. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
ئىككى دېڭىز، ئىككى خىل ئادەم
ئاپتور:تەرجىمە ئەسەر    چېكىلىش سانى:838    ۋاقتى:2007-4-3    . www.seltenet.com .
 

پەلەستىندە ئىككى دېڭىز بار. بىرسى، بېلىقلار پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ يۈرۈيدىغان تىرىك دېڭىز. ئۇنىڭ شوخ بۇژغۇنلىرى دېڭىز قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. دېڭىز ساھىلىدا بۈك - باراقسان دەرەخلەر قەد كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇسسىغان يىلتىزلىرى دېڭىز باغرىغا سوزۇلغان. ئۇلار دېڭىز سۈيىدىن قانغۇچە ئىچەلەيدۇ.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ تاغلار ئارىسىدىن ئېقىپ كەلگەن زۇمرەت سۇلىرى بۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. شۇڭلاشقا دېڭىز سۈيى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ خۇشال ناخشا ئېيتىدۇ. كىشىلەر دېڭىز بويىغا ئۆي سالسا، قۇشلار دېڭىز بويىغا ئۇۋا سېلىشىدۇ. ئەتراپتىكى جىمى ھاياتلىق مۇشۇ دېڭىز بولغاچقىلا بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
ئىئوردان دەرياسى جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ يەنە بىر دېڭىزغا قويۇلىدۇ.
بۇ دېڭىزدا ئۈزىدىغان بېلىق يوق، شامالدا لەرزان لەيلەپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان يوپۇرماقلارمۇ يوق. قۇشلارنىڭ سايراشلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ. بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە ساداسى ئەسلا ياڭراپ باقمىغان. كىشىلەر قانچە ئالدىراش ئىشى بولسىمۇ يولنى ئۆزگەرتىپ باشقا يول بىلەن ماڭىدۇ. دېڭىز ئۈستىدىكى ھاۋا دېمىق، سۈيى ئۆلۈك، ئادەم تۇرماق ئۇچار قۇش، جان - جانىۋارلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ.
بۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىلىقى يىراق ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نېمىشقا بۇنچىۋالا چوڭ؟ بۇ ئىشقا ئىئوردان دەرياسى سەۋەبچى ئەمەس. ئىككى دېڭىزغا ئېقىپ كىرىدىغان دەريانىڭ سۈيى ئوپمۇئوخشاش. دېڭىز تۇرغان تۇپراقنىمۇ ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. دېڭىز بويىدىكى يېزىلارمۇ ئەيىبلىك ئەمەس.
پەرق مانا بۇ يەردە: گارىلى دېڭىزى ئېقىپ كىرگەن دەريا سۈيىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمايدۇ. ئىئوردان دەرياسىدىن بىر تامچە سۇ ئېقىپ كىرسە، گارىلى دېڭىزى بىر تامچە سۇنى چىقىرىپ تۇرىدۇ. قوبۇل قىلىش بىلەن بېغىشلاش ئوخشاش سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەنە بىر دېڭىز بولسا تېخىمۇ دانا. ئۇ دەريا سۈيىنى ئىنتايىن بېخىللىق بىلەن  پۈتۈنلەي ساقلىۋالىدۇ. مەيلى سىز ئۇنى قانچىلىك غىدىقلاڭ، ئۇ يەنىلا جىمجىت تۇرۇۋېرىدۇ. قىلچىمۇ مىدىرلاپ قويمايدۇ، بىر تامچا سۈيىنىمۇ سىرتقا چىقارمايدۇ.
گارىلى دېڭىزى بېغىشلاشنى بىلگەچكە، سۈيى تىرىك تۇرالىغان. يەنە بىر دېڭىز بولسا  بېغىشلاشنى قىلچە خالىمىغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئۆلۈك دېڭىز» دەپ ئاتىغان.
بۇ دۇنيادا ئىككى خىل ئىنسان بار. پەلەستىندە ئىككى خىل دېڭىز بار.

(«ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2004 - يىللىق 4 - سانىدىن نۇرگۈل ھېيت تەرجىمە قىلدى)
ژۇرنىلىمىز 2004.6 - سانىدىن
 

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 مېنىڭ يەنە بىر تىلىم[1207]
 نېمە ئۈچۈن؟[1016]
 قۇلۇلە بىلەن بۈركۈت[1153]
 ۋاقىتنىڭ قىممىتى[1075]
 ئەگەر سىز ھەقىقىي ھۆرمەتكە س…[1015]
 خۇشاللىق ۋە مۇھەببەت، نەپرەت[535]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:46.88ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社