مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1471 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مېڭە توسۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى


  مېڭىش : كۈندە ئەتىگەندە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش ، پىيادە ئايلىنىش ، شېغىل ياتقۇزۇلغان يوللاردا 2000 قەدەم مېڭىش ، بىنا پەلەمپەيلىرىدىن 100 قېتىم چىقىپ – چۈشۈش .

      سۆزلەش: مېڭە تىقىلمىسى تىل ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرىدۇ . شۇڭا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، سۆزلەشنى مەشىق قىلىپ بېرىش ، كۈندە قىيىن سۆزلەرنى پىششىق ئوقۇپ ، تىلنى مەشىق قىلدۇرۇش .

      يېزىش : كۈندە تاياق بىلەن يەرگە خەت يېزىشنى مەشىق قىلىش ، ھەر قېتىمدا 100 سۆز يېزىش .

      ھېسابلاش :  دائىم مارجان ساناش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش .

      تاراش : ئەتىگەن ۋە كەچتە قول بارماقلىرى بىلەن باشنى تاراشنى 100 قېتىم داۋاملاشتۇرۇپ ، باش قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى ياخشىلاش .

      تاماق يېيىش : يېمەك – ئىچمەك تۇزسىز بولۇشنى ئاساس قىلىش ، دائىم كاۋا ، سەۋزە ئىستېمال قىلىپ ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىشقا ياردەم بېرىپ ، قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.