خەمىت نېغمەت
مەرھۇم خەمىت نېغمەتنىڭ قىسقىچە ھاياتى
مەرھۇم خەمىت نېغمەت 1966- يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان؛ باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇغان؛ 1987-يىل 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، مىللەتلەر نەشرىياتىغا ئورۇنلاشقان. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىسىنى نەشر قىلىش قارار تاپقاندىن كېيىن، خەمىت نېغمەت ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تۇنجى مۇھەررىرى بولغان، شۇنىڭدەك مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى پېشقەدەم مۇھەررىرلەر ۋە خەمىت نېغمەتنىڭ ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، 1988-يىل 10-ئايدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان.
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 1991-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسى» قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر، قازاق تەھرىر بۆلۈملىرى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندىن ھازىرغىچە بولغان 20 يىلدا، خەمىت نېغمەت «جۇڭگو مىللەتلىرى» (2000-يىلىدىن ئىلگىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى(مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك)، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى (ناھىيە دەرىجىلىك)، شۆبە ئىدارە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.
خەمىت نېغمەت كەمتەر، تىرىشچان، ئاددىي-ساددا، سەمىمىي، دوستانە، ئەخلاقلىق، ئىزدىنىش روھىغا باي، پىشىپ يېتىلىۋاتقان ژۇرنالىست ھەم تەرجىمان ئىدى. ئۇ، 25 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، توغرا دۇنياقاراش تىكلەپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. كەسپىي خىزمەتتە ئاكتىپ بولۇپ، ژۇرنال سەھىپىلىرى ۋە مەزمۇنىنىڭ سەرخىل، مول بولۇشىغا، نادىر ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشىغا، ئاپتورلار قوشۇنىنى يېتەكلەشكە مۇئەييەن ئەجىر سىڭدۈرگەن. كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ ھەم خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن؛ 1997-، 2000- ۋە 2003-يىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى تۈزگەن «جەزبدار گۈلدەستىلەر» ناملىق ئۈچ كىتابنىڭ ئەسەر تاللاش، تۈزۈش، تەھرىرلەش ۋە كوررېكتورلۇق خىزمەتلىرىگە قاتناشقان.
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەمىت نېغمەت ئەپەندى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2011- يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى (جۈمە) كەچتە 45 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
خەمىت نېغمەتنىڭ ۋاپاتى »جۇڭگو مىللەتلىرى« ژۇرنىلى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، موڭغۇل، چاۋشيەن مىللەتلىرىدىن بولغان بارلىق خىزمەتداشلار مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرىمىز؛ مەرھۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز؛ نارېسىدە قالغان سەبىي بالىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.
ـ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى