باش بەتگۈزەل سەنئەت بىلىملىرى يازما-پۈتۈكلەر ئىتوت،بوكس ۋە ناخشاگۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى سۈرەتلىك بىلىملەرچۈشۈرۈش مەركىزى
cnzz-CFGJ-4512-SJ89-191416

 

无标题文档
ئىسىم :    پارول :    تەستىق نومۇر :  چەكسىڭىز يېڭىلىنىدۇ .....كىرىش..... .....تىزىملىتىش.....
 ئورنىڭىز : باش بەت==يازما-پۈتۈكلەر==يازما كۆرۈش


قىززىقارلىق يۇمۇرلاردىن قانغۇچە كۈلىۋېلىڭ

[ ئاپتورى : نامەلۇم | مەنبەسى : نامەلۇم | يوللىغۇچى : admin | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى08ئاينىڭ27كۈنى | كۆرۈلىشى : 150 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك  ]

تاللانغان  يۇمۇرلار

كۈندە ھاراق ئىچىپلا يۈرۈيدىغان بىر كىشى ئاخىرى 10 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولدى، ئۇ پوتۇلكىنىڭ ئاستىدىكى ئاخىرقى بىر يۇتۇم ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، بىنادىن سەكرىدى. لىكىن يەنىلا ياشىغىسى كىلىپ، خۇداغا نالە قىلدى:<مۇشۇ قىتىم ھايات قالسام، بۇندىن كىيىن ھەرگىز ھاراق ئىچمەيمەن>. ئۇنىڭ تالىيىگە يارىشا ئۇ پاختا باسقان ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ھايات قالدى. ئۇ بۇ چاغدا يەنە مۇنداق دىدى:<ئادەم مەستچىلىكتە ھەر نىمىلەرنى دەپ سالىدىكەن.>


-- ھەي بىلەمسەن، خوتۇنۇم مەندىن خېتىنى ئالدى !
_ ئۇنداقتا ھاراقنى چىلاشقۇچە ئىچ، شۇنىڭدىلا بۇ ئازاپنى ئۇنتۇپ كېتىسەن.


_ ئۇنداق قىلالمايمەن !
_ نىمىشقا ؟ پۇلۇڭ يوقمۇ ؟
_ پۇل بار ،ئازاپ يوق. _ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئەڭ ئوخشاشمايدىغان يېرى قايسى؟
_ قۇلاق بىلەن ئېغىز.
_ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
_ ئەرلەر بىرەر گەپنى ئاڭلىسا، ئۇ قۇلىقىدىن كىرىپ بۇ بۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
_ ئاياللارچۇ؟
_ پاراڭ ئاياللارنىڭ قۇلىقىدىن كىرىدۇ،بىراق ئاغزىدىن چىقىدۇ.

 


ئىككى بالا دادىسىنى ماختاپ پو ئېتىشىپ قاپتۇ:
مېنىڭ دادام كاتتا ئېنژېنىر بىلەمسەن،ئالىپ تېغىنى مېنىڭ دادام ياسىغان
ئۇ دىگەن قانچىلىك ئىشتى.مېنىڭ دادام كاتتا مەرگەن،ئۆلۈك دېڭىزنى دادام ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

 

 


شېركەتنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق ئېلۋاتقان مېك بۇرۇلۇپ ، جېكقا دىدى،
جەينىكىم ئاغرىپ تۇرىدۇ،دوختۇرغا كۆرۈنەيمىكىن؟
دوختۇرغا بارمىساڭمۇ بولىدۇ،كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دوقمۇشتا بىر دورىخانا ئېچىلىپتۇ،شۇنىڭغا 10 دوللار تاپشۇرۇپ سۈيدۇكۇڭنى تەكشۈرتسەڭلا 30 سىكونتتىن كېيىن ساڭا نىمە كېسەل بولغانلىقىڭنى ، قانداق داۋالىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، دوختۇرغا بارغاندىن كۆپ ئەرزان،دىدى جېك.
شۇنىڭ بىلەن مېك بىر كىچىك قاچىغا سۈيدۇكىنى ئېلىپ دورخانىغا بېرىپ 10 دوللار تاپشۇردى،كومپيۇتېرنىڭ چىرىقى يېنىپ سۈيدۈكنى ئوقۇرغا قىستۇرۇشقا بەلگە بەردى.مېك كۆرستىلگەن ئورۇنغا سۈيدۇكىنى قىستۇرۇپ 30 سىكونتتىن كېيىن تۆۋەندىكى جاۋاپقا ئېرىشتى،سىز جەينەك بۇغۇم ياللۇقىغا گىرىپتار بوپسىز، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرمەڭ، كۆپ ھەركەت قىلماڭ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ ، دىگىنىمدەك قىلسىڭىز ئىككى ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىسىز.

 

 



ئۆيىگە قايتقاچ مېك "كومپيۇتېر ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ ئادەمگە يەتمەيدۇ، ئۇنى بىر ئەخمەق قىلىپ باقايچۇ "ئويلىدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە مېك بىر كىچىك قاچىغا ئۆيىدىكى تۇرۇببا سۈيىدىن ئازىراق قاچىلىدى،ئاندىن ئىتتىنىڭ مايىقىدىن ئازىراق سالدى،يەنە قىزى بىلەن ئايالىنىڭ سۈيدۈكىدىن ئازىراقتىن ئېلىپ ئۇدۇل دورىخانىغا بېرىپ ،10 دوللار تاپشۇرۇپ كۈتۈپ تۇردى،30 سىكونتتىن كېيىن كومپيۇتېر تۆۋەندىكى جاۋاپنى چىقىرىپ بەردى:
1.ئۆيىڭىزدىكى تۇرۇببا سۈيى قاتتىق ئىكەن، يۇمشاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىستىمال قىلىڭ.
2.ئىتىڭىز تەمرەتكە بۇلۇپ قاپتۇ، باكتىريىگە قارشى سۇپۇن بىلەن يۇيۇپ قۇيۇڭ.
3. قىزىڭىز زەھەر چېكىدىكەن، ئۇنىڭغا زەھەرنى تاشلاتقۇزۇڭ.
4.ئايالىڭىزنىڭ بۇيىدا بار ئىكەن، قوش كىزەك، ئىككىلىسىلا قىز، بىراق بالا سىزنىڭ ئەمەس.

 

كېيىنكى پىلان

 


بىر پىخسىق يىگىت تۇنجى قېتىم قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا شۇنداق دەپتۇ؛

 --بۈگۈن مېنى نەس باستى،سىزگە سوۋغا قىلاي دەپ يېڭى بىر سائەت سېتىۋالغانىدىم،

ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى ئاپتۇبۇستا ئوغرى ئېلىۋالدى! 
--بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىيات قىلىڭ،

--دەپتۇ قىز ئىنتايىنھاياجانلانغان ھالدا. 
 --كېلەر قېتېم كەلسەم ،

--دەپتۇ يىگىت دەرھاللا،

--ھېچ نەرسە ئالماي كېلىمەن،
ئوغرى نېمېنى ئوغرىلايدىكىن قېنى؟!


تۇققاندارچىلىق 



--ھېلىقى ئادەمنى تونۇمسىز؟ --ئەلۋەتتە تونۇيمەن،ئۇنى تۇققىنىم دېسەممۇ بولىدۇ. --سىلەر قانداق 
تۇغقان؟ --ناھايىتى غەلىتە تۇققانلاردىن دەڭا،ئۇ مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم بىلەن توي قىلغان. 


مەسئۇلىيەتچان ئايال


 

كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ بېيىغان بىر جۈپ ئەر –ئايال كارۋاتتا ئارام ئېلىۋاتقانىكەن.
 --ھازىر ئۈيىمىزدە ھەممە نەرسە تەل،نېمە دىسەك شۇ بار،

 --دەپتۇ ئېرى،

--30 يىل ئىلگىرى ھېچ نەرسىمىز يوق ئىدى،بىراق ئۇ چاغدا يېنىمدا ياتقىنى ھەم چىرايلىق ھەم ياش قىز ئىدى 
… --بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئاسان، قەدىرلىكىم،

--دەپتۇ ئايالى،

--مەن سىزنى يالاڭتۆشكە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلاي،سىز يەنە ياش ھەم چىرايلىقنى ئىزدەپ بېقىڭ!... 



ئالا ئېنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق 

 

 


 بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ،ياشانغان بىر ئايال يېنىدىكى بىرەيلەنگە ئۆزىنىڭ ھازىرقى 
ياشلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. --سىز ئاۋۇ قىزغا قاراڭ ،--دەپتۇ ئۇ 
ئاغرىنغان ھالدا،--مەن ھەقىقەتەن ھازىرقى قىزلارنىڭ نېمە ئويلايدىغىنىنى بىلمىدىم! قاراڭ ئۇنىڭ 
تۇرقىغا ،كىيىۋالغىنى ئوغۇل بالىنىڭ پادىچى ئىشتىنى ،مايكىسىمۇ، چاچ شەكلىمۇ ئوغۇل 
بالىلارنىڭكىدەك.ئىنچىكىلەپ قارىمىسىڭىز ،ئۇنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمايسىز! --مەن ئۇنىڭ 
قىز بالا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيمەن،چۈنكى ئۇ مېنىڭ قىزىم بولىدۇ! --شۇنداقمۇ قەدىرلىكىم،--دەپتۇ 
ياشانغان ئايال ،--كەچۈرۈڭ،مەن سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن. --
ياق، مەن ئۇنىڭ دادىسى ئەمەس، بەلكى ئانىسى!!!

 

 

مەن ئوقۇتقۇچىغا ئوگەتتىم

 

 

 بىر ئايال ئوغلى مەكتەپكە بارغان تۇنجى كۇنى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: 

  بالام ، بۇگۇن مۇئەللىمىڭ ساڭا نىمە ئوگەتتى ؟
        بالا:    مۇئەللىم ماڭا  ھېچ نەرسە ئوگەتمىدى ، ئەكىسچە، ئۇ مەندىن   1  گ    2   نى قوشسا قانچە بۇلىدۇ دەپ سورىغانتى ،   3  بۇلىدۇ   دەپ  ئوگىتىپ  قويدۇم.

 

قايسى يىراق؟

 

 لوندون يىراقمۇ، ئايمۇ ؟

     -لوندون يىراق . 

        - نىمىشقا ؟           

 - مەن لوندوننى ئومرۇمدە كورۇپ باقمىغان، بىراق ئاينى كۇندە 
كۇرۇپ تۇرىمەن.

 

كەلگۈسى

 

دادا، <  يولداش  >  دېگەن سوزنىڭ قانداق مەنىسى بار ؟
             - مەسىلەن ، سەن، مەن،ۋە سېنىڭ ساۋاقداشلىرىڭ ھەممىمىز  <   يولداش   >  بولىمىز. 

       - <  ھوكۇمەت   > دېگەن  سوزنىڭ مەنىسىچۇ ؟  
           - ھوكۇمەت دېگىنىمىز ، باشقۇرۇش ئورگىنى، مەسىلەن ، بىزنىڭ ئويدە ئاپاڭنى ھوكۇمەت دېسەك بۇلىدۇ.
         -ئۇنداق بولسا  <   كەلگۇسى   >  دېگەننىڭچۇ ؟         
 - كەلگۇسى ئۇمۇدكە قارىتىلغان ، مەسىلەن . ئېنىڭنى بىزنىڭ كەلگۇسىمىز دېسەك بۇلىدۇ.       

 يېرىم كېچىدە ھېلىقى بالا دادىسىنى ئويغىتىپتۇ  ؛ 

 -   يولداش،  تېز ھوكۇمەتنى ئويغىتىڭ، 
كەلگۇسى كورپىگە سىيۋەتتى.


 كېسەل كورسىتىش


 

  - ئەنسىرمەڭ ، مەنمۇ كىچىكىمدە سىزدەك كېسەل بولغان، ھازىرغىچە ساپمۇساق  تۇرمامدىمەن. 
          - خاپا بولماي  كىچىك ۋاقتىڭىزدا سىزنى داۋالىغان  ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ قويسىڭىز  .

 

 ھېچقىسى يوق

 

 

بىر بالا ئۇكىسىنىڭ كولچەكتىكى مەينەت سۇنى ئىچمەكچى بۇلۋاتقانلىقىنى كۇرۇپ ۋارقىراپتۇ ؛
     -   ئۇكام ، ئۇ سۇنى ئىچمە، بۇنداق سۇدا مىكرۇپ بار.           

 - ھېچقىسى يوق، ھازىر بۇيەردىن ئوتكەن ئاپتوموبىل ئۇ مىكروپلارنى بېسىپ ئولتۇرۋەتتى.

 

سوئال

 

بىر يىگىت ئالتۇن چاچلىق بىر چىرايلىق قىزدىن سوراپتۇ:

-قىزچاق، مەن سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟

-ئەلۋەتتە بولىدۇ!-دەپتۇ قىز سالاپەت بىلەن باش لىڭشىتىپ.بۇ ھالدىن ھاياجانلانغان يىگىت تېىخىمۇ ئىلگىرلەپ ھەرىكەت قىلىشقا تەمشىلىۋاتقاندا،قىزنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ،-ئەپەندىم،مەن سىزنى سۆيمىسەم بولامدۇ؟

 

                                                                                 پىچ

 

-ئاھ ئاليۇشا،مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم گويا پولات تاۋلايدىغان پىچنىڭ ئۆزى!

-بۇنى بىلىمەن ناتاشا،لېكىن مېنىڭ پۈتۈن پۇلۇم ئاشۇ پىچتا ئېرىپ كەتتى!

 

 

                                                                      قورقۇنچاق

 

يېگىت: ئاتاڭغا بىر تىيىنمۇ پۇلۇم يوقلۇقىنى ئېيتقىدەك جۈرئىتىم يوقكەن!

قىز: سىلەر ئەرلەر نېمانداق قورقۇنچاق؟ئاتاممۇ سىزگە ئاللىقاچان ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماي يۈرۈدۈم!

 

            ئىشەنمەيمەن

-ماتىلدا،سەن قانداق قارايسەنكىن تاڭ،مەن (بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش) دېگەن سۆزگە ئىشەنمەيمەن!

-نېمىشقا؟

-ئېيتىپ باقە،سەن بىر ئادەمنى بىرلا كۆرۈپ ئۇنىڭ قانچە پۇل تاپاليدىغانلىقىنى بىلەلەمسەن؟

 

پورۇچىكنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

 

-پۇرۇچىك جىكسون،سىز دۈشمەنىنڭ كۈچلۈك ئوت كۈچى ئالدىدا سەپتىن قاچقان،ئۆزى مەسئۇل بولغان روتىنىڭ كۈچىنى چېچىۋەتكەن،دەپ ئەيىبلەندىڭىز،ئېتىراپ قىلمسىز؟

-ياق،ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايمەن،چۈنكى بۇ ھەققىقى رېئاللىق ئەمەس!

-ئۇنداق بولسا ھەقىقىي رېئاللىق قانداق؟

-ئەمەلىيەتتە چېچىلىپ كەتكەن ئەسكەرلەر روتامدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ،ئەمما مەن كۆپ قىسىم ئەسكەرنى ئاشۇ سەپتىن قاچقان ئەسكەرلەرنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەن؛ئۆزۈم ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم،چۈنكى ئۇلارنى نازارەت قىلمىسام،سەپتىن قاچقان ئاشۇ توخۇ يۈرەكلەرگە ئەگىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالمىسام بولامدۇ؟

* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش *

 ئالدىنقى پارچە : بالىڭىزغا ئىسىم تاللىۋېلىڭ !
 كىيىنكى پارچە : ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات

ئۈستىگە قايتىشزىيارەت قىلىۋاتقانلاردوستانە ئۇلىنىش