مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1876 رەت   / مەنبە: -

نېرۋا ئاجىزلىقنىڭ شىپاسى


* ناشتىدىن بۇرۇن ياڭاق مېغىزىنى يەپ ئادەتلەنسە ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ . 

   * كۈندىلىك تاماققا 30–50 گىرام پىياز قوشۇپ يېسە ، ئۇنتۇغاقلىققا پايدا قىلىدۇ . 

   * ئەنجۈر ، پىشقان ئۈزۈم ، ئالما ، نەشپۈت قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ . 

   * ئۈزۈم شىرنىسىنى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . 

   * نېرۋا ئاجىزلىقتىن بولغان باغ ئاغرىقىغا ، كۆز قاراڭغۇلىشىشقا 10 دانە چىلان ، ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى ، 15 گىرام ئالقات تەييارلاپ چىلان بىلەن ئالقاتنى سوغۇق سۇغا سېلىپ يېرىم سائەت قاينىتىپ ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ پىشۇرۇپ ، كۈندە ئىككى قېتىم يەپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . 

   * قېمىز ، سۈت ، تۇخۇم ، شېكەر ، ھەسەل قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە بولىدۇ . 

   * ئۆرۈك قېقى مۇرابباسىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ . 

   * دۈملەپ پىشۇرغان باجكا گۆشىنى تۆت ھەپتە ئىستېمال قىلسا نېرۋا ئاجىزلىقى ، بەدەن ئاجىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، كۆپ تەرلەش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.