ئەتىگەنلىك تاماققا تۇخۇم يېيىش: كۈندە ئەتىگەندە ئىككى توخۇم يېيىش. توخۇم سېرىقى ۋە ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق قىزىل ماش ۋە شوخلا قىيامى قۇيۇپ، تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغان ھەمدە تويۇنۇش تۇيغۇسى ھېس قىلدۇردىغان يېمەكىلىك تەييار بولىدۇ. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تامقتىن بۇرۇن كۆكتان يېيىش: كۆكتاتتا سۇ تەركىبى مول، ئۇ پەقەت ئېغىرلىقنىلا ئاشۇرۇپ، ئىسسىقىلق مىقدارىنى ئاشۇرمايدۇ ھەمدە تويۇنۇش تۇيغۇسى ھېس قىلدۇردۇ. كۆكتات شورپىسى ئىچىش: چوقۇم كۆكتات شورپىسى ئىچىش، سېمىز گۆش شورپىسى ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى كۆكتاتتىكى سېلليۇلوزا ئاشقازاننىڭ كۆپ يېرىنى ئىگەللەيدىغان بولغاچقا، تويۇنۇش تۇيغۇسى ھېس قىلدۇردۇ. ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشغا ئەھمىيەت بېرىش: ئاۋۋال دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە قارا گۆش يېيىش، ئۇنىڭدىن كېيىن توخۇ گۆشى يېيىش، گۈرۈچ تامىقى ۋە ئۇن تامىقىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلۇپ، ئىتتىك خورايدۇ. پەقەت ئاقسىللا داۋاملىق ئېنىرگىىيە بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |