www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ۋە دېموكراتىك سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرەيلى
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:1507    ۋاقتى:2008-8-19    . www.seltenet.com .

  - جۇڭگودىكى نامرات ئاھالە ئاساسلىقى يېزىغا مەركەزلەشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى تېخىمۇ گەۋدىلىك. قىيىنچىلىقى بار مۇشۇنداق ئاممىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، جايلارنىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئوبدان ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش»، «تۈرگە ئايرىپ كاپالەتلەندۈرۈش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش، ياشانغانلار، مېيىپلەر، يېتىم بالىلار ۋە «بەش كاپالەت ئائىلىلەر» قاتارلىق قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يېزىدىكى بەش كاپالەت ئائىلىلەرنى بېقىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەش كاپالەت ئائىلىلەرنى بېقىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىدىكى بەش كاپالەت پېشقەدەملەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزىدىكى تۆۋەن كاپالەت ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە شەھەر تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش سىناق خىزمىتىنى يەنىمۇ يولغا قويۇپ، يېزىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە نامراتلىققا قايتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەبلەغ ياردىمى سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. 1999 - يىلى مەركەز مالىيىسىدىن شەھەر تۆۋەن كاپالەت مەبلىغى ياردەم بېرىلگەندىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىكى مەركەز مالىيىسىنىڭ شەھەر تۆۋەن كاپالەت ياردەم مەبلىغىنى تەقسىم قىلىشتا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا نۇقتىلىق ھالدا مايىل بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ئېتىبار بەرگەنىدى. 2005- يىلى مەركەز مالىيىسىدىن يەرلىككە 11 مىليارد200 مىليون يۈەن تۆۋەن كاپالەت مەبلىغى ياردەم بېرىلدى، بەش ئاپتونوم رايونغا ياردەم بېرىلگەن مەبلەغ 1 مىليارد 277 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %11 ىنى تەشكىل قىلىدۇ(بەش ئاپتونوم رايوندىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %10 ىنىلا ئىگىلەيدۇ).
- كەنت ئاپتونومىيىسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
بىرىنچىدىن، جايلارنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سايلامنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. «كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، كۆپ مىللەتلىك كەنتلەردە كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە ئادەم سانى ئازراق بولغان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرى بولۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
ئىككىنچىدىن، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشلىرى كۈچەيتىلدى، 1998 - يىلىدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىككى نۆۋەتتىن ئۈچ نۆۋەتكىچە بولغان كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قائىدىنى تەرتىپلەشتۈرۈش، دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى.
ئۈچىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كەنت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى دېموكراتىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.«كەنت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى دېموكراتىك باشقۇرۇشتا ئۈلگە ئورۇن» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
- دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دەپنە ئادەتلىرى توغرىسىدىكى ئەركىنلىكىنى ساقلاپ قېلىشى ياكى ئىسلاھ قىلىشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش كېرەك. كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش چارىسىنى يولغا قويغان جايلار خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئون ئاز سانلىق مىللەتنىڭ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش ئادىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
          (جامال ئىمىن تەرجىمىسى )

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇ...
 ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇ...
 جۇڭگو ئازسانلىق مىل...
 يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگى...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号