ساداقەتمەن بلوگى
دوستلارنىڭ بلوگىمنى زىيارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
-
2010-10-11
ئوتكۇر ئەپەندى روبائىلىرى (2) - [شېئىرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/77835521.html
بىرەر نادان ساڭا ئۇگەتسە دانىش،
كۇلۇپ قوي ئاڭا سەن قىلما كايىش.
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش.
>>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<<
دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مومىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ بولماقنى دوزاختىن ئامان.
ۋە لىكىن دوزاخنىڭ ئوزى ئېيتارمىش:
<< مەن ئۇزۇم قورقىمەن ناداندىن يامان>>
>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<<<<
يۇلۇڭ بولسا توغرا مەردانە بولغىن ،
ھەقىقەت شامىغا پەرۋانە بولغىن.
>ئېشىڭ ھالال بولسا توت كوچىدا ئىچ<
دەيدۇ ئەل ھەق ئۇچۇن قۇربانە بولغىن.
>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<<<
كۇڭۇل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ
مۇبادا رەشىك ھەسەت قاپلىسا ئۇنى
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.
>>>>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<
ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق.
ئۇسۇشمەي ئۇتۇەۇ ئەزەلدىن ئىناق،
جاھان كەڭرى دوستۇم يىتەر ھەممىگە
ئادەمگە ياراشماس سوڭەك تالاشماق.