
ھۇرۇنلۇق قەلبنىڭ داتلاپ قېلىشىدۇر، ھۇرۇن ئادەمنىڭ كاللىسى شەيتاننىڭ ئىشخانىسى ھېسابلىنىدۇ، دېگەن بۇ گەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئېيتىلغان. خاتالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بىكار يۈرۈشتىن ۋە ھېچ ئىشقا خۇشياقماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. «ۋاقىت دېمەك ئالتۇن دېمەكتۇر» دېگەن خەلق ماقالى بار. دېمەك، ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سائەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىدىغانلا بولساڭ، ئۇ سېنىڭ چۆنتىكىڭدىكى پۇلنى كۆپەيتىدۇ. ئەگەر بىز ۋاقتىمىزنى مۇۋاپىق ئىشلەتسەك، كېرەكلىك ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازاردا مەلۇم باھادا پۇلغا ساتالايمىز ياكى تەجرىبىمىزنى تولۇقلاپ، ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ بارالايمىز. مۇۋاپىق پۇرسەت بولسىلا، پۇل تاپالايمىز. شۇڭا شەك - شۈبھىسىزكى، ۋاقىت پۇلغا ئايلىنالايدۇ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتۇشى توغرىسىدا ئەسكەرتىپ قويۇشىمىز كېرەك. ئۇلار بىر سائەتنى ئىسراپ قىلىۋېتىشنىڭ بىر ۋاراق قەغەز پۇلنى زىيان تارتقانغا باراۋەر بولىدىغانلىقىنى، بىر سائەت ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنىڭ بىرمۇنچە ئاقچىغا ئېرىشكەن بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماقچى بولغاندا، قايتا - قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئىش كۆرۈشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، بىزنىڭ ھاياتىمىز مۇشۇ ئالەمدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىن باشقىچە نەرسە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش بىر خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈمنى ئويلىغىنىمىزدا تولىمۇ كۆڭۈلسىز كەيپىياتقا پېتىپ قالىمىز، شۇڭلاشقا، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئاۋارىچىلىق ۋە خىراجەتتىن قاچماي ھاياتىمىزنى ئامان - ئېسەن ساقلاپ قېلىش يولىدا ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ۋەھالەنكى، بىز بىرەر سائەتلىك ۋاقىتنى ياكى بىرەر كۈنلۈك ۋاقىتنى زىيان تارتىپ قالغانغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي، ھاياتنىڭ ئەسلىدە تۇرمۇشىمىزدىكى ھەربىر كۈن، ھەربىر سائەتلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز. شۇڭا بىر كۈن ياكى بىر سائەتنى ئىسراپ قىلىۋېتىش - بىر كۈن ياكى بىر سائەتلىك ھاياتىمىزدىن مەھرۇم بولغانلىقىمىز بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندا، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىش - جىنايەت، ئۇنداقلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئوخشاش جازالىنىشى كېرەك، دەپ قارايدىغان بولىمىز. ئۈچىنچى قاتلامدىكى مەنىسى جەھەتتىن ئالغاندىمۇ بىزنى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش قىسقا بولۇپ، ھەممىنى قوشقاندىمۇ 60 - 70 يىلچە كېلىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇخلاشقا كېتىدۇ؛ غىزالانغان ۋاقىتنى قوشقاندىمۇ بىرقانچە يىلغا توغرا كېلىدۇ؛ كىيىم كىيىش ۋاقتى يەنە بىرقانچە يىل بولىدۇ؛ سۇ يولى ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىدا ساياھەت - سەپەر قىلىشمۇ بىرقانچە يىلغا توغرا كېلىدۇ؛ مەيلى باشقىلار ئۈچۈن ياكى ئۆزى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش ۋاقتىمۇ يەنە بىرقانچە يىل بولىدۇ؛ دىنىي بايرام ۋە ئىجتىمائىي بايراملارنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بىرقانچە يىل ۋاقىت كەتكەن بولىدۇ؛ يىراق - يېقىن تۇغقانلىرىمىز ئاغرىپ قالغاندا، ئۇلارغا دورا قاينىتىپ بېرىپ غەمخورلۇق قىلىشقىمۇ بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ياش سانىمىزدىن ئاشۇ ۋاقىتلارنى چىقىرىۋەتسەك شۇنى بايقايمىزكى، بىزنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەتكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز 15 يىل ياكى 20 يىلدەكلا بولىدۇ. كىمدە كىم مۇشۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتالىسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇتنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىسراپ قىلىۋەتمەيدۇ. ھەممە ۋاقىت قىممەتلىك بولىدۇ، بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدىكى ۋاقىت كىشى ئۆمرىنىڭ باشقا باسقۇچلىرىدىكى ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ، چۈنكى ئاشۇ ئىككى باسقۇچتىلا بىلىم ئالالايمىز ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تەرەققىي قىلالايمىز. ئەگەر ھاياتىمىزنىڭ سەھىرىدىن پايدىلانماي ئۇنى بىكار - بىكار كەتكۈزۈۋەتسەك، ئۇ زىياننى ئۆمۈرۋايەت تولدۇرۇۋالالمايمىز. بىزنىڭ يېشىمىز چوڭايغاندا بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىمىز گاللىشىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋردە ئالالمىغان ۋە ئېرىشەلمىگەن بىلىم - ئىقتىدارغا مەڭگۈ ئېرىشكىلى بولماي قالىدۇ. پۇلنى مەبلەغ قىلىپ سالغاندا ئۆسۈم تۇغۇلۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئەسلىي دىرىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ قالغانغا ئوخشاش، ئەگەر بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىدىكى ۋاقىت جايىدا ئىشلىتىلسە، مۆلچەرلىگۈسىز پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا بىزگىمۇ پايدىسى چوڭ بولىدۇ. ھۇرۇنلۇق قەلبنىڭ داتلاپ قېلىشى بولىدۇ، ھۇرۇن ئادەمنىڭ كاللىسى شەيتاننىڭ ئىشخانىسى ھېسابلىنىدۇ دېگەن بۇ گەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئېيتىلغان. خاتالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بىكار يۈرۈشتىن ۋە ھېچ ئىشقا خۇشياقماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
(ئېلى راجى تەرجىمە قىلدى) ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن
|