[ ئاپتورى : توردىن | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى11ئاينىڭ23كۈنى | كۆرۈلىشى : 8 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك ]
شىنجاڭ «قارلۇق» مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى iPhone يان تېلېفونى بىلەن iPad تاختا كومپيۇتېرىنىڭ سىستېمىسى ئۈستىدىكى بىر تۈركۈم قوللىنىش يۇمشاق دېتاللىرىنى ياساپ چىقتى، بۇ يۇمشاق دېتاللار ئەمەلىي قوللىنىلىش باسقۇچىغا كىرسە، ئۇيغۇر ئىستېمالچىلار ئامېرىكا «ئالما» شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا مودا بولۇۋاتقان يۇقىرىقى ئىككى مەھسۇلاتىنى تامامەن ئانا يېزىقىدا بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ.
«قارلۇق» مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى تۈر دېرىكتورى ئابلەت ئابلا 5-نويابىر ماڭا: iPhone بىلەن iPadتە ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت ۋە باشقا بىر قىسىم قوللىنىش يۇمشاق دېتاللىرىنى پۈتتۈرۈپ بولدۇق، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېتاللار كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن، ھازىر «قارلۇق» شىركىتى ئامېرىكا «ئالما» شىركىتى بىلەن iPhone ۋە iPad تە ئىشلىتىلىۋاتقان iOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللاش ئېغىزى ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ.
ئۇقۇشۇمچە، «قارلۇق» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللاش تىل تىزىملىكى 2008-يىلى 6-ئايدا Mac OS 10.6 Snow Leopard نىڭ تەتقىقاتچىلار سىناق نەشىرىنىڭ 2-نۇسخىسىغا قوشۇلۇپ ئىچكى قىسىمدا سىناشقا تارقىتىلغان. 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللاش تىل تىزىملىكى قوشۇلغان Mac OS X 10.6 Snow Leopard رەسمىي تارقىتىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان، «ئالما» كومپيۇتېرلىرىغا زاۋۇتتىلا ئۇيغۇرچە تىل تىزىملىكى قاچىلىنىپ چىقىدىغان، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ياكى پروگراممېرلار ھېچقانداق قوشۇمچە دېتالنىڭ ياردىمىگە تايانمايلا بۇنداق كومپيۇتېرنىڭ سىستېما تىزىملىكلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىۋالالايدىغان، بۇ سىستېمىنىڭ ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولغان ئىدى.
ئابلەت ئابلا يەنە ھازىرقى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قوراللىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر يېزىقىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى قوشۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلېلىم ئېزىز خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش *
ئالدىنقى پارچە : گۈزەل سەنئەت مائارىپىدىكى تۆھپىكار «باغۋەن» كىيىنكى پارچە : دۆلىتىمىزنىڭ غەيرى مەدەنىيەت مىراسى 870مىڭغا يەتتى