[ ئاپتورى : توردىن | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى10ئاينىڭ28كۈنى | كۆرۈلىشى : 20 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك ]
شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 – يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، ‹‹ چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى›› بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 – يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان ‹‹غېرىپ – سەنەم›› ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز – يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
مەھمۇد قەشقىرى
رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ‹‹ ئاماننىساخان››، ‹‹ مەھمۇد قەشقىرى›› ، ‹‹ رابىيە -- سەئىدىن›› ۋە ‹‹ يۈسۈپ خاس ھاجىپ›› قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.
‹‹مۇقام ›› ناملىق ماي بوياق رەسىم
1984 – يىلىدىن 1994 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل، جۇڭگو تارىخىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرلىگەن 10 يىل بولدى. بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ئاسمان – زېمىن ئۆزگۈرۈش بولدى. غازى ئەمەت ئەپەندى سەنئەتكارغا خاس سەزگۈرلۈكى بىلەن، دەۋىرگە ئەگىشىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ‹‹ مۇقام›› ، ‹‹ مال بازىرى››، ‹‹ ئوغلاق تارتىشىش›› ، ‹‹ قەشقەر كوچىسى›› ، ‹‹ كۆل بويىدىكى مۇزىكا ئاۋازى›› ، ‹‹ گىلەم . ئۇيغۇرلار›› قاتارلىق بىر يۈرۈش مەنزىرە، ئۆرپ ئادەت ، شەخسلەر تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، بۇ ئەسەرلەردە شەخس مەركەز قىلىنغان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاجىكلارنىڭ مەردانە خاراكتىرى، قەيسەر روھى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئەسەرلەردە دەۋىر بىلەن تۇرمۇش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، رىئال تۇرمۇشتىكى كىچىك ھالقىلار ياكى تارىخى تۇرمۇشتىكى كىچىك كۆرۈنۈشلەر ئاساس قىلىنغان. مۇقام سەنئېتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى، ئۇ خەلق چالغۇلىرى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. مۇقام ناملىق ماي بوياق رەسىمدە شەخس ئوبرازى كۆپ، چالغۇ تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، قويۇق سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن، غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئەستايىدىل كۈزىتىپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى، كۆپلىگەن شەخس ئوبرازىنى خاتىرىلەش، خام ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئارقىلىق، مۇقام ناملىق بۇ ئەسەر ئاخىرى جۇڭگو شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلدى.
‹‹ئوغلاق تارتىشىش›› ، ‹‹ پامىر بۈركۈتى›› قاتارلىق ئەسەرلەردىمۇ چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ‹‹ ئوغلاق تارتىشىش›› ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئات ئۈستىدىكى ماھارىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەر قۇرۇلمىسى بارلىق مەنزىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوغلاق تارتىشىشتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ بارلىق ھالقىلىرى ئەسەردە گەۋدىلەنگەن. ‹‹ پامىر بۈركۈتى›› ناملىق ئەسەردە تاجىك مىللىتىنىڭ قوتاز مىنىش ماھارىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەر قىسمەن كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلغان، بۇ ئەسەردە دۇنيانىڭ ئۆگزىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تاجىك مىللىتىنىڭ قورقماس، ئىگىلمەس، قەيسىرانە كۆرەش قىلىش روھى تەسۋىرلەنگەن. ‹‹ قەشقەر كوچىسى›› ۋە ‹‹گېلەم ››. ‹‹ ئۇيغۇرلار›› ناملىق ئەسەرلەردە بولسا كۈندۈلۈك تۇرمۇش ناھايىتى تەبىئى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرلەردىن غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى، سەنئەتكە بولغان چوڭقۇر تەلپۈنىشىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
![]()
داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئاكا 1935.يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ)يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەت ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن 1946.يىلىدىن 1950.يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان .كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەھمەد ئاكا بالقلقق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان .غازى ئەمەت ئاكا 1952.يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان ئۇ 1954 ـــ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ، ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن . كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ئۇ ھازىر جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى - سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ، پىرافىسور شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى - دۆلەت دەرجىلىك ئاتاقىلىق رەسسام ھەم 1954 ـــ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن غازى ئەمەت رەسىملەر توپلىمى دىگەن كىتابنى . نەشىردىن چىقارغان جىنايى ھۆكۈم - جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ - 1982 ـــ يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەخمۇد قەشقەرى - بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ ـ1981 ـــ يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە1 ـــ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇقام ــ 1984 ـــ يىلى 6 ـــ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۆمۇش مىدالغا ئېرىشكەن1987 ــــ يىلى مۇسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان - مۇقام ئىشقى مەملىكەتلىك ماي بۇياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن .
شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، "چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى" بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 _ يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان "غېرىپ _ سەنەم" ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز _ يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 _ يىلىدىن 1982 _ يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق "ئاماننىساخان"، "مەھمۇد قەشقىرى"، رابىيە _ سەئىدىن" ۋە "يۈسۈپ خاس ھاجىپ" قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.غازى ئەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا مىللىتىمىزگە مەنىۋى دۇنياسىغا زوق بىرىپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئەمەليىتىدە كۆرسەتتى .غازى ئەمەت ئاكا ئۆزى ئوقۇغان ئانا مەكتىپىگە بىر كۇمپىيوتىز سىنىپى قۇرۇپ بەردى. يەنى غازى ئەمەت ئاكا ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتقان مەھەللە مەسچىتىگە ئاز بولمىغان ياردەملەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللى روھىنى ئۇنتۇپ قالمىدى .(مەنبە:پىچان مائارىپ تورى)
* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش *
ئالدىنقى پارچە : سىكەنىردە تارتىلغان رەسىملەر كىيىنكى پارچە : گۈزەل سەنئەتكار ئەبەيدۇللا مۇھەممەد