__ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئىسمائىل تىلىۋالدىنى زىيارەت ژۇرنىلىمىز مۇخبىرى لى شىجيې
2006- يىل 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بېيجىڭدىكى جىڭشى مېھمانخانىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇخبىر :يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى 1 - نومۇرلۇق ھۆججەتنى تارقاتتى، يەنە مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىپ، يېڭى تارىخىي مۇساپىدە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. سىزدىن سوراپ باقسام، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە قانداق كونكرېت تەدبىر قوللاندىڭلار؟ ئىسمائىل تىلىۋالدى :سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش 11 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. بۇ يىل 11 - بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى يىل. 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 - قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2006 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» مۇھاكىمە قىلىنىپ بېكىتىلدى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى چۆرىدەلگەن ھالدا ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇلار :يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى زورايتىش؛ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ غەربكە ئېچىۋېتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىش ئىسىتراتېگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ تىرىشىپ تېجەشلىك جەمئىيەت قۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مالىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش؛ ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش؛ ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتىكى مۇھىم ھالقا __ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قاتتىق تۇتۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، خەلقنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ ئۇتۇشتىن ئىبارەت. مۇخبىر :سىلەر 11 _ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا، قايسى جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلماقچىسىلەر؟ ئىسمائىل تىلىۋالدى :بىز ئىشنى مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، «ئامان شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 11 _ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ياخشىلايمىز. بۇ يىل بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىنىدۇ. جايلار، تارماقلار «بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش» فاڭجېنىدا يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە، ئاساسلىقى ماھىيەتتىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ تۈپتىن ياخشىلايدۇ. بىز يەنە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش، بىخەتەرلىك سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بىرنەچچە جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتىمىز. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرنى تولۇقلاپ بېرىش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىمۇ ناھايىتى تېز بولدى، بۇ تەدبىرلەر يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 11 _ بەش يىللىق يىرىك پىلاندا، GDP نى يىلىغا % 7.5تىن تەدرىجىي ئاشۇرۇپ مېڭىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ نىشان ئىقتىسادنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا زاپاس كۈچ توپلاش ماكانى ھازىرلاپ بەردى. 11 _ بەش يىللىق يىرىك پىلاندا شىنجاڭنىڭ نېفىت، كالىيلىق ئوغۇت، پاختا، ئوتلاق قاتارلىق بايلىقلىرى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرىدىغان تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بىز چوقۇم پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز.
(قاھار ئوسمان تەرجىمىسى)
|