باش بەتگۈزەل سەنئەت بىلىملىرى ئۈنۋىرسال يازمىلار ئىتوت،بوكس ۋە ناخشاگۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى سۈرەتلىك بىلىملەرچۈشۈرۈش مەركىزى
cnzz-CFGJ-4512-SJ89-191416

 

无标题文档
ئىسىم :    پارول :    تەستىق نومۇر :  چەكسىڭىز يېڭىلىنىدۇ .....كىرىش..... .....تىزىملىتىش.....
 ئورنىڭىز : باش بەت==ئۈنۋىرسال يازمىلار==يازما كۆرۈش


رەسسام ئىلشات تۇرسۇن بىلەن تۇنۇشۇڭ

[ ئاپتورى : توردىن | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى11ئاينىڭ20كۈنى | كۆرۈلىشى : 6 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك  ]

چەكسىڭىز يىڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ

رەسسام ئىلشات تۇرسۇن بىلەن تۇنۇشۇڭ


   ئىلشات تۇرسۇن 1967 – يىلى 10 – ئايدا قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇغان. 1985 – يىل 7 – ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل – سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. 1996 – يىلدىن 2006 – يىلغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپىدە چوڭلار مائارىپى بويىچە مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. ھازىر قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ كاندىدات گۈزەل سەنئەت ئالىي مۇھەررىرى.
   ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 20 نەچچە يىل جەريانىدا 50 نەچچە پارچە كىتابنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن، 500 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھىلىگەن.
   جۇڭگو غەربىي شىمالىدىكى 10 ئۆلكە ئاپتونوم رايوننىڭ كىتاب بېزەكچىلىكى باھالىشىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئۇ لايىھىلىگەن مۇقاۋىلاردىن ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا›› ، ‹‹كرورەن گۈزىلى›› ، ‹‹سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىيلىرى›› ، ‹‹ئۇيغۇر بىناكارلىق نەقىشلىرى›› ، ‹‹مەختۇمسۇلا›› ، ‹‹قارلىق كېچە›› قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسى ۋە ئومۇمىي بېزەكچىلىكى ئايرىم – ئايرىم 1 –، 2 –، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
   ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇش مائارىپى قاتارلىق ساھەلەردە ماتېرىياللار كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا – قىشلاقلارنى تەكشۈرۈپ ماتېرىيال توپلاش، رەسىم تارتىش، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ھەر دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، 1996–يىلى ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن گۈزەل سەنئەت يېتەكچىسى ››، 2006 – يىلى ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھۈنەر سەنئەت قوللانمىسى — قەغەز قاتلاش ئويۇنى››، 2005 – يىلى ‹‹ئۇيغۇر ئۆي بېزەكچىلىكى››، 2007 – يىلى ‹‹ئۇيغۇر تامچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر››، ‹‹ئۇيغۇر سىرچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر››، ‹‹ئۇيغۇر ياغاچچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر››، 2006 – يىلى ‹‹ئۇيغۇر چالغۇلىرى›› ناملىق كىتابلارنى يېزىپ چىقىپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى. 2008 – يىلى ‹‹ئۇيغۇر خىش ئويما سەنئىتى›› ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىقىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى. ‹‹قىستۇرما رەسىمنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى رولى توغرىسىدا›› قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹قەشقەر كوچىلىرى››، ‹‹ھۈنەرۋەن بوۋاي›› قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ماي بوياق ئەسەرلىرى ‹‹ شىنجاڭ سەنئىتى ››، ‹‹ تارىم ››، ‹‹ بۇلاق ›› قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
   ئىلشات تۇرسۇن ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ‹‹قېتىقچى ئاياللار›› ناملىق ئەسىرى 1999 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹سېۋەتچى بوۋاي›› ناملىق ئەسەر 1999 – يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ئاممىۋى سەنئەت لوڭقىسى›› كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. ‹‹قەشقەر كوچىسى›› ناملىق ئەسەر 2003 – يىلى شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك مەنزىرە رەسىم ئەسەرلىرى›› كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان. ‹‹قەدىمىي كوچا››، ‹‹ئويتاغ›› قاتارلىق ئەسەرلەر 2007 – يىللىق، 2008 – يىللىق شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹باھارنى كۈتۈۋېلىش›› كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹كوزىچى يار بېشى›› ناملىق ئەسەر 2008 – يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار ماي بوياق ئەسەرلىرى ›› كۆرگەزمىسىدە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹تاجىك قىزى›› ، ‹‹ئالتۇن توغراق›› قاتارلىق ئەسەرلەر شىنجاڭ مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ ماي بوياق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 1 – ۋە 2 – نۆۋەتلىك ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان. ‹‹تەشنالىق›› ناملىق ماي بوياق ئەسەر 2005 – يىلى شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتى ماي بوياق سەنئىتى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك ئالاھىدە تەكلىپلىك ماي بوياق رەسىم›› كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغان. ‹‹قېتىقچى ئاياللار›› ، ‹‹ھۈنەرۋەن›› ، ‹‹ئالتۇن توغراق›› قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2005 – يىل 3 – ئايدا قەشقەردە ‹‹ئىلشات تۇرسۇن ماي بوياق ئەسەرلىرى›› كۆرگەزمىسى ئېچىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامى ۋە ئەسەرلىرى ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسساملىرى›› قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
   ئىلشات تۇرسۇننىڭ كەسپىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ‹‹كەسىپتە – ئەخلاقتا تەڭ يېتىشكەن سەنئەت خادىمى›› بولۇپ باھالانغان.
   ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ماي بوياق سەنئىتى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى

* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش *

 ئالدىنقى پارچە : مىڭئۆيلەرنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدلىكلىرى
 كىيىنكى پارچە : گۈزەل سەنئەتنىڭ مۇھەررىرلىكتىكى رولى

ئۈستىگە قايتىشزىيارەت قىلىۋاتقانلاردوستانە ئۇلىنىش