ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر > ئىقدىساد >

دۇنيا بانكىسنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونىنى قوللاش سىياسىتى

يوللانغان ۋاقتى: 00:01 20-02-2012 مەنبە: ئېنتىرنىت ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى قوللاش سىياسىتى ھەققىدە

دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يادروسى تۈر ئېچىش (项目开发) جەريانى شۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىززىتى، ھوقۇقى، ئىقتىساد ۋە مەدىنىيىتى قاتارلىقلارغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت.

ئاساسلىق مەزمۇنى:

(1) دۇنيا بانكىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەدىنىيىتىنىڭ ھەمىشە ئۇلار ياشاۋاتقان يەر ۋە ئۇلار تايىنىدىغان تەبئىي بايلىق بىلەن ئايرىلماس مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ ئالاھىدە ئەھۋاللار ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا تۈر ئېچىشتا ئوخشىمىغان ئەھۋالدا تۈردە خەتەر ۋە تەسىرى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، مەدىنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنىسي ۋە ئەۋلاد مەسىلىلىرىمۇ تولىمۇ مۇرەككەپ. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاساسىي توپ روشەن پەرققە ئىگە. ئاز سانلىق مىللەتلەر دائىم شۇ يەردىكى نوپۇسنىڭ ئىچىدە ئەڭ چەتلەشكەن ۋە ئەڭ ئاجىزلاشقان توپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيا بانكىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىيات جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قانۇن-سىياسەتلەر ئۇلارغا بولغان قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە.

(2) دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلەغ ياردەم بېرىش تەدبىرى: a) ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا يۇشۇرۇن ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىش، ياكى b) ئەگەر ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا مۇمكىن بولمىسا، چوقۇم ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەكىس تەسىرنى ئازايتىش ياكى كىچىكلىتىش كېرەك ياكى بۇ تەسىر ئۈچۈن تولۇقلىما بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلەغ ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ يادروسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مەدىنىيىتى بىلەن ئۇيغۇنلاشقان، ئۇلارنىڭ جىنسىي ۋە ئەۋلادلار ئارا سىغىشىشچانلىقى (包容性) بولغان ئىجتىمائىي ئىقتىسادتىن مەنپەئەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

(3) ئەگەر تۈر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەسىر ئېلىپ كەلسە، دۇنيا بانكىسى تۈر گۇرۇپپىسى قەرز ئالغۇچىنىڭ تۈر قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان تۈرنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئاھالىلەر بىلەن چەكلىمىسىزلىك (无限制条件) شەرتى ئاستىدا ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، كېڭىشىشى ئېلىپ بېرىشىغا ھەمدەمدە بولىدۇ.  تۈر تەييارلىقى ۋە ئېلىپ بېرىلىش باسقۇچىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيەت ئادىتىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بېرىشى كېرەك. ھەمدە جەمئىيەت باھالىشى ۋە چەكلىمىسىزلىك شەرتى ئاستىدا كېڭىشىش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىسىنىڭ تۈرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى قوللايدىغانلىقىغا جەزم قىلىش كېرەك.

(4) «ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات پىلانى» نىڭ تۈزۈلۈشى چوقۇم جانلىق، ئەمىلىي بولۇشى كېرەك. ئېھتىياجغا ئاساسەن، «ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات پىلانى» تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان قانۇن ۋە تۈزۈملەرنىڭ قۇرۇلمىسى؛ مۇناسىۋەتلىك تەسىرگە ئۈچىرىغۇچى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلەر نوپۇسى، جەمئىيىتى، مەدىنىيىتى ۋە سىياسى ئالاھىدىلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىسى، ئىگىلىكىدىكى ئىشلىتىلگەن ۋە ئىگىلەنگەن يەرلەر ۋە ئۇلار ياشاشتا تايىنىدىغان تەبئىي بايلىق ئۇچۇرلىرى؛ جەمئىيەت باھالىشى چۈشەندۈرۈلۈشى؛ تۈر تەييارلىق مەزگىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان چەكلىمىسىزلىك شەرتى ئاستىدىكى ئەھۋالنى بىلىش كېڭىشىشى چۈشەندۈرۈلۈشى، مەزكۇر كېڭىشىش چوقۇم تۈرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كەڭ ئاھالىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك؛ تۈرنىڭ ئېلىپ بېرىلىش مەزگىلىدە تەسىرگە ئۇچىرىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىسى بىلەن چەكلىمىسىزلىك شەرتى ئاستىدا ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەدىنىيىتىگە ماس كەلگەن جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىدىن مەنپەئەتلىنىش تەدبىر پىلانىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان يۇشۇرۇن خەتەر ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۇنى تۆۋەنلىتىش، ئازايتىش ياكى ئېلىپ كېلىنگەن تەسىرگە تولۇقلىما بېرىش تەدبىرلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش پىلانى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر پىلانىنىڭ چىقىمىنى ھېسابلاش ۋە مەبلەغ پىلانى؛ تۈرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا تۈرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تەپەيلى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەرز-شىكايەت باسقۇچ تەرتىپىگە ماس كېلىشى كېرەك؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەكشۈرۈش، باھالاش، دوكىلات قىلىش مىخانىزمى ۋە كۆرسەتمىسىگە ماس كېلىشى كېرەك.

ياخشىكەن
(22)
95.7%
ناچاركەن
(1)
4.3%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر