يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلسا ئاساس پۇختا بولىدۇ، دېھقانلار بېيىسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، يېزا مۇقىم بولسا جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ. »يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى زور ۋەزىپە.
1. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سېلىنمىسى كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. (1) «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك. (2) يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. (3) يېزا ئىگىلىك خېيىمخەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. (4) دېھقانلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
2. يېزا ئىگىلىك ئۇل قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇئەسسەسە، جابدۇق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (1) ئېتىز- ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. (2) تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. (3) يېزىلاردا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا مەدەت بېرىش كېرەك. مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلاردا شاخ- شۇمبىدىن گاز ھاسىل قىلىشنى ۋە قۇياش ئېنېرگىيىسى، شامال ئېنېرگىيىسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غەربىي شىمال رايونلىرىدا 1مىليون ئائىلە قۇياش ئوچىقى ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا، كەنتلەردە پاكىزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قىغ- گەندە، شاخ - شۇمبا، تۇرمۇش ئەخلىتى ۋە يۇندىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشنى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېقىلغۇ ئورنىغا كىچىك سۇ ئېلېكترىنى دەسسىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نامرات رايونلارنىڭ يېزىلاردا سۇ ئېلېكترىنى تەرەققىي قىلدۇرۇرشقا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ۋە بېرىلىدىغان قەرز ياردىمىنى كۆپەيتىش كېرەك. (4) يېزا، كەنتلەرنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. (5) يېڭىچە يېزا ئىگىلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. (6) يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
3. يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشنى پەن- تېخنىكا مەدىتى بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. (1) يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. (2) يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى كەنت، ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (3) بايلىق تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. (4) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. (5) يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.
4. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېمەكلىكلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىدىن باشقا، خام ئەشيا، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيىنى قوغداش، سەيلە- ساياھەت قىلىش، ئارام ئېلىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىمۇ بار. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىشتا چوقۇم يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەڭلىك، چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈرۈش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. (1) ئاشلىقنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (2) ساغلام باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ساغلام باقمىچىلىق خەلق ئاممىسى ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. (3) ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى شۇجاينىڭ تەبىئىي ۋە گۇمانىتارلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، رايونلارغا جايلاشتۇرۇشنى ياخشىلاش كېرەك. كىشىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپ خىللىشىۋاتقان ماددىي، مەنىۋىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، ئالاھىدە ھەم مەخسۇس، يېڭى ھەم ئۆزگىچە، ئېسىل ھەم چىرايلىق ماددىي، غەيرىي ماددىي مەھسۇلات ۋە كەسىپلەرنى، بولۇپمۇ باغۋەنچىلىك، ئالاھىدە باقمىچىلىق ۋە يېزا، كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يىرىك پىلان بويىچە يېتەكلەش، سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش چارىسى ئارقىلىق، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆزگىچىلىكى روشەن، تۈرى كۆپ خىل، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم كەسپىي كەنت، كەسپىي يېزا- بازارلارنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. (4) يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇش كېرەك. (5) بىئو ماسسىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
5. يېزا بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. (1) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە يېڭىچە ئوبوروت ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. «ھەممە يېزا، كەنتتە بازار بەرپا قىلىش»، «قوش يۈز بازىرى»، «يېڭى يېزا زامانىۋى ئوبوروت تورى» ۋە « يېزا سودا ئۇچۇر مۇلازىمىتى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. باشلامچى كارخانا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ شەھەرلەردىكى تاللا بازىرى، مەھەللىلەردىكى كۆكتات بازىرى ۋە قۇلايلىق ماگىزىنلارغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تاللا بازىرى ۋە يېزا ئائىلىۋى ماگىزىنلىرى قۇرۇلۇشىغا پائال مەدەت بېرىش كېرەك. (2) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بازار مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. (3) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت- ئېكسپورتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. (4) كۆپ مەنبەلىك بازار ئوبوروتى سۇبيېكتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
6. يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشتا مەدەنىيەتلىك، تېخنىكىسى بار، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلىدىغان يېڭىچە دېھقانلارغا تايىنىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى قېزىش سېلىنمىسىنى زور ھەجىمدە كۆپەيتىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ئەقلىي مەدىتى بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك. (1) زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. (2) دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. (3) يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. (4) يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
7. يېزا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. (1) يېزىلارنىڭ باشقا ئىسلاھاتلىرىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (2) يېزا، كەنتلەرنىڭ قەرزلىرىنى ئېنىقلاش، تۈگىتىش كېرەك. يېزا، كەنتلەرنىڭ قەرزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ۋە نەقلەشتۈرۈپ، ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەپ، كونا قەرزنى بوغۇپ، يېڭىدىن قەرز ئېلىشنى توسۇپ، قەرزنى تۈگىتىش تەدبىرى ۋە چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى جەھەتتىكى قەرزلەرنى ئاۋۋال تۈگىتىش كېرەك. جايلار ئىلگىرى نېسى قالغان يېزا ئىگىلىك بېجىنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، سىياسەتنى چىڭ ئىگىلەش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى قەتئىي كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، بىكار قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى بىكار قىلىش كېرەك. مەركەز مالىيىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيىلەر بەلگىلىك مۇكاپات خىراجىتى ئاجرىتىپ، يەرلىكنى يېزا، كەنتلەرنىڭ قەرزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. (3) دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
8. پارتىيىنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (1( ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى »يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى بوشاشماي ياخشى تۇتۇشى كېرەك. (2)يېزىلاردا ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. (3)يېزىلارنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرۈتكە بولۇش كېرەك.
(«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» دىن ئېلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئىدرىس بارات ژۇرنىلىمىز 2007.2- سانىدىن ئېلىندى
|