ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە ، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى نىكوتىننىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن . چۈنكى ، ھاراقكەشلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چېكىدۇ . تەتقىقاتچىلار ئوخشاش بىر رايوندىن كەلگەن 172 نەپەر ئەرنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بارغان . بۇنىڭ ئىچىدىكى 103 نەپەر ئەر ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار ئىكەن . تەتقىقات نەتىجىسىدە ، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار بىلەن تاماكىنى كۆپ چېكىدىغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىگىلەش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان . گەرچە نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەردە تاماكا چەككەندىن كېتىن تېتىكلىشىش ۋە زېھنى تېخىمۇ مەركەزلىشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسىمۇ ، لېكىن بۇ ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپ ، ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى يەنىلا كۆپ بولىدىكەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.