باش بەتگۈزەل سەنئەت بىلىملىرى يازما-پۈتۈكلەر ئىتوت،بوكس ۋە ناخشاگۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى سۈرەتلىك بىلىملەرچۈشۈرۈش مەركىزى
cnzz-CFGJ-4512-SJ89-191416

 

无标题文档
ئىسىم :    پارول :    تەستىق نومۇر :  چەكسىڭىز يېڭىلىنىدۇ .....كىرىش..... .....تىزىملىتىش.....
 ئورنىڭىز : باش بەت==يازما-پۈتۈكلەر==يازما كۆرۈش


گۈزەل سەنئەتنىڭ مۇھەررىرلىكتىكى رولى

[ ئاپتورى : توردىن | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى11ئاينىڭ20كۈنى | كۆرۈلىشى : 3 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك  ]

گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىنىڭ كىتاب نەشرىياتچىلىقىدىكى ئورنى
2010– يىل8– ئاينىڭ18–كۈن09:49شىنجاڭ گېزىتى
زۇلپىقار يۈسۈپ
  ھەممىگە مەلۇم، كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ۋە ئىچ بەتلىرى قانچە كۆركەم ئىشلەنسە، ئوقۇرمەندە شۇنچە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىنىڭ كىتاب نەشرىياتچىلىقىدا تۇتقان ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرلىرى كىتابلارنى كۆركەم، سۈپەتلىك، رەڭدار، جەلپ قىلارلىق چىقىرىش ئۈچۈن شۇنىڭغا لايىق ساپا ھازىرلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
  1. گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى گۈزەل سەنئەتكە دائىر كەسپىي، نەزەرىيەۋى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشى شەرت. گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان بولۇشى، باشقا كەسىپ ئوقۇغان بولسىمۇ، گۈزەل سەنئەتكە دائىر كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلىشى، سۈرەت تارتىشنى بىلىشى ياكى فوتوگرافىيە نەزەرىيەسىدىن خەۋەردار بولۇشى زۆرۈر. ئەمەلىي خىزمەتتە كۆز ئالدىدىكى رەسىم ياكى سۈرەتنى چۈشىنەلىشى، نېمە دېمەكچى، قانداق مەقسەتنى چۈشەندۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىشى، نادىر رەسىم، سۈرەتلەرنى بايقاپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى، ئۆلچەمگە يەتمىگەن رەسىم، سۈرەتلەرنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى لازىم.
  2. گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىدە سۈرەت، رەسىم تاللاش ماھارىتى بولۇشى شەرت. چىرايلىق سۈرەت، رەسىمنىڭ ھەممىسىنى مۇقاۋا قىلىپ ئىشلىتىۋەرگىلى بولمايدۇ. گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى تاللىغان سۈرەت، رەسىم ئۇ ئىشلەۋاتقان كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىگە ماس كېلىشى كېرەك.
  3. گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىدە سۈرەت كېسىش ماھارىتى بولۇشى شەرت. كىتاب مۇقاۋىسىغا ياكى ئىچ بەتلىرىگە بېرىلىدىغان سۈرەت تاللانغاندىن كېيىن ئۇنى كىتاب فورماتىغا ماس قىلىپ كېسىشكە توغرا كېلىدۇ. سۈرەتنى كېسىشتىكى مەقسەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق سۈرەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھەم ئەڭ مەزمۇنلۇق يېرىنى بىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. سۈرەتنىڭ باش قىسمىنى بېرىش ياكى يېرىم بەدەن ھالىتىنى بېرىش بېكىتىلگەندىن كېيىن كېسىلىدۇ. ئەگەر سۈرەتتە ئادەم ئوتتۇرىدا بولۇپ ئەتراپى بوش بولسا، تۆت تەرەپنى كېسىۋېتىپ ئادەمنى مۇقاۋا ياكى ئىچ بەتكە لايىق كېلىدىغان قىلىپ چوڭايتقىلى بولىدۇ. يېرىم بەدەن ئادەمنىڭ سۈرىتىنى ئىشلەتكەندە قولى ھەرىكەتتە بولسا، قولنى كېسىپ چىقىرىۋەتمەي، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوقۇرمەننى سۈرەتكە جەلپ قىلىش، رەسىم، ھۆسنخەتلەرگىمۇ شۇنداق ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
  4. گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىدە رەڭ ئىشلىتىشتە دىت بولۇشى شەرت. كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ ياخشى چىقىشىدا سۈرەت تاللاشلا كۇپايە قىلمايدۇ. مۇقاۋىدىكى خەت بىلەن رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلەش بەك مۇھىم. ئادەتتە مۇقاۋىغا ئىشلەتكەن رەڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، مۇقاۋىغا ھەر خىل رەڭ بېرىپ، رەسىم بىلەن ماسلاشمىسا، مۇقاۋا قالايمىقان كۆرۈنۈپ، ئوقۇرمەنلەر مۇھىم رەڭنىڭ قايسىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئادەتتە كىتابنىڭ نامى مۇقاۋىغا ئىشلەتكەن سۈرەت ياكى رەسىمنىڭ رەڭگىگە ماس كېلىدىغان رەڭ بىلەن يېزىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق كىتاب نامىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلىنىڭ سۈرەت نازارەتچىسى مشىل ماكىرىنا خانىم ‹‹رەڭ ئىشلىتىشتىكى مۇھىم نۇقتا مۇقاۋىنىڭ ئاساسلىق رەڭگى بىلەن سۈرەتنىڭ رەڭگى، مۇھىم مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلغان خەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، ئورنى، رەڭگى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا ئىگىلەشتە››، دېگەن. رەڭنى دەل جايىدا ئىشلىتىش قىسقا ۋاقىتتا ئۆگىنىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ ئۇزاق يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ھەم گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىنىڭ رەڭ سېزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مۇنداق رەڭدىكى سۈرەتكە مۇنداق رەڭ ئىشلىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرىنىڭ ئىزدىنىشىگە، كۆپ كىتاب كۆرۈشىگە، يېڭىلىقلارنى دادىل قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
(ئاپتور: شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدىن)

* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش *

 ئالدىنقى پارچە : رەسسام ئىلشات تۇرسۇن بىلەن تۇنۇشۇڭ
 كىيىنكى پارچە : خەتتات نىياز كىرىم شەرقى بىلەن تونۇشۇڭ

ئۈستىگە قايتىشزىيارەت قىلىۋاتقانلاردوستانە ئۇلىنىش