[ ئاپتورى : توردىن | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى11ئاينىڭ19كۈنى | كۆرۈلىشى : 19 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك ]
ئەلقىسە، كۈن ئۆتۈپ ، ئاي ئۆتۈپ ، يىلنىڭمۇ پەيمانى توشۇشقا 60 گەز قالغاندا، يۈكسەل بلوگى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ›› پائالىيىتىنىڭ تەكلىپ - پىكىر قوبۇل قىلىش ۋە تەييارلىق باسقۇچى تۈگەللىنىپ،كەڭ ئەھلى بلوگگىر، تورداشلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ، ‹‹ 2010 - يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ›› قا نامزات كۆرسىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى.
نامزات كۆرسىتىش ئورنى ۋە ۋاقتى
مەزكۇر پائاليەتنىڭ ئىدىتلىق ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن بىرلا ئورۇندا يەنى يۈكسەل بلوگىدا نامزات كۆرسىتىلىدۇ. نامزات كۆرسىتىشتە يۈكسەل بلوگىدىكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە كۆرسىتىلسە بولىدۇ.
مەنزىل: http://www.yuksel.me/1011.html
نامزات قوبۇل قىلىش ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن تاكى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىدىن كېچىكىپ كۆرسىتىلگەن نامزاتلار نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.
نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۆلچىمى
نامزاتلىققا تۆۋەندىكى 2 شەرتنى ھازىرلىغان بارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى كۆرستىلىسە بولىدۇ.
(1) چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن – نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغان ئاساستا تور پائالىيىتى قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. مەزمۇنى چوقۇم ساغلام، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
(2) چوقۇم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەخلاق يوسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇشى ، بلوگ مەزمۇنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاق يوسۇنلىرىغا مۇغالىپ مەزمۇنلار بولمىغان بولۇشى كېرەك.
نامزات كۆرسىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
(1) تورداشلار ئۆز كۆڭلىدىكى، ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگنى نامزاتلىققا كۆرسەتسە بولىدۇ.
(2) بلوگىرلار ئۆزىنىڭ بلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسەتسە بولىدۇ.
(3) نامزاتلىققا كۆرسەتكەندە چوقۇم بلوگ ئىسمى، تور ئادرېسى، تېماتىك مەزمۇن دائىرىسى ، نامزات كۆرسەتكۈچىنىڭ قىسقىچە باھاسى ياكى نامزاتلىققا كۆرسىتىش سەۋەبى قاتارلىقلار ئېنىق قىلىپ يېزىلىپ، يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىشى كېرەك.
مەسىلەن: بلوگ نامى : يۈكسەل بلوگى
ئادرېسى : www.yuksel.me
مەزمۇن دائىرىسى : تەگئات ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت - تارىخى ، ئەيدىز
باھا : پالانچى ۋاقىتتىن بېرى نېمىنى نېمە قىلىپ ، نېمە قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن .... دېگەندەك.
(4) نامزاتلارنى رەتلەش ، ستاتا قىلىشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن بىر ئىنكاستا پەقەت بىرلا نامزات قوبۇل قىلىنىدۇ. نامزات كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.
(5) نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن بلوگلار نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك باشقا پاراڭلار
بلوگگىرلار ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆز بلوگلىرىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ. ئەمما ، بىز ئۆز بلوگىدىن ھالقىپ باشقا چوڭ مۇنبەر - تورلاردىمۇ داۋراڭ سېلىپ مەزكۇر پائالىيەتنى پاخال قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز. 2010 - يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش پائالىيىتىگە رەسمىي قاتنىشىش ئىستىكى كۈچلۈك، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچى بار بلوگلار نامزات قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقۇچە، تېزدىن ئۆز بلوگىدىن بىر يىللىق خۇلاسە چىقىرىپ ( بۇ خىل خۇلاسىنى ئۆز بلوگىدا ئايرىم تېما سۈپىتىدە ئېلان قىلىشقىمۇ ياكى يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر تېمىغا نامزات كۆرسىتىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە يوللاشقىمۇ بولىدۇ )، ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ بلوگىنى بۇ قېتىملىق نامزاتلىققا كۆرسىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا تورداشلارمۇ، باھالىغۇچىلار شۇ بلوگ ھەققىدىكى ئەينى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايدۇ. بۇ باھالاش نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشىغا پايدىلىق.
مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار
شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى
ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
قەشقەر 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى
يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئۈزۈپ چىققان 10 چوڭ Blog نى زادى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، ماۋۇ ‹‹2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار ›› تېمىسىغا نەزەر سېلىڭ!
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا كۈچ قوشۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىملىرى
سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورىمىز بۇ پائالىيەتنى ئاكتىپ قوللايدۇ ۋە بلوگلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا ئۇتۇقلار تىلەيدۇ
* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش *
ئالدىنقى پارچە : قورساقتىكى ھامىلە يىتىلىش جەريانى كىيىنكى پارچە : بۇ سەھىپىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ