېتىم دەيدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟
تۈركىيەلىك ئەرلەر ھەقىقەتەن ھېسسىياتچان كېلىدىكەن.
   
تۈركىيە نازۇنېمەتلىرى
   
   تۈركىيەدىكى نەچچە كۈندە بىزنىڭ تاماقلىرىمىز خەنزۇچە ياكى كورېيانچىلا بولدى، چۈنكى ئارىمىزدىكى ئۈچ ئەر چاۋشيەن مىللىتىدىن ئىدى. بىر كۈنى كەچتە چېڭ شۆمېي تۇيۇقسىز:
تۈركىيە نازۇنېمەتلىرىنى تېتىپ باقمايمىزمۇ، − دەپ قالدى.
− شۇنداق قىلايلى! − دېدى جىن لەنجۇ كاللىسىغا تۇيۇقسىز بىر نەرسە كەلگەندەك بولۇپ، − كورېيانچە تاماقلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، يەنجىدە كۈندە يەۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەقىقىي تۈركىيە نازۇنېمەتلىرىنى پەقەت تۈركىيەدىلا يېگىلى بولىدۇ - دە.
بىز سۇلتان ئەھمەد مەيدانىنىڭ يېنىدا باشقىلار داڭلىق دەپ تونۇشتۇرغان بىر كاۋاپخانىغا كىردۇق. دۇكاننىڭ بېزىلىشى ئادەتتىكىچە ئىدى، دۇكان چوڭ بولمىسىمۇ، ئادەمگە ئائىلىدەك ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتى. تامغا بۇ دۇكانغا كەلگەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى چاپلاقلىق بولۇپ، جۇڭگودىكى ئاشخانىلارغا ئوخشايتتى. مەن سۈرەتلەرگە زەن سېلىپ قارىسام، كۆپىنچىسى غەربلىكلەر ئىكەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ تونۇيالمىدىم، ئۇلار بەلكىم تۈركىيەلىك داڭلىق شەخسلەردۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.
 ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى ئەر مۇلازىم تىزىملىكنى كۆتۈرۈپ كەلدى. تۈركىيە تاماقلىرىمۇ غەربچە تاماقلاردەك ئىشتىھا ئاچىدىغان تاماق، باش تاماق، ئاساسىي تاماق، تاتلىق - تۇرۇم قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدىكەن. مەن ئىشتىھا ئاچىدىغان تاماققا شوخلا، مۇچ، بېلىجان ۋە تۈزلۇق زەيتۇن بۇيرۇتتۇم، بۇلار ئىشتىھايىمنى ھەقىقەتەن ئاچتى.
 ئىشتىھا ئاچىدىغان تاماقتىن كېيىن، مۇلازىم نەچچە پارچە نان كەلتۈردى. غەربچە تاماقتا ئادەتتە ھەر خىل بولكىلارنى توختىماي ئەكېلىپ تۇراتتى، لېكىن تۈركىيەدە ئىككى قات پېتىر خېمىردا تەييارلانغان «پىدە» دەيدىغان نانلا كەلتۈرۈلەتتى. پىدە قاتتىقمۇ ئەمەس، يۇمشاقمۇ ئەمەس بولۇپ، سوزۇلاتتى، نېپىز ئىدى. مۇلازىم پىدىگە قوشۇپ ئەكەلگەن پىشلاق تالقىنى ھەم چۈچۈك، ھەم تۇزلۇق ئىدى.
 ئاساسلىق تاماققا كاۋاپ − قوي گۆشى، توخۇ گۆشى كاۋاپلىرىنى بۇيرۇتتۇق، مۇلازىم كاۋاپقا قوشۇپ «دۇرۇم» دەيدىغان ناننى چىقاردى. دۇرۇم يۇمشاق بولۇپ، پىدىگە ئوخشىمايتتى. بىز ئۇنىڭدا گۆش، شوخلا، پىيازلارنى يۆگەپ يېدۇق.
 تۈركىيەلىكلەرنىڭ «ئايران» دەيدىغان ئىچىملىكىنى مەن مولدوۋادىمۇ ئىچكەنىدىم، ئۇ ئەمەلىيەتتە تۇز سېلىنغان قېتىق ئىدى. بىز دۆلىتىمىزدە قېتىقنى ئەسلىي تەمى بىلەن ياكى شېكەر سېلىپ ئىچىمىز، مولدوۋا بىلەن تۈركىيەدىلا بۇنداق تۇزلۇق قېتىقنى ئىچكىلى بولاتتى. ئايران ـــ سۇيۇق بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى قېتىقلاردەك قويۇق، سۈت تەملىك ئەمەس ئىدى. تۈركىيەلىكلەر كاۋاپ يېگەچ، ئايران ئىچىشكە ئامراق ئىكەن. بۇ بەلكىم مايلىق كاۋاپ بىلەن ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قېتىقنىڭ ماسلاشتۇرۇلغانلىقى بولسا كېرەك.
 غەربچە تاماق يېگەنلەر ئاخىرىدا چىقىدىغان تاتلىق - تۇرۇمغا بەكلا ئامراق كېلىدۇ. مەن تۇنجى قېتىم ھەقىقىي غەربچە تاماقنى بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقاندا دوستۇم مېنى «پىسا خات»قا پىسا يېيىشكە تەكلىپ قىلغاندا يېگەنىدىم.
 «پىسا خات»تا يەنە تۇنجى قېتىم «تىرامىسۇ» يېگەن. ئۇ ئىتالىيانچە قويۇق قەھۋە، تۇخۇم، شېكەر، مېۋە ھارىقى، شاكىلات، پىرەنىك، ماسكارپون ئىرىمچىكى،  قايماقلارنىڭ تەمى ئارىلاشقان، ئۈستىگە يەنە دارچىن تالقىنى قېلىن سېپىلگەن ئىتالىيانچە تاتلىق - تۇرۇم ئىدى. ئۇنىڭدا تاتلىق، ئاچچىق تەملەر ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. مەن ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقاندا، يۇرتۇمدىكى بىر دوستۇم ماڭا يازغان خەتتە تىرامىسۇغا ئامراقلىقىنى ئېيتىپتۇ، چۈنكى ئىتالىيانچە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «مېنى ئېلىپ كەت»، «مېنى ئۇنتۇما» ئىدى.
 بۈگۈن يەۋاتقىنىم تۈركىيەچە تاماق بولسىمۇ، ماڭا ئىلگىرىكى ئاشۇ ئىشلارنى ئېسىمگە كەلتۈردى. ئايراننى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشارەت قىلىۋىدىم، مۇلازىم گۈرۈچتە تەييارلانغان «سۇتلېگ» دەيدىغان ئاخىرقى تاماقنى كەلتۈردى. سۇتلېگنىڭ ئۈستىگە نېپىز بىر قەۋەت دارچىن تالقىنى سېپىلگەن، ئىچى قايماق، تۇخۇم، خېمىردا تەييارلانغانىدى. ئۇ ئىنتايىن لەززەتلىك ئىدى. تىرامىسۇدا تاتلىق تەم ئىچىدە سۇس ئاچچىق تەم بولسا، سۇتلېگنىڭ خۇش پۇرىقى ماڭا بەختنى ھېس قىلدۇردى.
  بۇ ۋاقىتتىكى بەخت تىلىمنىڭ ئۇچىدىكى بىردەملىك گۈزەل تۇيغۇ ئىدى.
(تۈگىدى)          
  (خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012 - يىللىق 10 - سانىدىن پولات ئېزىز تەرجىمە قىلغان؛ تەرجىمانى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە)