مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1100 رەت   / مەنبە: -

نېرۋا ئاجىزلىقى


تونۇش :

نېرۋا ئاجىزلىقى كىلاسسىك ئەسەرلەردە « زەئفى ئەسەب » دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھى زەربىگە ئۇچراش ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چوڭ مىڭە پوستىلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تۇرمۇزلىنىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ ، كىلىنكىدا باش ئاغرىش ، چارچاش ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئۇنۇتقاقلىق ، زېھنىنى يىغالماسلىق ، پيىكىر خىيالى چېچىلاڭغۇ بولۇش ، ئاساسن ھاياقانلىنىش ، يۈرەك سېلىش ، قورقۇنچاق بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ ، ياشانغانلار ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ .

سەۋەبى :

1.   پاسسىپ روھى كەيپىيات ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن يۇز بىرىدۇ .

2.   قاقالايمىقان تۇرمۇش تەرتىۋى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

3.   قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كىتىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

4.   بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپۈيىپ كىتىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

5.   سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپۈيىپ كىتىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

6.   باشقىلار .

ئالامىتى :

باش ئاغرىش ، باش قېيىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، كۆپ چۈش كۆرۈش ، قورقۇنچاقلىق ، ماغدۇرسىزلىق ، زېھنىنى يىغالماسلىق ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ، ئىچى سىقىلىش ، يالغۇزلىقنى خالاش قاتارلىقلار بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى .

دىئاگنوز ئاساسى :

تېپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ .

ئاقىۋىتى :

ۋاقتىدا توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا  ، بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كىلىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا مالىخۇلىيا ، تۇتقاقلىق يۈرەك رېتىمسىزلىقى ، يۈرەك زەئىپلىشىش ، جۇنۇن قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىكلەرگە تەرەققى قىلىدۇ .

داۋالاش پىرىنسىپى :

1.   خىلىت سەۋەبىدىن بولسا خىلىتقا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

2.   باشقا سەۋەپلەردىن بولغان بولسا ، شۇ خىل سەۋەپ يوقۇتىلىدۇ .

3.   ئىشتىھانى ئېچىش ، ھەزىمنى ياىشىلاش ، مىڭە ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.