ژۇرنىلىمىز 2007 - يىللىق 2- سانىدىكى تەلەيلىك ئوقۇرمەن ۋە ئالقىشلانغان ئەسەرلەرنى باھالاش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە: ( ژۇرنىلىمىزدىكى «تەلەيلىك ئوقۇرمەن» ۋارىقىنى تولدۇرغان ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارىسىدىن چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. باھالانغۇچىلارغا ئالاھىدە سوۋغات تەييارلايمىز، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھەرسان ژۇرنالدىكى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! ژۇرنىلىمىزغا ھەرۋاقىت مۇشتەرى بولسىڭىز بولىدۇ ياكى جايلاردىكى ئۇيغۇر تىلى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز! «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە ژۇرناللار ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئوبېيكتىڭىزدۇر!)
ژۇرنىلىمىزنىڭ 2007-يىللىق 2-سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىرات، باھا، تەكلىپلىرىنى ئەۋەتتى. بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرۇۋېلىنغان «تەلەيلىك ئوقۇرمەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋارىقى»114 پارچە، تەسىرات -باھا 33 پارچە بولدى. 1- ساندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا تولۇق، توغرا جاۋاب بەرگەن ۋە ژۇرنال ھەققىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ باھا يازغان 33 نەپەر ئوقۇرمەن ئىچىدىن تاللاپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچى 4 نەپەر ئوقۇرمەننى؛ «تەلەيلىك ئوقۇرمەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋارىقى»دىن چەك تارتىش ئارقىلىق، ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچى 6 نەپەر ئوقۇرمەننى بارلىققا كەلتۈردۇق. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى: زىيادەم نىياز كۇچار ناھىيە ياقا بازىرى باشلانغۇچ مەكتەپ
2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر: ئىسھاق مۇھەممەت ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش يېزا قايراق ئوتتۇرا مەكتەپ ئابدۇراخمانجان ئىمىن بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن - سىياسەت ئىنستىتۇتى خەلقئارا سىياسىي 062 - سىنىپ تۇراجان ئابلىز دولان مەكىت ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر: گۆھەرنىسا رازىق پوسكام ناھىيىلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئابدۇخېلىل مىرخېلىل توققۇزتارا ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا مۇيىنگۈزەر باشلانغۇچ مەكتەپ زەپەر ئابلەي نىلقا ناھىيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى مۇھەممەد ياسىن قەشقەر مالىيە - سودا مەكتەپ ئەركىن نىياز قەشقەر شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى تۇرسۇنگۈل ئەمەت ئاقتۇ ناھىيە بارېن يېزا بوغالتىر ھېسابات مەركىزى
6- ساندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر: «سىزدە ئەرلىك جىگەر بارمۇ ؟» --- رەھمەتجان ئىمىن «بۈگۈنكى ستۇدېنتلارغا نېمە بولدى؟» --- ئابدۇۋەلى ئايۇپ «مەنىۋىيىتىمىزدىكى ياخشى يۈكسىلىشلەر(1)» ئۆمەرجان سىدىق «بوران بالىلىرى»، «ئەقىدە _ ئىخلاس»(ئىككى نەسر) --- ئەخمەت ئىمىن «ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتى» --- ئەنۋەر مەتسەيدى
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، سەلتەنەت تورى تور ئىشخانىسى.
|