ساداقەتمەن بلوگى
دوستلارنىڭ بلوگىمنى زىيارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
-
2010-10-11
ئوتكۇر ئەپەندى روبائىلىرى - [شېئىرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/77835119.html
خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پاقىراپ تۇرغان بىلەن ،
مېغىزى شىرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن .
كوكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
ئىسسىتار ئەلنى كومۇر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.
>>>>>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<<<<<<<<
ئالدىراپ ھەر كۇنلىكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك ،
كۇن چىقا چىقمايلا تېز سۇلىشۇر جا نەرسىدەك.
مىرزە سەبدە گۇلى رەيخان يا قىزىل مودەنگە باق
تاكى كەچ كۇز كىرگۇچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك.
>>>>>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<<<<<<
سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئوسكەنسىرى،
بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بوران شامال تەككەنسىرى.
سۇ بۇيۇدا جىلۋە قىلغان لەيلى مەجنۇن تالنى كور
ئاشىدۇ كوركى ئۇنىڭ ئوز قەدىنى ئەككەنسىرى.
>>>>>>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<<<<<
گۇللا بولسا گۇل ئەمەس گۇلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بۇلۇپ
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس ئادەم سىياقى بولمىسا.
>>>>>>>>>>>>>>><<<<<<<<<<<<<<<<<
ئادىمىنى ئادەم ئەتكەن ئۇنىڭ ھوسنى ئەمەس،
ھوسنى بىر سۇرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراقى بولمىسا.
بىر مىسال : پانۇسنى كور شام چىراقسىز يۇرماس
نۇر چاچامدۇ شام چىراق پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.
1980-يىل13-مارىت ئۇرۇمچى: