ساداقەتمەن بلوگى
-
2010-10-09
ئانا ماڭا كۈلۈپ قاراڭچۇ؟ - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/77368449.html
دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىنسان ئانا مىھرىگە مۇھتاج. مەنمۇ ھەم شۇلارنىڭ قاتارىدا، بارلىق ئانىلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن!
ئانا بىلەمسىز؟ مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈشكە، خورلۇق ھىس قىلىشقا باشلىدىم. ھەر قېتىم سىزدىن قوپال گەپلەرنى ئاڭلىغىنمىدا، قانچىلىك ئازابلىندىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟
ھەر قېتىم ھاياتتىن ئۈمۈدىمنى ئۈزگەندە، ماڭا ھەمرا بولىدىغىنى يەنىلا مېنىڭ غايەم ئىدى. غايەم ماڭا « سەن پەقەت بۈگۈننىلا ئويلامسەن؟ سېنىڭ يەنە كەلگۇسىڭ بار تۇرسا، يەنە ئۆزۈڭدىن رەنجىمسەن؟ ئۆزۈڭگە-ئۆزۈڭ يار يۆلەك بولمىساڭ، ئۆزۈڭنى-ئۆزۈڭ ھۆرمەت قىلمىساڭ، كىم ساڭا يار-يۆلەك بولىدۇ؟ كىم سېنى ئىززەتلەيدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ؟ » دەيدۇ. شۇندىلا مەن ھاياتقا كۈلۈپ بېقىشقا تىرىشىمەن.
ئانا، مەن سىزنىڭ ھامان بىر كۈنى كۆڭلۈمنى چۇشنىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. مېنىڭ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بولسىمۇ، لىكىن دىيەلمەيمەن، چۇنكى مەن << ئانا >> دىيشىمگىلا ، سىز << ھە، نىمە >> دەپلا سۆزۈمنى توختىتىپ قويىسىز.
ئانا، ھېچ بىلمىدىم، مەن يا سىزنىڭ ئۆگەي بالىڭىز بولمىسام، نىمىشقىمۇ ماڭا توڭ تىگىدىغانسىز-ھە؟ بىر قېتىم شەخسىي تۇرمۇشۇم ئۈچۈن پۇل سورىغىنىمدا، سىز ماڭا ۋارقىراپ << كۈندە پۇل سوراۋېرەمسەن، داداڭدىن سورا >> دىدىڭىز . لېكىن شۇ چاغدا كۆڭلۇمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى، قانچىلىك خورلۇق ھىس قىلغانلىقمنى بىلمىدىڭىز.
كۆزلىرىم لىق ياشقا تولغان ھالدا ئاستاغىنا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ماڭا قىلغان سوغوق مۇئامىلىڭىز مىنى ئىنتايىن چۈشكۈنلەشتۈرۋەتتى، دەرسلەردىنمۇ نەتىجەم چۈشۈپ كەتتى. مەن سىزنىڭ ماڭا غەمخورلۇق قىلىشىڭىزغا، كۈلۈپ قارىشىڭىزغا مۇھتاج.
سىزنىڭ مۇشۇ ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا چېكىۋاتقانلىقىڭىزنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمەن. كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مەن بىلەن مۇڭدىشىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئانا، ھەر كۈنى قاپىقىڭىزنى تۈرۈپلا يۈرىسىز، قاچانمۇ بۇ خاپىچىلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلارسىز؟ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەرمۇ؟
ئانا، مەن سىزنىڭ ھەر كۈنى خۇشال كەيىپىياتتا يۈرىشىڭىزنى كۆرسەم دەيمەن، ماڭا بىرەر قېتىم كۈلۈپ قارسىڭىز، مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك، شۇنداق قىلغان قىلسىڭىز سىزگە جېنىمنىمۇ بېرىشكە تەييار ئىدىم. ئانا، ماڭا كۈلۈپ قاراڭچۇ!