نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئىگىز قەۋەتلىك ئىمارەت ئۆينىڭ زىيىنى

يوللانغان ۋاقتى: 01:54 12-03-2011 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: ئوسمان ھۈسەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىنانىڭ قانچە ئېگىز قەۋىتىدە ئولتۇرسىڭىز قېرىشىڭىز شۇنچە تېز بولىدىكەن

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەمەلىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئادەتتىكى قەۋەتسىز ئۆيدە ئولتۇرغان ئادەمگە قارىغاندا تېز قېرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بۇ بايقىشى ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان يەر يۈزىدىن قانچە يىراقلاشقانسېرى سائەتنىڭ مېڭىش سۈرئىتى شۇنچە تېزلىشىدۇ، دېگەن نەزەرىيەنى ئىسپاتلىغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ نەزەرىيە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ھەيران قالغۇدەك ئىنچىكە پەرقنىڭ ئۆلچەپ چىقىلىشى تۇنجى قېتىملىقئىش.

  ئامېرىكا ئۆلچەم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى فىزىكلار دۇنيادىكى ئەڭ توغرا ماڭىدىغان ئىككى سائەتنى تەجرىبە قىلغان. نەتىجىدە، ئۇلار پەلەمپەيدىن چىقىشتەك بىر ئاددىي ھەرىكەتنىڭ ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  ئەگەر سائەتنى ئېلىپ يۈرگەن كىشىپەلەمپەيدىن يۇقىرىغا قاراپ بىر قەدەم يۆتكىسە، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدىكەن. بۇنىڭدىكى پەرق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىك بولسىمۇ،تەجرىبىدە ئىسپاتلانغان. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 79 ياش، دەپ ھېسابلىغاندا، ئۇكىشى يۇقىرىغا قاراپبىر قانچە قەدەم ماڭسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈركۆرۈش ۋاقتىدىن 100 مىليوندىن توققۇز سېكۇنت ئۆمرىنى خوراتقان بولىدىكەن. ئەگەر يۇقىرىغا تەخمىنەن ئون فۇت ئۆرلىسە، يەر يۈزىدە تۇرغان ئادەمگە نىسبەتەن مىليوندىن 90سېكۇنت ئۆمرى خورىغان بولىدىكەن. شۇنىڭغا ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار ئەگەر بىر ئۆمۈر بىنانىڭ (ئېگىزلىكى 1250 فۇت كېلىدىغان) 102 – قەۋىتىدە ئولتۇرغان ئادەم 1 مىليوندىن 104 سېكۇنت ئۆمرىنىخوراتقان بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى يەر شارى ۋە ئېغىرلىق كۈچ مەيدانىنى ئۆلچەشئۇسۇلىنى ياخشىلاشتا قوللىنىلماقچى ئىكەن. (ئوسمان ھۈسەن تەرجىمىسى)

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر