مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 915 رەت   / مەنبە: -

پالەچ


تۇنۇش :

 مەلۇم بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ھەركەت ۋە سىزىمنىڭ پۇتۇنلەي يۇقۇلىشى ياكى نىسبي يۇقۇلىشى ، ياكى مەلۇم توسقۇنلىققا ئۇچۇرشىنى كۆرسىتىدۇ. .

پالەچنىڭ تۇرلىرى: پالەچ بولغان ئۇرۇننىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن بەش تۇرلۇك بولىدۇ .

1) كەسمە پالەچ : بەدەننىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىنىڭ ھىس ھەركىتىنىڭ يوقۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

2) يىرىم پالەچ :بەلنىڭ ئاستى ياكى ئۇستى قسمىنىڭ ھىس- ھەركىتىنىڭ يۇقۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

3) ئەتراپ نىرۋا پالىچى ياكى تىترەشلىك پالەچ : بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا بارىدىغان نىرىپلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن ئۇنىڭ ھەركىتى ۋە سىزىمى تۇلۇق بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4) لەقۋا: يۇز مۇسكۇللىرىدىكى ھىس – ھەركەت سىزىمىنىڭ يۇقۇلىشى بىلەن يۇز مۇسكۇللىرىدا بۇشاپ كىتىش بولۇپ ئاندىن ئىغىزىدا مايماقلىشىش ئالامەتلىرى بۇلۇش بىلەن ئىېادىلنىدىغان كىسەللىكنى كورسىتىدۇ .

5) بالىلار پالىچى: بالىلاردا بولىدىغان پالەچنى كۆرسىتىدۇ.

كسەللىك سەۋەبى:

1)      بەلغەم خىلىتنىڭ تەبىئي مىقدارىنىڭ ئارتىپ كىتىشىدىن بولىدۇ.

2)      بەلغەم خىلىتنىڭ قان خىلىتغا ئارلىشىشىدىن يەنى بەلغىمى شىرىندىن بۇلىدۇ.

3)   قان خىلىتنىڭ تەبىئي مىقدارىنىڭ ئىشىپ كىتىشى ياكى قان خىلىتنىڭ ھەر خىل جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىشى ،چىرشىدىن كىلپ چىقىدۇ.

4)      غەيرى تەبىئي سەۋدا خىلىتىدىن كىلىپ چقىدۇ.

5)  ئىستىپراغنىڭ بەك كۆپ بولۇشى (يەنى كۆپ ئىچى سۇرۇش، كۆپ تەرلەش، كۆپ قەي قىلىش، كۆپ قاناش ) سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

6) داۋالاش جەريانىدىكى نا توغرا مەشغۇلاتلارسەۋەبىدىن كىلپ چىقىدۇ.

7) ھەرخىل ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش قاتارلىق سىرتقى زەخمە ۋە قىيىن تۇغۇت سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

8) ھەرخىل روھىي ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ پالەچلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.

كىسەللىك ئالامىتى: بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسملىرىدا جىددىى ياكى ئاستا پەيدا بۇلىدىغان ھىس-ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولۇپ، يۇقارقى بەش خىل تۇردىكى پالەچنىڭ بىرەرسى ياكى بىر ئىككى خىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزىدە يەڭگىل بەزىدە شۇ چاغدا بىراقلا باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مىزاج، خىلىتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر قۇشۇلۇپ كىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.