ماھىرە ئەۋەلخان قىزى
ماھىرە ئەۋەلخان قىزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ماھىرە ئەۋەلخان قىزى، 1977- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۇنى ئىلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.
1984- يىلى 9-ئايدىن 1989- يىلى 7- ئايغىچە موڭغۇلكۈرە ناھيەلىك 1- باشلانغۇش مەكتەپتە، 1989 -يىلى 9 - ئايدىن 1995 - يىلى 7-ئايغىچە مۇڭغۇلكۆرە ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان.
1996- يىلى 4- ئايدىن 1998-يىلى 5 - ئايغىچە موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىدە، 1998 - يىلى 6 - ئايدىن 2002 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ناھىيەلىك مېيپلار بىرلەشمىسىدە خىزمەت قىلغان. 2003-يىل 2-ئايدىن 2004-يىلى 2-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار سېرىك ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان. 2004-يىلى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە ھەرخىل كومپىيۇتېر كۇرۇسلىرىدا ئوقۇغان. 2005-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى قازاق تەھرىر بۆلۈمىدە گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قازاق تىل - ئەدەبىيات كەسپىدە 2006-يىلى مەخسۇس كۇرۇس، 2009-يىلى تولۇق كۇرۇسنى تاماملىغان. خىزمەت جەريانىدا قازاقچە ژۇرنالنىڭ ھەرخىل سەھىپىلىرىدە چەت ئەلنىڭ تاللانما ژۇرناللىرىدىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان ماقالىلاردىن: «قورال - ياراق تارىخى»، «قازاقلارنىڭ تائام دەستۇرى»، «قازاق كىگىز ئۆيى»، «بۈركۈتچى»، «ياپونىيە ۋە ياپونىيەلىكلەر»، «تۇركىيە ۋە تۈركىيەلىكلەر»، «ئاباينىڭ مۇزىكا مىراسى» قاتارلىق 28 دىن ئارتۇق ماقالىلىرى بار.
2010-يىلى «قانۇنچىلىق» (قازاقچە «زاڭ اياسى») ژۇرنىلىدا «ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچى ئارىسىدا تۇغۇلغان مۇھەببەتتىن كېلىپ چىققان پاجىئە»، « ئايال ديكتورىنىڭ ئۇلىشى» قاتارلىق 8 تەرجىمە ماقالىلىرى ۋە ئالتاي «ئىلىم ۋە پەن» ژۇرنىلىدا «نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ سىرى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى، 2011-يىلى «ژۇرنال تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ تورلىشىشى» ناملىق كەسپى ماقالىسى، 2012-يىلى «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا «قازاق ماقال- تەمسىللىرىنىڭ تەربىيىۋى رولى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.