دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇچۇر مەركىزى، ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى نەشرىياتى، «جۇڭگو مىللەتلەر ئۇچۇر يىلنامىسى» تەھرىر ھەيئىتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تور بېكىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن، «2006- يىلىدىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە ئائىت ئون چوڭ خەۋەر»نى باھالاش يىغىنى 2006- يىل 12- ئاينىڭ 25- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركەزدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار كەسپى تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى باھالاشقا قاتناشتى.
1. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئايرىم- ئايرىم ھالدا 5- ۋە 9-ئايدا، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جىنو تاغلىق رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى قاتارلىق جايلاردا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. تەكشۈرۈش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاھالىسى ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم .
2. 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، زېڭ چېڭخۇڭ، لى چاڭچۈن، لو گەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك 3- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشقان 56 مىللەتنىڭ ئارتىس ۋەكىللىرىنى قىزغىن قوبۇل قىلدى، ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ نومۇرلىرىنى كۆردى.
3. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نى 2006- يىللىق قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.
4. 4- ئايدا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى بويىچە مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
5. 7- ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمىلىيلەشتۈرۈش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
6. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
7. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى بىلەن گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلدى.
8. 12- ئايدا، كادىرلار مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تۇنجى قېتىم بىرلەشمە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى.
9. 8- ئايدا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى كوڭ فەنسىن خاتىرە سارىيى قاتارلىق 72 خاتىرە ساراي، تارىخىي ئىزنالارغا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەربىيە بازىسى دەپ نام بەردى.
10. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 11- ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇ يۇەن ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مىللەتلەر مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش جەھەتتىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇردى.
(ھەسەنجان ئابلەت تەرجىمىسى) ژۇرنىلىمىز 2007.2 - سانىدىن
|