[ ئاپتورى : توردىن | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى11ئاينىڭ20كۈنى | كۆرۈلىشى : 5 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك ]
نىياز كېرىم شەرقى 1948 – يىلى تۇرپان شەھىرىدە كىيىم تىككۈچى ئۇستىكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ھۆسنخەت سەنئىتىگە ئاشىق بولۇپ، خۇشخەت يېزىشنى مەشىق قىلدى، تاملارغا ھەر خىل شەكىلدىكى ھۆسنخەتلەرنى يېزىپ، قارا دوسكا ئىشلەپ يۈردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، ‹‹ئىتتىپاق›› تىياتىرخانىسىنىڭ كىنو ئېلانىنى ئىشلەپ بېرىپ، قەلەم ھەققى ھېسابىغا ھەقسىز كىنو كۆردى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنى نىسبەتەن تولۇق شەرھلەپ بېرىدىغان بىرەر ئىلمىي ئەسەر يېزىپ چىقىش ئىستىكىدە كۆپرەك خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدى. كىشىنىڭ خىيالىدىن ئارزۇ تۇغۇلىدۇ، ئارزۇدىن ئۇلۇغۋار غايە تىكلىنىدۇ. بىر ئىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېنىق بىر غايىنى تىكلىۋالغان كىشى مەشۇقىنىڭ جامالىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن ئايانمايدىغان ئاشىققا ئوخشايدۇ. نىياز كېرىم ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە غايىبانە ئاشىق بولغاندىن كېيىن، بۇ ساھەدە كامالەتكە يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىققا ئەھدە قىلىپ، دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەش روھى بىلەن ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كەتتى، كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇدى، نەزەرىيە بىلىمىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش يولىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگەندى.1982 – يىلى ياز ئايلىرى ئىدى. ۋاڭ مېڭياڭ، خۇاڭ داشېڭ قاتارلىق شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى ‹‹خەلق›› باغچىسىنىڭ ‹‹چاۋياڭ›› راۋىقىدا ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچتى. نىياز كېرىم ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بۇ كۆرگەزمىگە ئەسەر قاتناشتۇردى. شۇ كۈنلەردە نىياز كېرىم تولىمۇ خۇشال ئىدى، ھايات ئۇنىڭغا يېڭىباشتىن كۈلۈپ باققاندەك، ‹‹خەلق›› باغچىسىدىكى دەل – دەرەخلەرنىڭ جىمىكى يوپۇرماقلىرى ئۇنى تەبرىكلەپ چاۋاك چېلىۋاتقاندەك ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمگەنىدى. ئەسىرىمنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم كۆرسە قانداق ئىنكاستا بولار؟ خۇشال بولارمۇ، ھۆسنخەت ئەسىرى دېگەننى چۈشىنەرمۇ، كۆرگەزمىگە قانچىلىك ئۇيغۇر كىرەر؟ دېگەندەك خىياللار ئۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ھەر كۈنى بىكار ۋاقىت تاپسىلا راۋاققا كېلىپ، ئايلىنىپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلاتتى. ئەپسۇس، ئالتە – يەتتە كۈن ئېچىلغان كۆرگەزمىنى كۆرگىلى كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچقانچە ئۇيغۇرنى ئۇچراتقىلى بولمىدى. يا ئۇلار نىياز كېرىم يوق چاغلاردا كېلىپ كەتتىمىكىنا؟ نىياز كېرىمنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى، كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى. شۇنچە يىل جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئەمدىلىكتە باش قاتۇرۇپ پىلانلاپ ئىشلىگەن ئەسىرىڭنى كۆرىدىغان ئون، يىگىرمە ئۇيغۇر بولمىسا، يا ئۇنى باشقا مىللەتلەر چۈشەنمىسە، بۇنداق سەنئەتنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن؟ ‹‹خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك›› دېگەندەك، قومۇش قەلەمدە بىر سىزىق، بىر كىرتىكتىن يېزىپ چىققان ئەسىرىڭنى ماختىمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇ يېرى مۇنداق بوپتۇ، بۇ يېرى ئۇنداق بوپتۇ دەپ، تەنقىدلىگىلىمۇ ئادەم چىقمىسا، بۇ نېمە گەپ ئەمدى؟...
شۇ ئىشتىن كېيىن، نىياز كېرىمنىڭ قەلبىدە ئەسەرلەرنى كىچىكرەك ھەجىمدە يېزىپ، گېزىتلەردە ئېلان قىلدۇرغىلى بولارمۇ؟ دەيدىغان بىر سوئال پەيدا بولدى. بۇ ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىزدىنىشتىن ئىلگىرى ئەسەر تەييارلاش زۆرۈر ئىدى. چۈنكى كېگىزدەك، يوتقاندەك چوڭلۇقتىكى ئەسەرلەرنى گېزىتخانىغا كۆتۈرۈپ بېرىش ئەپسىز ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنداق چوڭ ئەسەرلەرنى سېنكىغا ئالىدىغان ماشىنا – ئۈسكۈنىلەر تېخى يوق ئىدى. نىياز كېرىم يېزىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قومۇش قەلەملىرىنى باشقىدىن ئۇچلاپ، بەك بولسا گېزىت چوڭلۇقىدىكى ئاق قەغەزلەرنى تەييارلاپ، ئەسەر يېزىشقا كىرىشتى.1983 – يىلى يانۋاردا، نىياز كېرىم بىر تۇتام يېڭى ھۆسنخەت ئەسىرىنى قولتۇقلاپ، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە كەلدى. شۇ زامانلاردا خەت كۆچۈرۈش ياكى ماۋزۇ، پلاكاتلارنى يېزىش زۆرۈرىيىتى بىلەن شەكىللەنگەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى خەتتاتلىق سەنئىتى، دەپ ئاتاشقا بەزىلەر ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيتتى. خەتتاتلىققا سەنئەت دەرىجىسىدە مۇئامىلە قىلىش ياكى خەتتاتلىقنى پەن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يورۇتۇپ بېرىشكە، ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن، گېزىتخانىدىكى مۇھەررىر ۋە مەسئۇل كىشىلەرگە ‹‹تۆت بولۇش، بەش گۈزەل››، ‹‹ياشىسۇن مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى›› دېگەندەك تەشۋىقات شوئارلىرى يېزىلغان خەتلەرنى ‹‹ھۆسنخەت ئەسىرى›› دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش نىياز كېرىمگە خېلى تەسكە چۈشتى... نىياز كېرىم ئون كۈنلەردىن كېيىن ئۆز ئەسىرىنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ ‹‹ئەدەبىيات گۈلزارى›› بېتىدە تۇنجى قېتىم كۆردى. ئىككى ئايدىن كېيىن ‹‹مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزدىن يەنە بارمۇ؟›› دېگەن تېلېفوننى ئالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئوبۇلقاسىم مۆمىن قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ نىياز كېرىم ئەسەرلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىجاد قىلغان ھۆسنخەت ئەسەرلىرى گېزىت – ژۇرناللاردا كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى...
نىياز كېرىم بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرىنى بىر پارچە فوتو سۈرەت ياكى بىر پارچە سىزما رەسىم قاتارىدا مۇئامىلىگە ئىگە قىلىپ، گېزىت – ژۇرناللارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرگەنلىكىدىن خۇشال بولدى. لېكىن ھەممە ئېتىراپ قىلغان، خەتتاتلىق سەنئىتى نەزەرىيىسى بىر قەدەر سىستېمىلىق بايان قىلىنغان بىرەر ‹‹قوللانما››نىڭ يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلىنىپ ئۇھسىندى. كېيىن ئۇ، مۇشۇ ساھە بويىچە تىنىمسىز ئىزدىنىپ، دەسلەپ ‹‹ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما››، ‹‹ھۆسنخەت نۇسخىلىرى›› ۋە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ‹‹خەت يېزىش مەشىقى›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. 1992 – يىلى ئاۋغۇستتا ‹‹ئۇيغۇر خەتتاتلىق قوللانمىسى››نى رەسمىي نەشر قىلدۇرۇپ، خەتتاتلىق سەنئىتى نەزەرىيىسىنى خېلى مۇكەممەل پەللىگە كۆتۈردى.
— نىياز كېرىم شەرقىنىڭ تەۋەرۈك ئەمگەكلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ بىر يۈرۈش قائىدىلىرىنى بېكىتىپ چىققانلىقىدۇر، – دەيدۇ شەرقىنىڭ شاگىرتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر سەمەت قورغان، – شەرقى ‹‹ئۇيغۇر خەتتاتلىق قوللانمىسى››دا مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلدى: بىرى، ئۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى خەتتاتلىقتىكى ھەرپلەرنى ئىلگىرىكى ئەنئەنىلەر ئاساسىدا پارچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ھۆسنخەت بەرپا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ئەڭ كىچىك بىرلىكلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى گېئومېتىرىك قۇرۇلما، نىسبەت ۋە يېزىق تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىكلەر بويىچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، بۆلەكلەرنىڭ ھەرپ تەشكىل قىلىشتا تۇتىدىغان ئورنى، ھەرپ تەركىبلىرىنىڭ بىرىكىش ئۇسۇلى، چوڭ – كىچىكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىپ، سانسىز ھەرپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەن قانۇنىيەتلىك شەكىللەر ئىچىدە چەكلەپ، مەتبەچىلىك تېخنىكىسى ۋە ھۆسنخەت ماھارىتى ئۈچۈن ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ بىباھا ئەمگىكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى كومپيۇتېرغا لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. يەنە بىرى، شەرقى ‹‹ئۇيغۇر خەتتاتلىق قوللانمىسى››دا تۈز خەت، نەسخىي خەت، ئەسلىيە، رۇقئىي، تەئىلىق، كۇفىي، شەترەنجى كۇفىي، رەيھانىي، دىۋانىي، جەللىي دىۋانىي، ئىجازەت، سۇلۇس، تەۋئەم ۋە تەسۋىرىي خەت نۇسخىسى قاتارلىق 14 خىل خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ھەرپلىرىنى مۇقىملاشقان ئۆلگىلەر بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرسىتىپ، ھەر بىر نۇسخىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئىنچىكە پەرقلىرىنى ئايرىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئاساسىي بىرلىكلىرى ئۈچۈن ئۇل سېلىپ بەردى.
ھازىر كومپيۇتېردا ئىشلىتىلىۋاتقان خىلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر يېزىقى يۇمشاق دېتاللىرى شەرقى ئىجادىنىڭ مەھسۇلىدۇر. نىياز كېرىم يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى ئۈچۈن رۇقئىي خەت نۇسخىسى، كۇفىي خەت نۇسخىسى، تەئىلىق خەت نۇسخىسى، غوللۇق خەت نۇسخىسىنىڭ ھەرپلىرىنى يېڭىدىن لايىھىلەپ، كومپيۇتېر كود جەدۋىلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان نۇسخىدىكى ھەرپ شەكىللىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەرنى ئىشلەپ چىقتى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ، يېڭى مەتبۇئات ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، باھالاپ بېكىتىشكە قاتناشتى. بۇ سەمەرىيىلىك ئەمگەك نەتىجىسى بىلەن جۇڭگو يېڭى مەتبە ھەرپلىرىنى لايىھىلەش بويىچە 1 – ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتلىك ئۆلچىمى— ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز يېزىقىنىڭ شەكىل ئۆلچىمى››نى تۈزۈپ چىقتى.
نىياز كېرىم شەرقى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان خەتتاتلىق مائارىپىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزغۇچى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى دەرسى تەسىس قىلىنىپ، تاكى 2005 – يىلىغا قەدەر ئايرىم دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلدى. سىستېمىلىق خەتتاتلىق مائارىپىنىڭ مۇكەممەل دەرسلىك ماتېرىيالىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىدەك زۆرۈرىيەتنى ئاساس قىلىپ، نىياز كېرىم شەرقى ‹‹خۇشخەت يېزىش مەشىقى››(جەمئىي ئون قىسىم، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسلىكى، 1986 – يىلى)، ‹‹خۇشخەت›› (جەمئىي 12 قىسىم، 1998 – يىلى)، ‹‹ھۆسنخەت››(جەمئىي 12 قىسىم، 2000 – ، 2001 – يىللار) قاتارلىق ئۈچ يۈرۈش ھۆسنخەت دەرسلىكىنى مۇستەقىل تۈزدى. ئالىي تېخنىكوملارنىڭ ھۆسنخەت دەرسلىكى سۈپىتىدە ‹‹گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەربىيە كۆرسەتكۈچى››نىڭ ‹‹خەتتاتلىق سەنئىتى›› بۆلۈمى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ئېستېتىكا›› دەرسلىكىنىڭ ‹‹خەتتاتلىق تېخنىكىسى›› بابى قاتارلىقلارنى يېزىپ چىقتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا كۆپ قېتىم دەرس ۋە لېكسىيە سۆزلىدى، تېلېۋىزىيىدە 20 قىسىملىق لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ يەنە 12 توملۇق ئەسەر –– ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى›› نى نەشىرگە تەييارلاشتەك مۇھىم ئىشنى ھۆددىگە ئېلىپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.‹‹مېنىڭ بىكار قېلىپ زېرىككەن، ئىچىم پۇشقان چاغلىرىم يوق. خەتتاتلىق مېنىڭ خۇشاللىقىم، كۆڭۈل ئارامىم. ۋاقتىم ھەمىشە خەتتاتلىق بىلەن كۆڭۈللۈك، مەنىلىك ئۆتۈپ كەلدى. مەن ئۆمۈرلۈك مەشۇقۇم –– خەتتاتلىقتىن ئايرىلالمايمەن››. تۆھپىكار خەتتات نىياز كېرىمنىڭ بۇ سۆزى ماڭا ‹‹يار بىلەن تېپىشقاندا، ئۆتكەن كۈن بىلىنمەيدۇ›› دېگەن مۇھەببەت ناخشىسىدەك يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.
— نىياز كېرىم ئۆمرىدە ۋاقىتنىڭ تىزگىنىنى قولىدا چىڭ تۇتتى، ئۇنى بىردەممۇ بوش قويۇۋەتمىدى، – دەيدۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، پېشقەدەم ژۇرنالست مۇھەممەد شاۋۇدۇن نىياز كېرىمنىڭ تەرىپىنى قىلىپ، – ئۇ ۋاقىتتىن ناھايىتى ئەپلىك، ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. تەۋرەنمەي، ئىككىلەنمەي، بىردەم قىزىپ، بىردەم سوۋۇماي، ئىزچىل قىزغىنلىق بىلەن ھۆسنخەت يېزىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى، شارائىت، ئىمكانىيەتلەر بىلەن، ئوڭۇشلۇق، ئوڭۇشسىزلىقلار بىلەن ھېسابلاشماي، قەيەردە قانچىلىك شارائىت، ئىمكانىيەت بولسا، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ئەۋزەللىككە ئايلاندۇردى، ئاشىقانە ئىشىق – مۇھەببەت بىلەن كۆيۈپ – پىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن بۇ ئاشىقنىڭ ئىزدىنىش روھى بۈگۈنكى ياشلىرىمىزغا ئۈلگە بولغۇسى.
— شەرقىنىڭ ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا، گېزىت – ژۇرنالچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىگە مەن قايىل، – دەيدۇ ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى ئىسمائىل ئىبراھىم، – نىياز كېرىم ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەي، كىتاب – ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىلىرىنى لايىھىلەش، قىستۇرما رەسىم سىزىش، تىتول ئىشلەش ۋە ماۋزۇ يېزىش ئىشلىرىنى قوشۇمچە ئىشلىدى. ئۇ لايىھىلىگەن مۇقاۋىلار 70 تىن، سىزغان قىستۇرما رەسىملەر 1000 پارچىدىن ئاشتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى›› (جەمئىي 12 توم)نىڭ 5000 دىن ئارتۇق رەسىمىنى سىزىش ۋە سىزىشقا تەشكىللەش جەھەتتىكى ئەمگىكى ھەممە كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
نىياز كېرىمنىڭ ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ھەر خىل كۆرگەزمىلەرگە، مۇسابىقىلەرگە تاللاندى ۋە مۇكاپاتلاندى. نىياز كېرىم 1985 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە بەش قېتىم شەخسىي كۆرگەزمە ئاچتى ۋە چېگرا ئاتلاپ ئامېرىكا، تۈركىيە، پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرگەزمە ئاچتى. بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئۆزبېكىستان، تۇنىس، كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئېچىلغان كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇردى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدا ساقلانماقتا. يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت مۇزېيى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەنئەت مۇزېيلىرى ۋە بەزى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو تارىخ مۇزېيى رەسىم گالىرىيىسى سەنئەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت تارىخ يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار – رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك خەتتات
* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش *
ئالدىنقى پارچە : گۈزەل سەنئەتنىڭ مۇھەررىرلىكتىكى رولى كىيىنكى پارچە : گۈزەل سەنئەت مائارىپىدىكى تۆھپىكار «باغۋەن»