ساداقەتمەن بلوگى
دوستلارنىڭ بلوگىمنى زىيارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
-
2010-10-07
QQ دىگەننى مۇنداق قوغدايمىز جۇما !! - [تور بىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/76965085.html
بۈگۈنكى كۈندە تورغا چىقىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم چۇقۇم qqئىشلىتىدۇ، ھەم qqسىنىڭ ھەر ۋاقىت خاتىرجەم تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. شۇڭا qq بىخەتەرلىكىنى قوغداش ناھايىتىمۇ مۇھىم. ئەمما بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش يىڭى qq ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن نامەلۇم ئۇقۇم ئىكەن. شۇڭا يىڭىدىن qqئىشلەتكەن دوستلار پايدىلنارمىكىن دىگەن نەزەردە تۇرۇپ بۇ دەرسلىكنى يوللىدىم.
ئەلۋەتتە بىلگەنلەر سۆزلەيلى، بىلمىگەنلەر ئۈگۈنىۋالسۇن، بىلمىگەنلەر سۇرايلى، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن شۇنداق ئەمەسمۇ.
ئەمىسە نەخ گەپكە كىلەيلى.
بىرىنچى باسقۇچ:
ئاۋال ئۈزىمىز مەخپى نۇمۇرغا قارىتا قوغداش ئېلىپ بارماقچى بولغان qqنى ئاچىمىز، ھەمدە باش سۈرىتى ئۈستىدە مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى تاق چىكىمىز. بۇ ۋاقىتتا تۈۋەندىكىدەك qqدىتالىنىڭ شەخسى ماتىريالنى لاھىيلەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. چىققان كۆزنەكتىن 密码安全تۈرىنى تاللايمىز.
ئىككىنچى باسقۇچ:
بۇ ۋاقىتتا تۈۋەندىكىدەك مەخپى نۇمۇر بىخەتەرلىكىنى لاھىيلەش كۆزنىكى چىقىدۇ، بۇ كۆزنەكتىن 申请qq密码保护 تۈرىنى تاللايمىز.
بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ مەخپى نۇمۇرغا قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىش ھالىتىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ ھەمدە ماتىريالنى تۇلۇقلاشنى سۇرايدۇ. رەسىمدىكىدەك، بۇ ۋاقىتتا بىز تۇلۇقلاش ئېلىپ بارىمىز.
ئۈچىنچى باسقۇچ:
بۇ ۋاقىتتا مەخپى نۇمۇرغا قارىتا ئىككى خىل قوغداش ئېلىپ بېرىش تۈرى چىقىدۇ، بۇنىڭ بىرسى تىلفۇن ئارقلىق قوغداش قىلىش، يەنە بىرسى emil يەنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئارقىلىق قوغداش قىلىش، بىز بۇ تۈردىن خالىغان بىر تۈرنى تاللىساق بۇلىدۇ، تۈۋەندە مەن ھەقسىز بولغان ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئارقىلىق قوغداشنى تۇنۇشتۇرماقچى شۇڭا بىز بۇ كۆزنەكتىن 设置密保邮箱 تۈرىنى تاللايمىز.
بۇ ۋاقىتتا ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئارقىلىق مەخپى نۇمۇرغا قوغداش ئېلىپ بېرىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، رەسىمدىكىدەك. بۇلارغا بىز ئەينى ۋاقىتتا qqنى ئالغان ۋاقىتتا تولدۇرغان جاۋاپنى يازىمىز، ئاستىدىكى ئۇرۇنغا ئۈزىمىزنىڭ emil ئادرىسىمىزنى يازىمىز
مەسىلەن مەن تۈۋەندىكىدەك يازدىم.
تۆتىنچى باسقۇچ:
بۇ ۋاقىتتا لاھىيلەنگەنلىكىنى خەت ساندۇقىمىزغا ئۇچۇر ئەۋەتىشنى سۇرايدۇ، بىز 发送验证邮箱 تۈرىنى تاللايمىز.
بەشىنچى باسقۇچ:
شۇ ۋاقىتتا بايام بىز بىكىتكەن خەت ساندۇقىغا تۈۋەندىكىدەك بىر ئۇچۇر كىلىدۇ. بىز 单击这里继续申请تۈرىنى تاللاپ مۇقۇملاشتۇۋالىمىز.
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام.
يەنە بىر ئىش بىز qq نى ئالغان ۋاقىتتا ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ ئادرىسىنى سۇرايدۇ، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا توشقۇزۇپ بولغان بولساق ئاپتۇماتىك ھالدا شۇ خەت ساندۇقىغا باغلانغان بۇلىدۇ، ئەگەر تولدۇرمىغان بولساق يۇقىرقى ئۇسۇل بۇيىچە قوغداش قىلساق بۇلىدۇ. قوغداش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن كىين بىر كۈنلەرگە كىلىپ qq رىمزىنى ئوغرى ئېلىپ كەتسە مۇشۇ قوغداش قىلغان ئىلىكتۇرۇنلۇق خەت ساندۇقى ئارقىلىق قايتۇرۋالغىلى بۇلىدۇ. يەنى قايتۇرۋرلىش ئەرزى قىلغان ۋاقىتتا قانداق ئۇسۇلدا قايتۇرۋېلىشنى سۇرايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بىز ھازىر كىرگۈزگەن ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ ئادرىسىنى كىرگۈزسەك خەت ساندۇقىمىزغا تۈۋەندىكىدەك ئۇچۇر كىلىدۇ.
بىز مۇشۇ ئۇچۇردىكى 39592932 دىگەن نۇمۇرنى ئەرىز قىلغان ئۇرۇندىكى 验证号码 يازىدىغان ئۇرۇنغا يېزىپ ئىلتىماس قلىشنى داۋاملاشتۇرساق بۇلىدۇ.