ئىستانبۇلدىكى بەخت (1)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 765   يوللانغان ۋاقتى: 2013-08-02 16:44:57

ئىستانبۇلدىكى بەخت
(1)
شۈ شىن 


     ئىستانبۇل ــــ قەدىمىي مەدەنىيەتكە قىزىقىدىغان ماڭا ئوخشاش ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدىكەن. ئىستانبۇلدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىلەن «ياۋروپالىشىش»، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئېسىل ئەنئەنە بىلەن زامانىۋى شەھەر قىياپىتى، تەقۋادارلىق بىلەن دەھرىيلىك، سېخىيلىق بىلەن بېخىللىق... تەڭلا مەۋجۇت ئىكەن.
   ئىستانبۇل ھازىرمۇ ئىرقى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ كەلگەن. بۇ يەردە ئېتىقادى، قىممەت قارىشى ئوخشىمىغان كىشىلەر چۈشىنىشكە، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن، پىكىر ئالماشتۇرالايدىكەن. ھازىرقى ئىستانبۇللۇقلار قەدىمكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى ۋە مەسچىتلەر بىلەن بېزەلگەن شەھەر مەنزىرىسىگە ئېرەنسىز قارايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنداق ئېرەنسىزلىك ئىستانبۇلنىڭ گۈزەل ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ، خەلقئارالاشقان بۇ كاتتا شەھەرنى ئاجايىپ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەن. ھازىرقى ئىستانبۇللۇقلار  ياكى تۈركىيەلىكلەر بۇ خىل سىرلىق تۈستىن ئىلگىرىكى شانۇشەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پوسفور بوغۇزىدىن كۆتۈرۈلگەن تۇنجى قۇياش نۇرىدا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
«is-tan-bul» )ئىستانبۇل( دېگەن سۆز تەلەپپۇز قىلىنغاندا، تىل چىشلارنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ئۈستۈنكى تاڭلايغا تېگىشىدۇ، ئاندىن كالپۇك ئۆزئارا تېگىشىپ، تىل ئۈستۈنكى تاڭلايغا قايتا تېگىشىدۇ.
   كۆرۈشكە تەشنا بولغان بۇ ماكاننىڭ ئىسمىنى ھەر قېتىم تىلغا ئالغىنىمدا، ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇ ئىچ - ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ، جىسمىم ھاياجانغا چۆمىدۇ. «ئىستانبۇل» سۆزىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى «بۇل» بۇ شەھەرنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان تەسىرىگە ئوخشلاشلا لەۋلىرىمدە ئاجايىپ سىرلىق تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ.
   ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى ئىستانبۇلنى «كىشىلەر ئۆمرىدە بېرىشقا ئەرزىيدىغان 50 جاي» تىزىملىكىدە 2 - ئورۇنغا قويغان.
   ئىستانبۇل تىلغا ئېلىنغاندا، جۇڭگولۇقلارغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ئاگاسا كىرىستىنىڭ قەلىمىدىكى رومان «شەرق پويىزىدىكى قاتىللىق دېلوسى» ئاساسىدا ئىشلەنگەن كىنو ئەڭ تونۇشلۇقتۇر. كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۇ «شەرق پويىزى» ھازىر ئىستانبۇل ۋوگزالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
   ئىستانبۇلغا بولغان قىزىقىشىم 2010 - يىلى تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى زىيارەت قىلىدىغاندا خىزمەتداشلىرىمدىن بىيوگرافىيەلىك رومان ـــ «ئىستانبۇل ــــ بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى»نى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشتىن باشلانغانىدى. بۇ روماننىڭ ئاپتورى، تۈركىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ئورخان پامۇك «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دېگەن ئەسىرى بىلەن جۇڭگولۇقلارغا تېخىمۇ تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 2006 - يىللىق «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنىدى.
   ئورخان پامۇكنىڭ «ئىستانبۇل ــــ بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى» بىلەن 2005 - يىللىق «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولمىسا كېرەك. ئورخان پامۇكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ئەسلىمىلىرى چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بۇ ئەسەردە، ئىستانبۇل ئىمپېرىيە قالدۇقلىرىغا تولغان، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، غەرب - شەرق مەدەنىيىتى قوشۇلغان ھالەتتە ئازابلىق كۆرۈنەتتى. ئىستانبۇلنىڭ بۇ ئازابلىرى تارىخقا قىزىقىدىغان، ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەشكە ھېرىسمەن مەندەك ئادەمنى جەلپ قىلاتتى.
   مېنىڭ تۈركىيەگە قىلغان تۇنجى سەپىرىمنىڭ بىردىنبىر، شۇنداقلا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك مەنزىلىنىڭ ئىستانبۇل بولۇشى ئورخان پامۇكنىڭ بۇ رومانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
   ئىستانبۇلنى بېيجىڭدىن مولدوۋاغا كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ئالمىشىدىغاندا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە كۆردۈم. مەن ئىستانبۇل كامال ئاتاتۈرك ئايروپورتىدا مەززىلىك چۈشلۈك تاماق يېگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ  0200KT نۆۋەتلىك ئايروپىلانىغا ئالمىشىپ، مولدوۋا پايتەختى كىشىنېۋغا قاراپ ئۇچتۇم. مولدوۋادا سەككىز كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ، غايەمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان بۇ تۆت كېچە، بەش كۈندۈزلۈك ساياھىتىمنى باشلىدىم.
   مەن بۇ قېتىملىق سەپىرىمنى باشلاشتىن بۇرۇن، دوستۇم، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسىنىڭ كاتىپى گۇ ۋېنجۈن خانقىزنىڭ ياردىمىدە تۈركىيە توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئىستانبۇل توغرىسىدا خېلى كۆپ ماتېرىيال توپلىغانىدىم. ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم ساياھەتتە بولماقچى بولغانلارنىڭ ئاساسىي بىلىم ماتېرىياللىرىنى توپلىشى ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، ئادەم شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ياكى ئىستانبۇلنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيتتى.
   كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار تۈركىيەنىڭ زادى ئاسىيادىكى ياكى ياۋروپادىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا تۈركىيە تىلغا ئېلىنسا ئۇنى قالاق، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيا تارىخىدىن ئاز - تولا خەۋىرى بارلىكى ئادەم تۈركىيەنىڭ قالتىس دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپلا قالماي (ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سوزۇلغان)، يەنە تارىختىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىش ئورنى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر دۆلەت.
   «تۈركىيە» دېگەن بۇ ئىسىم قەدىمكى «تۈرك» سۆزىدىن كەلگەن. تۈركلەر ئىلگىرى ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان چارۋىچى قوۋم بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەدرىجىي غەربكە كۆچكەن. نەچچە يۈز يىللىق كۆچۈش جەريانىدا، بىر قىسىم تۈركلەر تاشقى كافكاز رايونى ۋە كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا بارغان. بۇلاردىن سەلجۇق تۈركلىرى   1071 - يىلى ئاز كۈچ بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى (شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى)نىڭ زور قوشۇنىنى يېڭىپ، نۇرغۇن زېمىنغا ئىگە بولغان. تۈركلەر ئەھلىسەلىپ ۋە موڭغۇللارنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، زېمىنىنى كېڭەيتىشنى زادىلا توختىتىپ قويمىغان. سەلجۇق تۈركلىرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئوسمان تۈركلىرى تېزدىن باش كۆتۈرگەن. ئوسمان تۈركلىرى 1453 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى مۇنقەرز بولغان. ئوسمان تۈركلىرى كۈچلۈك ئەسكەرلىرى ۋە پىشقان مېتاللورگىيە تېخنىكىسىغا تايىنىپ، كېيىنكى جەڭلەردە نۇرغۇن زېمىننى ئىگىلەپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىغا سوزۇلغان زور ئىمپېرىيەنى قۇرغان ھەم بۇ ئىمپېرىيە  تارىختا 600  يىل ھۆكۈم سۈرگەن.
   مەن تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ ئۇزاق ۋە پارلاق مەدەنىيەتنى ياراتقانلىقىنى راستلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە  ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى (شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى) بىلەن قۇدرەتلىك ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى ھازىرقى ئىستانبۇلنى پايتەخت قىلغانىكەن.
   بۈگۈنكى تۈركىيە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولغان يۇنان، رىم مەدەنىيىتىدىن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىسلام مەدەنىيىتىگىچە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نۇرغۇن مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى يېڭىلىغان. شۇڭا، ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى پارچىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەلىكلەرنىڭ خېلىغىچە ئىمپېرىيە زامانىسىدىكى شان - شەرەپلىرىنى ئېسىدىن چىقىرالماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.

      كېچىدە شەھەرگە كىرىش        

   مەن بىلەن بىللە شەھەرگە ماڭغانلار تۆت ئادەم بولۇپ، ئۇلار «خوشە! مولدوۋا» دېگەن ئەسىرىمدە تىلغا ئېلىنغان CIFS شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىن لەنجۇ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى سەي چېڭجې، CIFS شىركىتى ئۈزۈم ھارىقى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چېن شۆمېي ۋە بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لاۋيىنلار ئىدى. بەشىمىز يۈك - تاقلىرىمىزنى ئېلىپ ئايروپورتتىن چىققاندا، كەچ سائەت 10:00 بولۇپ كەتكەنىدى.
   بىزنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان چاچلىرى ساپسېرىق ۋە بۈدۈر، كۆزلىرى كۆك بىر يىگىت يېقىنلا يەردە بىزگە قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى.
   خەنزۇچىسى ئانچە ئۆلچەملىك بولمىغان بۇ يىگىت بىزنىڭ ساياھەت يېتەكچىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ۋۇ سۇڭ ئىدى.
   ــــ نېمىشقا ئۆزىڭىزگە «ۋۇ سۇڭ» دەپ ئىسىم قويۇۋالدىڭىز؟ ــــ سورىدىم مەن.
   ــــ مەشۇقۇم يولۋاس يىللىق، مىجەزى چۇس، شۇڭا ۋۇ سۇڭ دېگەن ئىسىمنى قويۇۋالدىم، ــــ دېدى ئۇ جاۋابەن. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى غەلىتىرەك ئىدى، ئۇنىڭ چاڭچىلىكەشلەردەك سېرىق قالپاق كىيىۋالسا ۋە گىرىم قىلىۋالسا قانداق قىياپەتكە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا، مېنى ئىختىيارىسىز كۈلكە قىستايتتى.
   ئايروپورتتىن چىقىپلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىردۇق، ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى. ۋۇ سۇڭ ئارىمىزدىكى ئارىلىقنى تېزدىن قىسقارتىش ئۈچۈن، بىزگە زور ئىشتىياق بىلەن «تاماق تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش» دېگەن سۆز ئويۇنىنى ئويناپ بېرىۋاتاتتى.
   ــــ قاراڭلار، دېڭىز! ــــ چېن شۆمېينىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ، كاللام سەگەكلىشىپ قالدى. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاپپاق دېڭىز دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. مانا بۇ تۈركىيەدىكى ئىچكى دېڭىز − مەرمەر دېڭىزى ئىدى.
   مەرمەر دېڭىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 71 كېلومېتىر، ئەڭ تار يېرى 1.3 كېلومتېىر، ئەڭ كەڭ يېرى 7.5 كېلومتىر، ئەڭ تېيىز يېرى 53 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 103  مېتىر ئىدى. ئۇ دېڭىز دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى مىچىگان كۆلىچىلىك كەلمەيتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى: جەنۇب تەرىپى ھەربىي قوماندانلار تالىشىدىغان چاناق قەلئە بوغۇزى، شىمال تەرىپى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پوسفور بوغۇزى ئىدى؛ ئۇنىڭ بىر تەرىپى قارا دېڭىزغا، يەنە بىر تەرىپى ئېگېي دېڭىزىغا تۇتاشقان بولۇپ، قارا دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يەر ئىدى. بۇ «مۇھىم يول»دا تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا دېڭىز ياكى يۇنان، شەرقىي رىم، ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنياغا ئالاقىدار نۇرغۇن ۋەقە يۈز بەرگەنىدى. بۇ ۋەقەلەردە ئىمپېرىيە، ھوقۇق، شەرەپ، بايلىق، مۇھەببەت ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا تارىختىكى داڭلىق شەخسلەر چېتىلاتتى.
   «مېرسېدېس» ماركىلىق پىكاپ مەرمەر دېڭىزى ساھىلىنى بويلاپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. دېڭىز ساھىلى بويىدىكى ئۇزۇن كەتكەن يوللاردا چىراغلار چاقناپ، نۇرى دېڭىزنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىشلار خۇددى دېڭىز بۇژغۇنلىرىدەك، يۈرەك تارىمنى چېكەتتى.
   ــــ سول تەرەپكە قاراڭلار، ئۇ بىزنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ بۈيۈك سېپىلى، بىز ئۇنى «تېئودوسى سېپىلى» دەپ ئاتايمىز، ــــ دېدى ۋۇ سۇڭ چىراغ نۇرىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان سېپىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پەخىرلەنگەن ھالدا.
   بۇ غايەت زور تەبىئىي گىرانىت تاشتا قوپۇرۇلغان سېپىل جۇڭگودىكى خىشتا ياسالغان سېپىللارغا ئوخشىمايتتى؛ بۇ سېپىل تاشلىرى سېمونتسىمان نەرسىلەر بىلەن چاپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مايالار ۋە ئىنكالارنىڭ پۈتۈنلەي تاشنى جىپسىلاشتۇرۇپ قوپۇرغان سېپىللىرىغىمۇ ئوخشىمايتتى. تېئودوسى سېپىلى سەددىچىندەك ھەيۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئىنتايىن مۇستەھكەم، ئەمەلىي ئۈنۈمى بەكلا ياخشى ئىدى.
   بىز كېچىدە يول يۈرگەچكە، مەن سېپىلنىڭ قىياپىتىنى تولۇق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.
   ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ سېپىلنىڭ 96 مۇنارى، 300 نەچچە راۋىقى ۋە قورغىنى بار ئىكەن، مۇنارلار سېپىلدىن بەش مېتىردەك بۆرتۈپ چىققان، مۇنارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 60 نەچچە مېتىر بولۇپ، ئوت ئېچىپ قوللاش جەھەتتە كۈچلۈك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنىكەن.
   بۇ ھەقىقەتەن مۇستەھكەم سېپىل ئىدى. بۇ سېپىلنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا مىڭ يىلدىن ئاشقان بولۇپ، كونستانتىنوپول قەلئەسىنى، يەنى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ «يۈرەك»ىنى قوغداپ، مىڭ يىللىق ئىمپېرىيەنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانىدى. بۇ سېپىل بۇ مىڭ يىلدا نۇرغۇن ئىستېلاچىلارنى توسۇپ قالدى. ئەھلىسەلىپ قوشۇنلىرى 1204 - يىلى 4 - قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، بۇ سېپىلدىن بۆسۈپ ئۆتكەندىن باشقا، ئوسمان تۈركلىرى ھۇنلارنىڭ توپ ئوقلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ سېپىلنى بومباردىمان قىلماستا، ئۇنىڭدىن ھېچكىم بۆسۈپ ئۆتۈپ باقمىغانىدى.
   بىر ئىمپېرىيەنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇ سېپىل 5 - ئەسىردىكى تېئودوسىⅡنىڭ ئىجادىيىتى ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ پادىشاھى ئىنتايىن مۇلايىم بولۇپ، دۆلەتنى ئەلەمگە ئەمەس، مەدەنىيلىككە تايىنىپ باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىي ئىشلاردا مۇداپىئەنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى ئىزچىللىققا ئىگە ئۇسلۇبى بولۇپلا قالماي، يەنە مىڭ يىللىق تارىخىقا ئىگە مۆجىزە ــــ تېئودوسى سېپىلىنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.
   تېئودوسى سېپىلىنىڭ مىڭ يىل ئۆتۈپمۇ يەنە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال ۋە بىناكارلىق ھۈنەر - سەنئىتىدىن باشقا، مۇھىمى ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە لايىھەسىدىن ئىبارەت.
   كونستانتىنوپولنى ياۋروپا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپېراتور كونستانتىن (مىلادىيە 306- يىلىدىن 337 - يىلىغىچە) ئورنىنى ئۆزى تاللاپ بىنا قىلدۇرغانىدى. يۇگوسلاۋىيە (سېربىيە) دىكى نىشتا تۇغۇلغان بۇ ئەسكەر  مىلادىيە 306 - يىلى بېرىتانىيە (ئەنگلىيە)دە ئاۋگۇست (Augustus، لاتىنچە «ئەل بېشى» ياكى «پادىشاھ» مەنىلىرىدە − قەدىمكى رىملىقلا ئۇنى پادىشاھ مەنىسىدە قوللانغان) لۇققا كۆرسىتىلگەن. ئاۋگۇست مىلادىيە 324 - يىلى تەخت تالىشىشتا بارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپ، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولغان. ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەسلىي پايتەختىنى ياقتۇرماي، پايتەختنى يېڭى ئورۇندا بىنا قىلىشنى قارار قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنى بىر ئايلىنىپ، ئاخىر يۇناندىكى نامى چىقمىغان ۋىزانتىيەنى يېڭى پايتەختنىڭ ئورنى قىلىپ تاللىغان.
   ئىمپېراتور كونستانتىن مىلادىيە 324 - يىلى يېڭى پايتەخت قۇرۇشقا ھەم مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ بىناكارلارنى تەربىيەلەشكە پەرمان چۈشۈرگەن، ھەتتا يەرلەرنى ئۆزى ئاتلىق ئۆلچەپ، شەھەر پاسىلىنى بېكىتكەن. بەش يىل كۆڭۈل قويۇپ قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن، پوسفور بوغۇزىدىكى ۋىزانتىيەنىڭ ئورنىدا ھەيۋەتلىك، كاتتا بىر شەھەر قەد كۆتۈرگەن. ئىمپېراتور كونستانتىن مىلادىيە 330 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يېڭى پايتەختنى بېكىتكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا «يېڭى رىم» Nova Roma)  ) دەپ نام بەرگەن.
   بۇ يېڭى شەھەر پوسفور بوغۇزىنىڭ غەربىدىكى تۆپىلىكتە بولۇپ، جەنۇبى مەرمەر  دېڭىزى بىلەن، شىمالى ئالتۇن بوغۇز بىلەن، شەرقى چاناق قەلئە بوغۇزى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب تەرەپتە تىراكيا تۈزلەڭلىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە دۇنيادا تەڭدىشى يوق تېئودوسى سېپىلىمۇ بار. ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان بۇ ئىمپېراتورنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسپاتلاندى. بۇ قورۇل مۇداپىئەلىنىشكە قولايلىق بولۇپ، ئۇنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش تەس ئىدى. شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى مىلادىيە 330 - يىلى پايتەختنى كۆچۈردى، مىلادىيە 395 - يىلى شەرقىي، غەربىي رىم ئىمپېرىيەلىرى رەسمىي ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى؛ مىلادىيە 476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيەسى مۇنقەرز بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ۋىزانتىيەدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىندا رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ «چىراغ»ىنى تاكى 1453 - يىلى ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى ئۆچۈرگۈچە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ياندۇردى.
   ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسىنىڭ توپ ئوقلىرى تېئودوسى سېپىلىنى تېشىپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن مىڭ يىللىق ئىمپېرىيەمۇ غۇلاپ چۈشتى. تارىخقا باھا بېرىش تارىخشۇناسلارنىڭ ئىشى، بىر شەھەردە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىمارەتنى كۆرۈش قانداقلا بولسۇن، ساياھەتچىنىڭ ئامىتىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كېچىسى خان جەمەتىدىكىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ قېچىپ كەتكەنىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالتۇن، ئۈنچە - مەرۋايىت، قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلار، تارىخىي ماتېرىياللار، سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمدە يۇنان، رىمنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەسىنىڭ، مەسىلەن، ئەپلاتون، ئارىستوتېللار ئىدىيەسىنىڭ جەۋھەرلىرى يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئېلىپ كەتكەنىكەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇنان، رىملىقلارنىڭ بۇ شانلىق ئىدىيەسى ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپالىقلارنىڭ كاتولىك دىنى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىدىكى بىۋاسىتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، ئادىمىيلىك ئىلاھىيلاشتۇرۇشتىن غالىب كېلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋە دىن ئىسلاھاتىنى قوزغىغان، شۇنىڭدىن كېيىن جۇغراپىيەلىك بايقاش ۋە سانائەت ئىنقىلابى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ئىنسانلار ئاخىر زامانىۋى مەدەنىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىگەنىكەن.
   ئىنسانلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى پۈتۈلگەن بىر شەھەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا مەدەنىيىتىگە پىلتە بولدى. بۇنى ئويلىساق، تارىخ بىزگە چاقچاق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ...
    پىكاپ سېپىلنى بويلاپ ئىلگىرىلىمەكتە، يولدا بارغانچە قىستاڭچىلىق بولماقتا ئىدى. يول بويىدا گۈل ساتقۇچىلار پىكاپنىڭ دېرىزىسىنى چېكىپ، بىزدىن گۈل ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى. شەھەر ئىچىگە كىردۇق، سېپىلدا نەچچە ئون مېتىردا بىردىن رەسىم بار بولۇپ، چىراغ نۇرىدا ئىنتايىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ۋۇ سۇڭ بۇ رەسىملەردىكى ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتاتۈرك − مۇستاپا كامال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
   مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەدىكى ئورنى سۇن جۇڭشەن  + ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭگودىكى ئورنىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن «شىنخەي ئىنقىلابى» پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەي، يىراق غەربىي ئاسىيادىمۇ خاراكتېرى ئوخشاش بىر قېتىملىق ئىنقىلاب بولغان. بۇ، مۇستاپا كامال قوزغىغان ھەم رەھبەرلىك قىلغان چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش ئىدى.
   مۇستاپا كامال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 51 يىلدا تۈركىيەنى زامانىۋى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىدىغان دەھرىيلىشىش ئىنقىلابىنى قوزغىغان. ئۇ تۈركىيەنى زامانىۋى دۆلەتكە ئۆزگەرتىشنى نىيەت قىلغان ھەمدە ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئەندىزىسى بويىچە تەلتۆكۈس ئۆزگەرتكەن:ئىلاھىي ھوقۇقلۇق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئورنىغا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئورناتقان؛ ئىسلام ئەنئەنىسىنى دەھرىيلىككە ئالماشتۇرغان؛ تېرىقچىلىق ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان جەمئىيەتنى شەھەر ۋە سودا - سانائەت ئاساس قىلىنغان جەمئىيەتكە ئايلاندۇرغان؛ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەنى لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەگە ئالماشتۇرغان ھەمدە كىشىلەرنى غەربلىكلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە كىيىنىش ئادىتىنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
   مۇستاپا كامالنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. بۇ ھەرىكەتلەر مۇقەررەر باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. لېكىن، ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان، پولاتتەك ئىرادىلىك بۇ داھىي ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى بىلەن چەك - چېگرانى قەتئىي ئايرىپ، ئۆزىنى غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ قوينىغا ئاتقان.
   مۇستاپا كامالنىڭ پۈتۈنلەي غەربلەشتۈرۈش سىياسىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى زامانىۋى، مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىدىكى تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاتقان. «ئىستانبۇل − بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى»دە ئورخان پامۇك مۇنداق يازىدۇ: «غەربلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، زاۋال تاپقان ئىمپېرىيەنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىسىدىن قۇتۇلۇشقا بەكرەك تەقەززا بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى، بۇ سۆيگىنىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ سۆيگىنىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ۋە رەسىملىرىنى تاشلىۋەتكىنىگە بەكرەك ئوخشايتتى».
   جۇڭگولۇقلاردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش تۇيغۇ بار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا ھازىر ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى 10 يىلى (1988 - يىلى)نىڭ ئالدى - كەينى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن مەزگىللەردە، جۇڭگولۇقلار ئىسلاھاتنىڭ «تولغىقى» ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇرىلىش دەۋرىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى ھېس قىلغانىدى. كونا ئىدىيە، كونا مەدەنىيەت پۈتۈنلەي تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار يېڭى قىممەت قارىشى بەرپا قىلىشقا تەقەززا بولدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش شەكلى ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكتىن قىياندەك بېسىپ كىردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مىسلىسىز يىمىرىلىش ۋە گۇماننى قوزغاش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.
   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش بىر ئەۋلاد نىسبەتەن ئەركىن - ئازادە جەمئىيەتتە ياشاپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايلا قالماي، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»مۇ ئۇلاردا غۇۋا ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. ئۇلار ئەسلىدىلا تارىخنى بىلمەيدىغانلار بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن قىياندەك بېسىپ كىرگەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى سىياسىيلاشقان ئىدىيولوگىيە سىستېمىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىپ، مەدەنىيەتتە زور بۇرىلىش بولدى. بۇ ۋاقىتتىكى يېتەكچى مەدەنىيەت ئەنئەنىدىن يۈز ئۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بولسىمۇ، كۆڭۈلدىكىدەك يېڭى تەۋەلىك ۋە مەنىۋى ئاساسىنى تاپالمىغانىدى.
   ئورخان پامۇكنىڭ دەۋرداشلىرىمۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسى كەمتۈك بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. پۈتۈنلەي غەربلىشىش ئۇلارنى ئۆتمۈشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدۇرغان ياكى گاڭگىراتقان. كونا مەدەنىيەت ھەقىقەتەن ناچارمۇ؟ غەربلەشكەن تۈركىيە ياۋروپادا مىللىي غۇرۇر ۋە دىنىي ئاڭلىقلىقنى نېمىگە تايىنىپ تىكلەيدۇ؟... بۇ، ئورخان پامۇك ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى. ئورخان پامۇك مۇشۇ مەسىلىلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى.
   بۈگۈنكى تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا پائال يېقىنلىشىۋاتىدۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەرمىنىيە مەسىلىسىدىكى ئىختىلابى تۈپەيلىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنى ئىزچىل ئەزالىققا قوبۇل قىلماي كەلدى. ئاسىيادا بولۇشتەك سالاھىيەت تۈركىيە مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى بولسىمۇ، ھازىرقى تۈركىيەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى غەربلىشىش بۇ ئاساسىي مەدەنىيەتنى سۇسلاشتۇرۇۋەتكەن.
   ھەر خىل نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقىنىمدا، پىكاپ مېھمانخانىغا كېلىپ قالدى، بىر كۈنلۈك سەپەر ئازابىدىن خالاس بولىدىغان يەرگە ئاخىر يېتىپ كەلدۇق. مەن ئەتىدىن باشلىنىدىغان، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ساياھەتنى ئويلاپ، ئۇيان - بۇيان ئۆرۈلۈپ، ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم.
   
      ئاياسوفىيە مۇزېيىدىكى ئەسلىمە              

   بىر كېچە تىنچ ئۇخلىدىم. كۈن چىققاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، دېرىزە  پەردىسىنى ئېچىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي: »ئەجەب ئوبدان كۈن بوپتۇ!« دەۋەتتىم.
   مانا بۇ، ھەقىقىي ئوچۇق ئاسمان ئىدى، كۈن نۇرى قاراڭغۇلۇقنى قوغلىۋەتكەن، پۈتۈن شەھەر ئويغانغانىدى، پوسفور بوغۇزىدىكى پاراخوتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئىستانبۇل كۆز ئالدىمدا ئىستېرېئولۇق ھالەتتە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىز چۈشكەن مېھمانخانا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا قىسمىدا بولۇپ، دېرىزىدىن «گالاتا كۆۋرۈكى»دە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار، كوچىلاردىكى يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى، مەن بىردىنلا روھلىنىپ قالدىم.
   سائەت ئاران سەككىز بوپتۇ. 3 - قەۋەتتىكى ئوچۇقچىلىقتا ناشتا قىلدىم، يان تەرەپتە قامەتلىك بىر يىگىت سۇ ئۈزۈش كۆلىنى تازىلاۋاتاتتى. بەلكىم كىشىلەرنىڭ نازۇنېمەتلەرنى تېتىغاچ، ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، سۇ ئۈزۈش كۆلى بىلەن ئاشخانا بىر قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىۋالغان بۇ قامەتلىك يىگىت ناشتىلىقىمدىكى تاماشا ئوبيېكتىم بولدى. ئۇزاق ئۆتمەي سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان ساياھەتچىلەر كۆل ئەتراپىدا بەدەن قىزىتىشقا باشلىدى، يېنىمدىكى شىرەدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بۇرىلىپ قاراشلىرىدىن كاللامغا ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى كېلىپ، كۈلگۈم كەلدى. جۇڭگولۇق ئاياللار ياۋروپالىقلارنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغاندىكى قامىتىنى كۆرۈپ ھەسەت قىلىشىدۇ. بىزدەك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا غەرب مەدەنىيىتى قىلچە غەلىتە تۇيۇلمىدى، سۇ ئۈزۈش كىيىمى، قىسقا يوپكىلار ئادەتتىكى نەرسىلەر ئىدى.
   دەل سائەت 10:00دا بىز ۋۇ سۇڭ بىلەن مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇچراشتۇق. بىز «مېرسېدېس» ماركىلىق پىكاپتا بۈگۈنكى ساياھىتىمىزنىڭ 1 - بېكىتى، كونا شەھەر رايونىدىكى سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدىكى توپقاپى سارىيىغا قاراپ يول ئالدۇق.
   ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى ئىستانبۇلغا تۇنجى كەلگەن كۆپ ساندىكى ساياھەتچىنى ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى پوسفور بوغۇزىنىڭ جەنۇبىدىكى «سۇلتان ئەھمەد مەيدانى»غا ئېلىپ باراتتى. بۇ يەر رىم ئىمپېرىيەسى ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدىكى كونستانتىنوپولنىڭ مەركىزى بولۇپ، سۇلتان ئەھمەد مەسچىتى، ئاياسوفىيە مۇزېيى، توپقاپى سارىيى، يەر ئاستى سۇ ئوردىسى قاتارلىق ئىستانبۇلدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك سەيلىگاھلار مەيداننىڭ ئەتراپىدا ئىدى. سۇلتان ئەھمەد مەيدانىنىڭ تۇتقان ئورنى پارىژدىكى كونكورد مەيدانى ۋە بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئوخشايتتى.
   سۇلتان ئەھمەد مەيدانى رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە بەيگە مەيدانى بولۇپ، ئۇنى رىملىقلار كونستانتىنوپولنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئىمپېراتور سېپتىمۇس سېۋېرۇس مىلادىيە 293 - يىلى سالدۇرغانىدى. ئىمپېراتور كونستانتىن ۋىزانتىيە دەۋرىدە كېڭەيتىپ سالغان. ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى باش كۆتۈرگەن مەزگىللەردە، بۇ يەر تەبىئىيلا ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى خان جەمەتىنىڭ تۇرار جايىغا ئايلانغان...
   مېھمانخانىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدىن ئۆتۈپ، ناھايىتى تېزلا دېڭىز بويىغا باردۇق، كۆپكۆك مەرمەر دېڭىزى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. ئاخشام كۆرگەن سېپىلنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ، سۇلتان ئەھمەد مەيدانىنىڭ يول كۆرسەتكۈچىنى كۆردۇق. ئوڭغا بۇرىلىپ ماڭدۇق، يول بارغانسېرى تارايماقتا ئىدى، يول بويىدىكى دۇكانلار ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنەتتى. پىكاپ توختىماي دۆڭگە قاراپ مېڭىپ، ئاخىر بىر تۈزلەڭلىكتە توختىدى. ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ۋە يول بويىدا توختاپ كەتكەن ئاپتوبۇسلاردىن بىز مەنزىلگە يەتكەنلىكىمىزنى بىلدۇق.
   سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدىن غەربكە قارىغاندا، ئارىلىقى100  مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردە بىر قەدىمىي ئىمارەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ «ئاياسوفىيە مۇزېيى» بولۇپ، ئۇنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ، ئادەمنىڭ ھۆرمىتى قوزغىلاتتى.
   كۆپ ساندىكى ساياھەتچى ئىستانبۇلغا ئاياسوفىيە مۇزېيىنى دەپ كېلىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار: بىرسى، ئۇنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، ئۇ مىلادىيە 4 - ئەسىردىكى ۋىزانتىيە دەۋرىدە سېلىنغان بولۇپ، 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ئۇ ۋىزانتىيە دەۋرىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك داڭلىق ئىمارەتلەرنىڭ بىرسى؛ يەنە بىرسى، ئاياسوفىيە ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مەسچىتكە، مۇستاپا كامال ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرلەردە مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يەردە، خىرىستىيان مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى كىرىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى.
   ئاياسوفىيەنى ئىمپېراتور كونستانتىن ئەقىل - پاراسەت ئىلاھى سوفىيەگە ئاتاپ، مىلادىيە 325 - يىلى سالدۇرغانىدى. كونستانتىن − رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى ئىمپېراتور بولۇپ، ئۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ ياۋروپادا تەرەققىي قىلىشىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. يەكشەنبىنى ئىبادەت كۈنى قىلىشمۇ ئۇنىڭ «مىلان پەرمانى»دىكى بىر مەزمۇندىن بولغان. پەرمان بىلەن خىرىستىيان دىنى قانۇنلۇق، ئەركىن دىنغا ئايلانغان، ئاياسوفىيەمۇ شۇنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئاياسوفىيە كېيىن يەر تەۋرەش ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ئاخىرىدا ئىمپېراتور جۇستىنى تولۇق بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرغان. ئىمپېراتور جۇستىنى مىلادىيە  523 - يىلى شۇ ۋاقىتلاردىكى داڭلىق ئىككى بىناكارنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشقا مەسئۇل قىلغان. ئۇ ھوقۇقى ئارقىلىق قۇرۇلۇش لازىمەتلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پۈتۈن ئىمپېرىيەدىكى ئۇستا تاشچىلار ۋە تامچىلارنى يىغقان ھەمدە ھەرقايسى جايدىن ئېسىل تاش ماتېرىياللىرىنى ئەكەلتۈرگەن. ئېفېستىكى دىياننا ئىبادەتخانىسىدىن قىزىل گىرانىت تۈۋرۈكنى، باشقا يەرلەردىن زور مىقداردا ھەر خىل رەڭدىكى مەرمەر تاشنى يۆتكەپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا 100دىن ئارتۇق بىناكار ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق مەدىكار بەش يىل 11 ئاي 10 كۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، مىلادىيە 537 - يىلى بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگەن.
   ئوسمان تۈركلىرىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەد مىلادىيە 1453- - يىلى 6 - ئايدا كونستانتىنوپولغا بېسىپ كىرىپ، ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈشكە تەشنا بولغان ئاياسوفىيەگە كىرگەن. ئۇ ئاياسوفىيەدىكى ۋىزانتىيە تام رەسىملىرىگە لاي سۇۋىتىۋەتكەن، خىرىستىيان دىنى ھەيكەللىرىنى چىقىرىۋەتكەن ھەمدە ئۇنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىپ، ئەتراپىغا ئېگىز تۆت مۇنار سالدۇرغان... بۇ دەل بىز ھازىر كۆرۈپ تۇرغان ئاياسوفىيە مۇزېيىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ئىدى.
   مۇزېيغا كىرگىنىمىزدە، ئۇنىڭدىكى ئالتۇن رەڭ نۇرلار كۆزىمىزنى چاقنىتىۋەتتى. مۇزېينىڭ تەكشىلىكتىكى يۈزى يۇنانچە كىرېست شەكلىدە ئىدى، ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي ئىجادىيەت غايەت زور قۇببىدە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىرمۇ تۈۋرۈك ئىشلىتىلمەي، ئەگمە ئىشىك، غوجىتام، كىچىك قۇببىلەر ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى چاچقان ھەمدە بۇلار ئارقىلىق بوشلۇق تېخىمۇ چوڭايتىلغانىدى. 17 - ئەسىرگىچە (سان پېتىر چېركاۋى پۈتۈشتىن بۇرۇن) ئۇ ئىزچىل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ بولۇپ كەلدى. ئاياسوفىيەنىڭ قۇببىسىدىكى ئىلاھلار رەسىمىگە قارىغاندا، ئادەم ئۇنىڭدا شەكىللەنگەن بوشلۇقتىن ئۆزىنى كىچىكلەپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى.
   چېركاۋ بىناكارلىقى غەرب بىناكارلىق تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مەن ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە، ۋېستمىنستېر چېركاۋىنى، كېيىن پارىژدا سان تىرىنىتى چېركاۋى، كانادانىڭ ئوتتاۋادىكى بۈۋى مەريەم كاتولىك دىنى چېركاۋى ۋە مولدوۋادىكى دۆلەتلىك چېركاۋنى كۆرگەنىدىم. چېركاۋ قۇرۇلۇشلىرىدا بوشلۇق تۇيغۇسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى، ئۇنىڭدا ئىلاھىي دۇنيا تەقلىد قىلىنىپ، ئادەم ئازادە قۇرۇلمىدا ئىلاھ ۋە گۈزەللىكنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، غايەت زور بوشلۇقتىكى خاتىرجەملىكنى ھېس قىلاتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئۈنۈمنى بوشلۇق تۇيغۇسى بىلەنلا شەكىللەندۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، يورۇقلۇقمۇ كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىل ئىدى.
   ئاياسوفىيەنى ئالساق، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يورۇقلۇق مەنبەسى ئىنتايىن ئاز، شۇنداقلا ئىنتايىن يۇقىرىغا ئورنىتىلغان دېرىزىلەر ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورۇندا ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچى غۇۋا كۆرۈنەتتى، پەقەت قۇببىدىكى بۈۋى مەريەم ئەيسا پەيغەمبەرنى كۆتۈرۈۋالغان رەسىم ۋە ئەرەبچە خەتلەر ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
   ئاياسوفىيەنىڭ ئىچىدىكى ئەرەبچە خەتلەر مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ناملىرى ئىدى. رىم مەدەنىيىتى ۋە ئوسمان تۈركلىرى مەدەنىيىتى ئارقا - ئارقىدىن بويسۇندۇرغان بۇ ئىمارەتتە بۈۋى مەريەم، ئەيسا پەيغەمبەر ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرلەر تىنچ «بىللە تۇرۇۋاتاتتى»، بۇ ئاياسوفىيەنىڭ ئادەمگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان يېرى بولۇپ، كىشىلەرگە ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىنى نامايان قىلىپ بېرەتتى. بۇنداق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كەڭ قورساقلىقنى ئىپادىلەپ، دىننىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان قانلىق جەڭ پۇرىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ھاياجانغا سالاتتى، ئاياسوفىيەنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلاتتى.
   ئاتاتۈرك مۇستاپا كامال 1932 - يىلى ئاياسوفىيە چىركاۋىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئاياسوفىيە مەسچىتىنى مۇزېيغا ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن بېسىلىپ قالغىنىغا 500 يىلدەك بولغان ۋىزانتىيەنىڭ ئەينەك بىلەن چىقىرىلغان موزايكىلىرى يورۇقلۇققا ئېرىشكەن، قۇببىدىكى بۈۋى مەريەم ئەيسا پەيغەمبەرنى كۆتۈرۈۋالغان رەسىممۇ ئەينەك بىلەن چىقىرىلغان موزايكىلارنىڭ بىرسى ئىدى. يېرىم شارسىمان قۇببىدە بۈۋى مەريەم ئالدىغا سەل ئېڭىشكەن بولۇپ، ھەر ۋاقىت پانىي دۇنياغا چۈشىدىغاندەك ئىنتايىن جانلىق كۆرۈنەتتى. بۇ، 10 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىشلەنگەن ئەسەر ئىدى. بۇ رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى ئىمپېراتور كونستانتىننىڭ بۈۋى مەريەمگە كونستانتىنوپولنى تەقدىم قىلىۋاتقان رەسىمى، سول تەرىپىدىكىسى ئىمپېراتور جۇستىنىنىڭ بۈۋى مەريەمگە ئاياسوفىيەنى تەقدىم قىلىۋاتقان رەسىمى ئىدى.
   ئاياسوفىيەنىڭ ئىچىدە ئىككى تەرەپتىكى پەلەمپەيلەردىن ئۈستىگە چىققاندا، ئەينەك بىلەن چىقىرىلغان نۇرغۇن موزايكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىي ئەسەر، بەزىلىرى تەقلىدىي ئەسەرلەر ئىدى. بۇ موزايكىلارنىڭ ئەتراپىغا ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىلگەن ئەرەبچە خەتلەر ئېسىلغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ساياھەتچىلەر ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىپ، ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، لېكىن ئۇلار مەندىكى تىنچ كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ۋاقىت بۇ يەردە توختاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، پەقەت تارىخنىڭ چاقىلا غىچىرلىغاندەك ئاۋاز چىقىراتتى.
   ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى رىم مەدەنىيىتىنى بويسۇندۇرۇش بىلەن بىللە، بۇ مەدەنىيەتكە مەپتۇن بولدى. مەدەنىيەت ئەزەلدىن يەككە ئامىلدىن تەركىب تاپقان ئەمەس، ئۇ رەڭدار بولىدۇ.
   1 - قەۋەتتىكى چوڭ زالدىكى غايەت زور مەرمەرتاش تۈۋرۈك ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەنىدى. ۋۇ سۇڭ بىزگە ئۇلارنىڭ «يىغلايدىغان تاش تۈۋرۈك» ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، باشمالتاقنى تۈۋرۈكتىكى نەم كامارغا تىقىپ، پۇتنى مىدىرلاتماي ئالىقاننى تەكشىلىكتە 360 گىرادۇس ئايلاندۇرالىغان ئادەمنىڭ تىلىكى ئەمەلگە ئاشىدىكەن.
   مەنمۇ بۇ مۇقەددەس نەرسىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆچىرەتتە تۇردۇم. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە، مەن ۋۇ سۇڭنىڭ سۈرەت تارتىشى ئۈچۈن ھەر خىل قىياپەتتە تۇرۇپ بېرىش بىلەن بولۇپ، تىلەك تىلەشنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن.
   بىز دائىم ساياھەتنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قالىمىز، بۇ، يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ بەك گۈزەل بولغىنىدىنلا ئەمەس، بەزىدە كەچۈرمىشنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر خىل مەقسەت بولغانلىقىدىن بولىدۇ.

 

(داۋامى كېيىنكى ساندا)
 
(خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-    يىللىق 9 - سانىدىن پولات ئېزىز تەرجىمە قىلغان)