请点击显示图片
请点击显示图片
请点击显示图片
请点击显示图片
请点击显示图片
 
ئەگەر سىز ھەقىقىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىڭىز
ئاپتور:تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز    چېكىلىش سانى:314    ۋاقتى:2007-3-27    . www.seltenet.com .
 

دۇنيادا ھۆرمەتلىنىشنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك. لېكىن، ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشەلىشى ناتايىن.
بىز بىلىمىز، ھۆرمەتلىنىش  - بىر خىل ئىجتىمائىي ئىستىخىيىلىك جەرياننىڭ ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە نەتىجىسى. بۇ جەريان شەخسنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ پائالىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ھۆرمەتلىنىشكە ئېرىشىش  - ئىنساننىڭ نۇرغۇن ئىستەكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىزگۈ ئىستەكلىرىنىڭ بىرى. ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنىڭ بىرمۇنچە سەۋەب ئامىلى بولىدۇ. بىز دەل مۇشۇ ئامىلغا قاراپ قايسىسىنىڭ ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشىش، قايسىسىنىڭ زۆرۈرىيەتلىك ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
ئەگەر سىز ھەقىقىي تۈردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا «بىر ياخشى بايلىققا ئېرىشتىم» دەپ قاراڭ. بىراق، بۇ بايلىقنىڭ خوراش ياكى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىنى سىزنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە ئىستىخىيىلىك ئىجتىمائىي جەريانىڭىز (تەرەققىياتىڭىز)بەلگىلەيدۇ. سىز شۇنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى، ھۆرمەتلىنىشكە سازاۋەر بولۇش  - ئەمەلىيەتتە، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر بايقاشنىڭ ۋە چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھۆرمەتلىنىش ئىمكانىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن تىپىك ئىجتىمائىي ئوبيېكت ھېسابلىنىسىز. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى تېخى يەرگە چۈشۈپ بولالمىغان ئەڭ پاك بىر ئۇچقۇن قارغا ئوخشىتىشىڭىز مۇمكىن ياكى بولمىسا كۆكتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سەلتەنەتلىك بىر قۇشقا ئوخشىتىشىڭىزمۇ، ئۆز توپىنى باشلاپ سەپنىڭ ئالدىدا بەردەم كېتىپ بارغان بۆرىگە ئوخشىتىشىڭىزمۇ، تۈن كۆكىدە شۇ قەدەر يارقىن جۇلالاپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئوخشىتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. لېكىن، سىز شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ياخشى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئەڭ پاك بىر ئۇچقۇن قارغا ئوخشاتسىڭىز، يەرگە چۈشىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ؛ ئەگەر ئۆزىڭىزنى كۆكتىكى سەلتەنەتلىك قۇشقا ئوخشاتسىڭىز، ئۇ چاغدا، بىر جۈپ ياخشى قانىتىڭىزنىڭ ئىرادىڭىزنى پەرۋاز قىلدۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ؛ ناۋادا ئۆزىڭىزنى توپنىڭ ئالدىدىكى بەردەم بۆرىگە ئوخشاتسىڭىز، ئۆز توپىڭىز بولمىسىلا، ھېچقانداق ئوبرازغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىڭىزنى ئادىل تەھلىل قىلىپ بېقىڭ؛ ئەگەردە ئۆزىڭىزنى يارقىن جۇلالاپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئوخشاتسىڭىز، ئۇ چاغدا تۈننىڭ كۆلەڭگۈسى بولمىسا، تېخىمۇ ئوچۇق نۇر چېچىش ئىمكانىيىتىڭىزنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى قىياس قىلىڭ.
دېمەك، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشتىكى ئوبراز، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى نۇرغۇن ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى نامايان قىلالايدۇ. شۇڭا ئەتراپىڭىزدىكى ھۆرمەتلىگۈچىلەر سىز ئىززەت قىلىشقا، سىز ياخشى چۈشىنىشكە، سىز كۆيۈنۈشكە ئەڭ مۇناسىپ كىشىلەردۇر. يەنە سىز شۇنى ئىنكار قىلماسلىقىڭىز كېرەككى، ئوبراز ۋە كەمتەرلىكنىڭ مۇكەممەللىشىشى دەل »ھۆرمەتلىنىش« بىلەن »ئىززەت« ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقەتتىن باشلىنىدۇ.

(ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە 35 - تۇەن - مەيدان خەلق ئىشلىرى بۆلۈمىدە)
ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر تىزىم…
 2- ساندىكى «تەلەيلىك ئوقۇرمەن»…
 2007 - يىللىق 3- ساننىڭ بەت ياساش خ…
 خەت ساندۇقىمىز ئارقىلىق قوبۇل…
 3 - سان ژۇرنال بەت ياساش باسقۇچى…
 مېنىڭ يەنە بىر تىلىم
 قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر تىزىم…
 2- ساندىكى «تەلەيلىك ئوقۇرمەن»…
 2007 - يىللىق 3- ساننىڭ بەت ياساش خ…
 خەت ساندۇقىمىز ئارقىلىق قوبۇل…
 3 - سان ژۇرنال بەت ياساش باسقۇچى…
 مېنىڭ يەنە بىر تىلىم
 مېنىڭ يەنە بىر تىلىم[302]
 نېمە ئۈچۈن؟[240]
 ئىككى دېڭىز، ئىككى خىل ئادەم[161]
 قۇلۇلە بىلەن بۈركۈت[246]
 ۋاقىتنىڭ قىممىتى[245]
 خۇشاللىق ۋە مۇھەببەت، نەپرەت[99]
 

2007 - يىللىق 3- سانن…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…

ۋاقىتنىڭ قىممىت…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:62.50ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社